logo

trugen jacn

خەلقىمىزدە قاپاق ۋە قاپاق مەدەنىيىتى

مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن

خەلقىمىزنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ قاپاق ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمما، تۇرمۇشىمىزغا قاپاقنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر، بەدىئىي سەنئەت ئەسەرلىرىدە قاپاقنى مۇھىم سۇ قاچىسى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەر دائىم كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. دېمىسىمۇ خەلقىمىز قاپاقنى ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل سۇ قاچىسى قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تاۋار ماركىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

خەلقىمىز قاپاق ئۆستۈرۈشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. قاپاقنىڭ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، ھويلا – ئارانلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئۆي ئىچىنى سالقىنلاشتۇرۇش، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلاش، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، ئاغرىقلارغا شىپا قىلىش، كۆڭۈلگە ئسستېتىك زوق ئاتا قىلىش، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولى بار. شۇڭا خەلقىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان قاپاق ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھويلا – ئاران، ئېتىز – ئېرىق بويلىرى دېگەندەك قاپاق تېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىكى يەرگە قاپاق تېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلانغان.

قاپاق بىر يىللىق سامان غوللۇق، پېلەك سوزۇپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقى قوڭۇر رەڭلىك، ئۇزۇنچاق، قاتتىق پوستىلىق بولىدۇ. توپا ئاستىدىن جۈپ ئىككى قۇلاق ھالەتتە ئۈنۈپ چىقىدۇ. غول قىسمى سۇس يېشىل رەڭدە، يوپۇرمىقى توق يېشىل رەڭدە بولۇپ بوغۇم سورۇپ ئۆسىدۇ. ھەر بىر بوغۇمدىن ئىككى ياپراق چىقىدۇ. پېلىكى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندە، شاخلاپ پېلەك تاشلايدۇ ھەم غۇنچىلاپ ئاپئاق رەڭدە چېچەكلەيدۇ. بىر تۈپ پېلەكتە ئىككى قاپاق قالسا، قاپاق ناھايىتى ياخشى چوڭىيىدۇ. قاپاق پېلىكىدە ئىككى ئاي ئەتراپىدا تۇرسا تورلىشىپ ئوبدان پىشىدۇ. قاپاقنىڭ تېخى پىشمىغاندىكى سىرتقى پوستىنىڭ رەڭگى يېشىل رەڭگە مايىل كېلىدۇ. پىشقاندىن كېيىنكى رەڭگى توپا رەڭدە بولۇپ، پېلەكتىن پەسكە ساڭگىلاپ چوڭلايدۇ.

قاپاقنىڭ ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىدىكى ئورنى

قاپاق بىر يازدا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئون مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان بولۇپ، چوقۇم باراڭغا ئېلىنمىسا بولمايدۇ. شۇڭا خەلقىمىز ئۆي ئالدىغا چىرايلىق قىلىپ باراڭ ياساپ، قاپاقنى باراڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئۆستۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇنداق بولغاندا، يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدا ھويلىنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سالقىن بولۇپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. قاپاقنىڭ يوپۇرماقلىرى چوڭ بولغاچقا، ھويلىغا قۇياش نۇرىنى توسۇپلا قالماستىن يەنە ھويلىنى چاڭ – توزاندىن ساقلايدۇ، ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ. بۇنداق ساپ ھاۋا سالامەتلىككە پايدىلىق بولغاچقا ئەجدادلىرىمىز قاپاق تېرىپ، ھويلىغا باراڭ ياساپ، سالقىن ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئېلىپ، بۈگۈنكىدەك گۈزەل، چىرايلىق ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

قاپاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى رولى ناھايىتى چوڭ، ئەجدادلىرىمىز قاپاقنى سۇ يۆتكەش، سۇ ساقلاش، سۇ ئىچىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلغان. ئائىلىدە قاپاقنى تۇز قاچىسى قىلىپ ئىشلەتكەن. سۇ يېغىنى قاپاقتا ساقلىغان. ئېتىز بېشىغا ئەمگەككە، ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىققاندا، چۆل – جەزىرىلەردە پادا باققاندا، قاپاققا سۇ ئېلىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغان. قاپاق خەلقىمىز تۇرمۇشىغا ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل ھەمراھ بولغان بولۇپ، ھېلىھەممۇ تېخى ئىستېمالدىن قالغىنى يوق.

قاپاقنىڭ شىپالىق رولى

قاپاقنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان ھەر خىل كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان كۆز ئاغرىقى، بەدەندىكى ھەرخىل جاراھەت، ئىششىق ئالامىتى كۆرۈلسە، خام قاپاقنىڭ ئىچىدىكى لەش قىسمىنى ئېلىپ ئاغرىغان ئورۇنغا چاپلىسا تىز مەنپەئەت قىلىدۇ. قاپاق يەنە زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىسسىق ئېشىپ كېتىشتىن بولغان يەل تاشما، قاپارتما، قىزىتما ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىقلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. قاپاق ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ يەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى چۈشۈرۈش رولىمۇ بار. ئەجدادلىرىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا قاپاقنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى بۇ خىل رولىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرغان، قاپاقتا سۇ ئىچىشتىكى مەقسەتمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشتىكى بىرخىل ۋاسىتە ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇخىل ئەنئەنە ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

قاپاقنىڭ سەنئەتلىك قىممىتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاددىي بىر تۇرمۇش ۋاسىتىسى بولغان قاپاققا سەنئەتكارلار گۈل نۇسخىلىرىنى سىزىش، ھەرخىل شەكىلگە كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇنى قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇردى. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىدە چىرايلىق نەقىشلەنگەن قاپاقلار، قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. قاپاققا چۈشۈرۈلگەن نەقىشلەرگە زەڭ سالغىنىمىزدا، خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، گۈزەللىكتىن زوق ئالىدىغان روھىي دۇنياسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قاپاق سەنئىتى قاپاق مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر خاس قاپاققا گۈل نەقىشلىرىنى چىقىرىش، گۈل نۇسخىلىرىنى سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىۋاتقان سەنئەتكارلارمۇ خېلى بار.

Share
2995 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.