logo

trugen jacn

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا «مۇسۇلمانچە»، «مىللىي» بەلگىلىرى چەكلىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئاۋۋال «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكىتىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا باشلىغان ئىدى.

مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ،ھەتتا مەكتەپلەردىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىلىرىنى  جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىسىز دەپ ئېلىپ تاشلاپ،خىتايچە ۋە مۇسۇلمانچە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە مەكتەپ ئاشخانىلىرىغا ھەتتا «مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىشنىمۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولىدۇ دەپ چەكلىگەن. ئىنكاسلارغا قارىغاندا دائىرىلەر بۇنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە، رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرماقتا ئىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ 10-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 33-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا قويغان پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو ئۈرۈمچىدە، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەكتەپلەردە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا يول يورۇق بەرگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈئەنگو ئوقۇتقۇچىلاردىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى «3 ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، بىللە پائالىيەت قىلىدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

يېقىنقى كۈنلەردە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدا، چېن چۈئەنگونىڭ مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان بۇ تاپشۇرۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە قەشقەر مائارىپ ساھەسىدە ئېچىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرىنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تارماقلىرى، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا «ئالىي مەكتەپنىڭ 20 ماددىلىق قائىدىسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئايرىم توختالغان شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش خىزمىتىنىڭ بولسا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىدىكى «مۇداپىئە تېمى» نى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەدبىرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەرگە كېڭەيتىشنىڭ «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش» مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كۆرسىتىلگەن.

ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىگە قارىغاندا، دائىرىلەر بۇ تەدبىرنى ئىجرا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىگە مۇنداق باھانە كۆرسەتكەن، يەنى مەكتەپ ئاشخانىلىرىغا «مۇسۇلمانچە» «ھالال» بەلگىسى ئېسىش، «ھەر قانداق دىنىي تەربىيە بېرىش چەكلىنىدىغان مائارىپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ۋە مەكتەپلەردە دىنىي سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى بىر بوشلۇققا سەل قارىغانلىق، سىڭىپ كىرىشكە مۇھىت ھازىرلاش ھېسابلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە دائىرىلەر مەكتەپ ئاشخانىلىرىنى «خەنزۇ ۋە مىللىي ئاشخانا دەپ ئايرىش بولسا، ئوقۇغۇچىلاردا ‹3 ئايرىلالماسلىق› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، بىللە پائالىيەت قىلىدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مەكتەپ مۇھىتى يارىتىشقا قارشى ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا تام پەيدا قىلىدىغان ئامىل. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى بولغان ئاشخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئوقۇغۇچىلاردا ‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش› ۋە ‹ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا يېتەكلەش›، ‹دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش› قا پايدىلىق» دەپ ئىزاھلىغان.

بىز بۇ ئۇچۇر ۋە ئىنكاسقا ئاساسەن مەزكۇر تەدبىرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دەلىللەشكە تىرىشتۇق، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن خىتاي خادىم، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلەن تاماق يەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن تاماق تۈرلىرىنى ۋە تاماقنىڭ ھالال ۋە ئەمەس دەپ ئايرىلىش ئەھۋالىنى سورىغاندا بولسا مۈجمەل ھالدا «ھەممىسى شىنجاڭ تاماقلىرى» دەپلا جاۋاب بەردى، بۇ خىتاي ئاشخانىغا يېڭى كەلگەن خادىم بولسا كېرەك، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ئاشخانىسى مەسئۇلىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىسمىنى سورىغىنىمىزدا «ئىسمىنى دەپ بېرەلمەيمەن ئىشقىلىپ بەك ئۇزۇن ئىسمى بار» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئىنستىتۇتى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار نىسبىتى بىر قەدەر ئاز ھېسابلىنىدىغان مىللىي تۈسكە ئىگە ئالىي مائارىپ ئورنى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەكتەپكە قاراتقان تېلېفونىمىزدىن ھەتتا ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان بۇ مەكتەپتىمۇ خىتاي-ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر ئاشخانىدا تاماق يەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە «ئۈچ خىل كۈچ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش مەنبە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئاساسىي مەقسەت، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسى ئاساس» دەپ كۆرسىتىپ، بۇلتۇردىن باشلاپ، ھەر قايسى ساھەلەر «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ كەتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنى يوقىتىش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئىپادىسىنى تاپتى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەكتەپلەردە ئىجرا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنى بىرلەشتۈرۈشتەك كىشىلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياشاش ھوقۇقىغىمۇ مۇخالىپ دەپ قارالغان بۇ تەدبىرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتە ئۆز ئارا پەرقنى ئازايتىپ، مىللەتلەر ئارا سىڭىشىشنى كۈچەيتىش، تەلىپىگە بىنائەن يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتنىڭ بىر قىسمى بولغان بولسا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» تەدبىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە. چۈنكى، ئوخشاش نۇقتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن تەرىپىدىن ئىككى يىل ئاۋۋالقى 31-نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2015-يىلى 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» لاردىن بولۇپ، «پان-ئىسلامىزم، پان تۈركىزم» ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش. مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، بىللە پائالىيەت قىلىدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇھىتنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇنىڭ ئالدىدا مەكتەپلەردىكى مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىنى خىتاي ئاشخانىلىرى بىلەن قوشۇۋېتىشتەك تەدبىرنىڭ دەسلەپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا سىناق قىلىپ باشلانغانلىقى مەلۇم ئىدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلىپ يېقىندا ياۋروپاغا چىققان ئۇيغۇر زىيالىيسى كۇندۈزئاي خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە مەكتەپ ئاشخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش تەدبىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلغانلىقى ھەققىدە بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر مەكتەپلەردىكى دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش باھانىسىدە، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ چېگراسىنى توغرا ئايرىماي، ئۇلارنى تۇرمۇش ئادەتلىرى پەرقلىنىدىغان خىتايلار بىلەن بىر ئاشخانىدىن تاماق يېيىشكە مەجبۇر قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە يەنىمۇ زور نارازىلىق پەيدا قىلىپ. ئۇلار ئۆزلىرى دەۋاتقان «ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىش» قا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇغېنى ئەپەندى بولسا، مەكتەپلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتاي ۋە مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، پىكىر ۋە كۆز قاراشىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھەم بېسىم دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلاردىكى ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/musulmanche-09182017165644.html

Share
1734 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.