logo

trugen jacn

دائىرىلەر خوتەندە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بارماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۇيغۇرلارنىڭ پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشىنى قەتئىي چەكلەش ئۈچۈن قايتىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنى چىڭىتقان بولۇپ، بولۇپمۇ خوتەن دىيارىدا، ئاياللارغا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىش ۋە ئارتۇق تۇغقانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇشنى ئومۇملاشتۇرماقتا ئىكەن. بۇ ئۇچۇر خوتەن ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن بىرىنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ ئوقۇرمەننىڭ خوتەن قاراقاشتا ئولتۇرۇشلۇق بىر قىز قېرىندىشى بىر ئاي ئىلگىرى ناھىيىدىكى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مەڭگۈ تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولۇپ، سالامەتلىكى ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمىگەن ھەمدە ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئېغىر روھىي ئازابتا قالغان. ئوقۇرمەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز قېرىندىشى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۆزى 30 ياشلاردا، شەھەر نوپۇسى ئىكەن.

ئوقۇرمەننىڭ قىز قېرىندىشىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىشىچە، خوتەن دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى، ئىدارە-ئورگانلاردا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، يېڭى سىياسەت بويىچە پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، پىلاندىن ئارتۇق ھەر بىر بالىغا 30 مىڭ سومدىن جەرىمانە تۆلەش ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى شەرتلىكىنى ئۇقتۇرغان. مەسئۇل خادىملار يەنە، تەكشۈرۈشكە كىرگەن ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلارنى مەلۇم قىلىپ جەرىمانە تۆلىمىگەندە، پاش بولۇپ قالغانلارغا ئون ھەسسىلەپ جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى ۋە يېقىندا ئېلان قىلغان ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بويىچە، «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بويسۇنماسلىق» بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

بىز پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خوتەندىكى يېڭى ئىجرائاتلىرى ھەققىدە كەلگەن بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش يۈزىسىدىن، خوتەننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، دەسلەپ خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ۋىلايەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم ئۆزىنىڭ يېڭى كەلگەنلىكىنى پەش قىلىپ بۇ ھەقتە باشقا جاۋاب بەرمىدى.

بىز قاراقاش ناھىيىلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفون ئۇلىدۇق

‏- ھازىر، شەھەر نوپۇسىغا 2 بالا ئېلىشقا رۇخسەتمۇ؟ 3 بالىمۇ؟
– ھازىر 2.
– شۇ 2 بالا ئېلىپ بولغان بولسا، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىكەن دەپ بىر ئۇقتۇرۇش چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.
– ئارتۇق تۇغقانلارنىڭ گېپىمىكىن ئۇ، جەرىمانە ئېلىپ شۇلارنى ئوپېراتسىيە قىلىدىكەن دەپ ئاڭلىغان شۇ، ئىدارىدىن بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتۇ، مەن ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.
– ئۇ ئوپېراتسىيەنى ئويمۇ-ئۆي تەكشۈرۈپ قىلىۋاتامدۇ-يا ئۆزلۈكىدىن ئىختىيارىي قىلىۋاتامدۇ؟
– ھەر ئايدا بىر تەكشۈرۈشى بار ئاينا… ھە.
بۇ خادىم گەپ ئارىلىقىدا، ئىشخانىسىدىكى يەنە بىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز دائىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ يەنە مۈجمەل تەرەپلىرىگە جاۋاب ئىزدەش ئۇزۇن، دوختۇرخانىلار ۋە داۋالاش پونكىتلىرىغا تېلېفون ئۇلاپ كۆردۇق.

خوتەننىڭ ئەڭ چەت ياقىلىرىدىن لاڭرۇ يېزىلىق ئانا، بالىلار ساقلىق ساقلاش مەركىزىدە كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر ئەر كىشى، تېلېفوننى ئالدى، ئۇ بۇ سىياسەتنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، جاۋابلىرىدىن بۇ يېزىدىكىلەرگىمۇ تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى :

– ھازىر ھەممە يەردە 2 بالىدىن ئارتۇق تۇغقانلارغا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋېتىپتۇغۇ، ئۇنى دوختۇرخانىدا قىلامدۇ؟ نەدە قىلىدۇ؟
– ھە، ھە، دوختۇرخانىدا قىلىدۇ بۇنى.
– بىكارلىقمۇ ئوپېراتسىيە؟
– 7-يۈز كوي تۆلەيدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
– ئىككى بالىلىق بولۇپ بولغانلارنى ئوپېراتسىيە قىلامدىكەن؟ شەرتى نېمە سىياسەت بويىچە؟
– ئۇنى ھازىر 3 تىن ئارتۇق زىيادە تۇغقانلارغا قىلىغلىق.
– ھازىر شۇنى قىلىۋاتامدۇ؟
– قىلىغلىق. ئۇنى قىلمىسا بولمايدۇ، قىلىش مەجبۇرىيەت.
– ھەر بىر ئارتۇق تۇغقان بالىغا قانچە جەرىمانە ئالىدۇ؟
– ئۇنى تازا بىلمەيدىكەنمەن. مۇشەگە كېلىپ سورىسىلا بولىدۇ ئۇنى.

گۇما ناھىيە يېڭىيە يېزىلىق داۋالاش پونكىتىنىڭ سېستراسى يېزىلىق دوختۇرخانىدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىش شارائىتى بولمىغاچقا، شەرتكە توشقان ئاياللارنى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا يوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن يەنە، خىتاي قانۇنىدا يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ ئەسلى 3 پەرزەنتلىك بولۇشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان خىزمەتچىلەرگە، يېزا نوپۇسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ 2دىن ئارتۇق بالا ئېلىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

– تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنى مۇشۇ يېزىدىمۇ قىلامدۇ ‏- يە؟
– ياق بىزنىڭ مايەدە قىلماغلىق، ناھىيەگە ئاپىرىپ قىلدۇرۇپلا بىزگە بېرىدۇ، بىز مەيەدە داۋالايمىز. دوختۇرخانىدا ئۇنداق شارائىتىمىز يوق.
– ئۇنى 2 بالا ئېلىپ بولغان بولسا چوقۇم قىلامدۇ؟
– چوقۇم قىلىش كېرەك.
– سىياسەت بويىچە شەھەرگە 2، يېزىغا 3 بالا رۇخسەتتىغۇ؟
– مەسىلەن سىز ۋە يولدىشىڭىز يېزا نوپۇسى خىزمەتچى ئەمەس، خىزمەتچى بولمىسىڭىز، ئاينا ئۇ دېھقانلىرىنىڭ 3 يا ئاينا بالىسى.
– دېھقان نوپۇسى 3، شەھەر نوپۇسى 2 ما؟
– خىزمەتچىلىگىمۇ 2.
– ھە دېگىنىڭىز يېزا نوپۇسى بولسىمۇ، ئەگەر خىزمەتچى بولسا 2
– ھەئە ئۇلارغىمۇ 2.
– ئىككى بالا تۇغۇپ بولغان بولسا چوقۇم تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى (‏جيېجا) قىلامدۇ؟
– ھە شۇ جيېجا شۇ ھە، چوقۇم ناھىيىگە بېرىپ قىلىدۇ.
– ھەق ئالامدۇ؟
– ئۇ ھەقسىز، دورا داۋالاشلىرىنى مۇشۇ يەردە ياتاق پۇلىنى تۆلەيدۇ. ئوپېراتسىيە ئىشلىرىنى بىزمۇ بىلمىدۇق. چوقۇم قىلىشى كېرەك، قىلمىسا بولمايدۇ. شۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئىش تۇرسا ئاينا ئۇ سىياسەت تۇسا.
– قاچان چۈشتى بۇ سىياسەت؟
– ئۇنى مەن بىلمەيمەن.
– ئۇ سىياسەت باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئوخشاشما؟ مەسىلەن خەنزۇلارغا.
– تاڭەي، بىز بىلمىدۇق ئاينا، ئاشۇلار قىلىڭلا دەيدۇ قىلىمىز. قىلماڭلار دېسە قىلمايمىز شۇ… مەن يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى پەقەت ئىشنى بۇيرۇيدۇ، بىز بۇيرۇغان ئىشنىلا قىلىمىز. باشقا ئىشنى بىلمىدىم.
– بۇ سىياسەتنى قاچان باشلىدى بىلەمسىز؟
– ئىشقىلىپ 1، 2 ئاي، مۇشۇ 2017 كىرگەنىڭزى بار ئاينا.

خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يولغا قويۇلغان، يېزا نوپۇسىغا 3، شەھەر نوپۇسىغا 2 پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىدىن خىتايلارنىڭمۇ ئوخشاش بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا، كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇت ھوقۇقىدىنمۇ تولۇق بەھرىمەن بولۇشىنى مۇشۇ خىلدىكى قاتتىق قول سىياسەتلەر ئارقىلىق چەكلەۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان بولسا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تۈردە ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pilanliq-tughut-08282017174248.html

Share
1450 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.