logo

trugen jacn

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق «قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى» نى يىغىۋېلىپ كۆيدۈرگەنلىكى مەلۇم

510

«خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلى بىلەن «قانۇنچىلىق گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىۋالغان 200 مىڭدىن ئارتۇق «قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى»نى كۆيدۈرگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر 26-ئاپرېلدا يېتىپ كېلىدىغان «دۇنيا نەشر ھوقۇقىنى قوغداش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە تاموژنا ئورگانلىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئاتالمىش «قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى» دىن 143 مىڭ دانىسى 21-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنخۋا كىتابخانىسى ئالدىدا كۆيدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈلگەن «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نىڭ زادى قانداق مەزمۇندىكى ۋە قايسى تىللاردىكى نەشر بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە كونكرېت ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈلگەن ئاتالمىش «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» نىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا چىققان سەزگۈر تېمىدىكى كىتاب-ماتېرىياللار ياكى دىنىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kitab-koydurush-04252016160907.html

Share
1631 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.