logo

trugen jacn

دائىرىلەر مەكىتتە كىشىلەرنى تېررورلۇقنى دەلىللەش ئۈچۈن ساختا ئىسپات بېرىشكە ئۈندىگەن

Hidayitulla-Tahir

nurmemet-yasin-pahishe-qatil

Abdukeyim-AdilAbdusalam-EnverEnver-Ablikim

 شۆھرەت ھوشۇر

 

ئاشكارىلىنىشىچە، مەكىت ناھىيىلىك سوتنىڭ سۇلايمان ئابلىمىت قاتارلىق 6 نەپەر ياشنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ھۆكۈمنامىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتتا رەت بولغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دېلو ھەققىدە ساختا ئىسپات بېرىشكە ئۈندىگەن.

مەكىت جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان بىر گەپتىن قارىغاندا، ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۈرئەت سايىم، خىتاي پاھىشەنى ئۆلتۈرگەن گۇماندار نۇرمەمەت ياسىننىڭ دادىسى ياسىن نامەتنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ئوغلىنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن 6 دوستىنى ئۆزىگە شېرىك قىلىپ چېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. جۈرئەت سايىمنىڭ مەزكۇر 6 نەپەر گۇماندار بىلەن شەخسىي ئاداۋىتى بارلىقىنى بايقىغان ياسىن نامەت، ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ مەسلىھەتنى رەت قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، جەمئىيەتتە تارقالغان يۇقىرىقى سۆزنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى

بىز جەمئىيەتتىن سىياسىي قانۇن سېكرېتارى جۈرئەت سايىمنىڭ گۇماندارنىڭ دادىسى نامەت ياسىننى ساختا ئىسپات بېرىشكە ئۈندىگەنلىكى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدۇق:

سوئال: بىز مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىدۇق، ناھىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى نۇرمەمەت ياسىننىڭ دادىسىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ «بالىڭىزنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا شېرىك تېپىلىشى كېرەك» دەپتۇ؟ سىزچە بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، بۇ جەمئىيەتتە بەك كەڭرى گەپ. نامەت ياسىن «بالامنىڭ شېرىكى يوق، كىشىلەر بىلەن ئىزدىشىدىغان ۋاقتىمۇ يوق بالا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

سوئال: نېمە مەقسەتتە شۇنداق دەيدۇ؟
جاۋاب: شەخسىي ئاداۋەت بولمامدۇ، بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى سولىۋېتىش ئۈچۈن، قىلىۋاتقان ئىش. بىز دېدۇق، شەخسىي ئاداۋىتىڭلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇۋال قىلماڭلار دېدۇق، قۇلاق سالىدىغان ئادەم يوق.

دائىرىلەر سۇلايمان ئابلىمىت قاتارلىق 6 نەپەر ياشنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشتە، ئۇلارنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرىدىن نۇرمەمەت جۈمە بىلەن جۈرئەت سايىم ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ئاساسلانغان. يەنى گۇماندارلاردىن بىرىنىڭ بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ پەرەنجىلىك ئايال ۋە ساقاللىق ئەرلەرگە قىلغان زوراۋانلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ «بۇلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگەنلەرگە ئاخىرەتتە ئەجرى بېرىلىدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا تېررورلۇقنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما ھۆكۈم تۇتقۇلۇق پاكىتقا تايانمىغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر ئوتتۇرا سوتتا رەت بولغان. دائىرىلەر ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نامەت ياسىنغا ۋاسىتىلىك تەھدىت سېلىپ، ئۇ ياكى ئوغلىنى شېرىكچىلىك ھەققىدە ساختا ئىسپات بېرىشكە ئۈندىگەن. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نامەت ياسىنغا تېلېفون قىلدۇق:

سوئال: ئاڭلىساق سىزنى، ناھىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى، ساختا ئىسپات بېرىشكە دەۋەت قىپتۇ، بۇ گەپ توغرىمۇ؟
جاۋاب: راست. بىر كۈنى بىرى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. بارسام، ئوغلىڭىزغا شېرىك تاپساق ياخشى بولاتتى، دەيدۇ. مەن دېدىم، «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئالدىراش ئىشلەپلا يۈرگەن بالا، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىدىغانغىمۇ ۋاقتى يوق…» دەپ.

سوئال: شېرىك تاپساق دېگىنى نېمە دېگىنى؟
جاۋاب: «زەمبىلنىڭ سېپىنى بىر ئادەم سۆرەپ ماڭغانغا قارىغاندا، ئىككى ئادەم، ئىككى ئادەم كۆتۈرۈپ ماڭغانغا قارىغاندا 4 ئادەم كۆتۈرۈپ ماڭسا يەڭگىل توختايدۇ، جازا ئېغىر بولمايدۇ دېمەكچى.

سوئال: بۇ سىزنىڭ، شۇ شېرىك تېپىش دېگەن گېپىدىن چىقارغان يەكۈنىڭىزمۇ ياكى نەق ئېغىزىدىن چىققان گەپمۇ؟
جاۋاب: ئەينەن ئېغىزىدىن چىققان گەپ. مانا 20 ئاي بولدى سولىۋالغان پېتى سوتقىمۇ قاتناشتۇرمىدى، يۇقىرى بىر يەرلەرگە ئەرز يازايلى دېسەك، بالا بىلەن كۆرۈشەلمىگەندىكىن، نېمە دەپ يېزىشىمىزنىمۇ بىلمەيۋاتىمىز….

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار، خىتاي سوتىنىڭ ھازىرغا قەدەر كىشىلەرنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلغاندا قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-pahishe-04292014161111.html

Share
2188 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.