logo

trugen jacn

خەۋپ ئاستىدىكى بىلىم ئادەملىرى- تەشكىلاتى شى جىنپىڭدىن ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07d

خەلقئارالىق «خەۋپ ئاستىدىكى بىلىم ئادەملىرى» تەشكىلاتى يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازانى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە، ئىلھام توختىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈستىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەنە، خىتايدىكى زىيالىيلار مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا خەلقئارا بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىنمۇ، دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلدى. بىلىم يۇرتى مەكتەپلەر ۋە زىيالىيلار خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئېلىشقا تېگىشلىك ئىدى، بىراق خىتايدىكى بۇ تەتۈر ۋەزىيەت بولسا بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.»

تەشكىلات مەكتۇپى ئاخىرىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭدىن ئىلھام توختىنىڭ داۋاسىغا قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئارتىلغان سىياسىي جىنايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مەركىزى نيۇيوركتىكى خەلقئارالىق خەۋپ ئاستىدىكى بىلىم ئادەملىرى تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدىكى ئاكادېمىك ئورۇنلاردا ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى، پىكىر-چۈشەنچە ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاكادېمىكلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ 36 دۆلەتتە شۆبىسى بار

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11272014135041.html

Share
1783 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.