logo

trugen jacn

دائىرىلەر قاراماي شەھىرىدىكى مەسچىتلەردە چاغانلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

image (1)

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قاراماي شەھىرىدە قاراماي رايونىغا قاراشلىق 10 مەسچىت بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كېلىدۇ دەپ قاراپ، بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش باھانىسىدە مەسچىتلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى ئاشۇردى.

قاراماي شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، قاراماي شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىدىن تەشكىللەنگەن خىتاي تەرەپدارلىرى مەسچىتلەردە چاغان بايرىمى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىمىز دېگەن باھانە بىلەن 13-فېۋرال كۈنى قاراماي شەھەرلىك 1-زاۋۇت مەسچىتىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، مەسچىت ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن مەسچىتكە كېلىۋاتقان ئېتىقادچى جامائەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كىشىلەرنى بايقىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلىشنى تاپىلاپ، مەسچىت كىتابخانىسىدىكى كىتابلارنى تەكشۈرۈپ، تەستىقلانمىغان كىتابلارنى مۇسادىرە قىلغان، چاغانلىق نۆۋەتچى بەلگىلىگەن.

1-زاۋۇت مەسچىت ئىدارە ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر چاغانلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى باھانىسىدە مەسچىتلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، مەسچىتتە ئېيتىلىدىغان ۋەز تەبلىغلەرنى يازما شەكىلدە يېزىپ بەلگىلەپ بەرگەن ھەمدە قاراماي شەھىرىنىڭ يېڭى رايونىدىكى مەسچىت سېلىش ئىشلىرىنى تەستىقلىمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/qaramay-meschit-02182015145851.html

Share
1549 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.