logo

trugen jacn

خەلقارا يۇقۇر تەخنىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق



مەمەت ئىمىن
يىقىنقى بىر ئىككى ھەپتىدىن بۇيان سىرانوس (Theranos)  شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى ئەلىزابەس خولمەس (Elizabeth Holmes) قايتىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا سىرانوس شىركىتى قانداق شىركەت؟ ئەلىزابەس خولمەس كىم؟ بەزىلەر بەلكىم مەندىن، ”ھازىر خەلقىمىزنىڭ بىشىدا يەتكىچە دەرت تۇرسا، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار“ دەپ سورىشى مۈمكىن. توغۇرا، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، بىراق بۇ ئىسىملار بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتتە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق ۋەقەسى بىلەن چىتىشلىق بولغىنى، كۆپلىگەن جامائەت ئەربابلىرى، مەشھۇر شەخىسلەر ئۇ ئالدامچىلىقنى پەرىق ئەتمىگەنلىكى، ۋە شۇنداقلا ئۇلار جەمىيەتتە ئالاھىدە تالاش تارتىش ۋە مۇنازىرە قوزغانلىقى ئۈچۈن، ۋە مەن ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلار توغۇرسىدا ئازراق بىر نەرسە يىزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۆردۈم.  سىرانوس شىركىتى بولسا 2003-يىلى كالىفورنىيەدە قۇرۇلغان بىئو تەخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمى قىممىتى  2013  ۋە 2014 – يىلى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا، 10 مىلىيارت دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن. 2015 – يىلى 10 – ئايدا ۋالل سترەئەت جورنىلى مۇخپىرى جون كەرەيرو  ئۇ شىركەتنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتۇرغا قويۇپ بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلغاندىن كىيىن، ئۇ شىركەت ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ ئومۇمى قىممىتى بىراقلا نۆل دوللارغا چۈشۈپ قالغان.
ئەلىزابەس خولمەس بولسا سىرانوس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خوجايىنى بولۇپ، 2013 – يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ياش بىليونۇر دەپ قارالغان، ۋە 2015 – يىلى ئۇنىڭ ساپ بايلىقىنىڭ 4.5 مىلىيارت دوللارغا يەتكەنلىكى ئىلان قىلىنغان. 2016 – يىلى سىرانوس شىركىتىنىڭ ۋەيران بولىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بايلىقىمۇ نۆل دوللارغا چۈشۈپ قالغان. 2018 – يىلى 6 – ئايدا ئامىركا فەدىرال سوت تەرىپىدىن كۆپ خىل ئالدامچىلىق جىنايەتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. ھازىر كۆپۈنچە مۇتىخەسىسلەر ئۇنىڭغا كەم دىگەندە 20 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى بىرىش مۈمكىن دەپ تەخمىن قىلماقتا.
ئەلىزابەس خولمەس 1984 – يىلى 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئامىركىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھەرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2003 – يىلى سىتانفورد ئۇنىۋىرسىتى خىمىيە فاكۇلتىنىڭ ئىككىنجى يىلىنى تاماملىغاندىن كىيىن، مەكتەپنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋە 19 يىشىدا سىرانوس شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ناھايتى ئەقىللىق قىز بولۇپ، كىچىك ۋاختىدىن باشلاپ ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بۇرۇنقى خوجايىنى سىتىۋ جوبنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلغان ۋە ئىككىنجى سىتىۋ جوب بولۇشقا بەل باغلىغان. ئۇ شىركەت قۇرغاندىن كىيىن دادىسىنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى ئارقىلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەر بىلەن تونۇشقان، ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە مەبلەخ سىلىشقا كۆندەرگەن. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە شىركەتكە 700 مىلىيۇن دوللار مەبلەخ توپلىغان.
ئۇ قۇرۇپ چىققان سىرانوس شىركىتى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قان تەكشۇرۇشنى ئاساسى مەسۇلات ۋە مۇلازىمەت قىلغان بىئو تەخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى مەۋجۇت بولغا بىئو تەخنىكا شىركەتلىرى ۋە قان تەكشۈرۈش تەجىربەخانىلىرىنىڭ ھىچ بىرى قىلالمىغان ئىشنى قىلىپ، غەرىپ تىبابىتى قان تەكشۇرۇش تارىخىدا دەۋىر بوسۈش خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكالىغان. كۆپلىگەن داڭلىق شەخىسلەر ۋە مىدىيالارمۇ ئۇنى بۇ ساھادە ئىگىلىك تىكلەپ موجىزە ياراتتى دەپ تەرىپلەشكەن ۋە ماختاشقان.
ھازىر غەرىپ تىبابىتىدە مەۋجۇت بولغان قان تەكشۇرۇش جەمى 20 دىن ئارتۇق گۇرپا ۋە 200 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان تەكشۇرۇش تۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر بىر گۇرپا تەكشۇرۇش ئۈچۈن، قان تومۇردىن كەم دىگەندە 2 مىللىلىتىردىن 5 مىللىلىتىر ئارىلىقىدا قان ئىلىشقا توغۇرا كىلىدۇ. يۇقارقى تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىماردىن خىلى كۆپ مىقداردا قان ئىلىشقا توغۇرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تەكشۇرۇشلەرنىڭ كۆپۈنچىسى باھا جەھەتتە قىممەت بولۇپ، مەشغۇلات جەھەتتە نۇرغۇن قولايسىزلىقلار مەۋجۇت. ئالدى بىلەن بىمار بەلگۇلەنگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بىرىشقا، مەخسۇس تەربىلەنگەن سىستىرالار تەرىپىدىن قان تومۇردىن قان ئىلىشقا، ئاندىن مەخسۇس قان تەكشۈرۈش تەجىربەخانىلارغا يوللاپ تەكشۈرۈشكە توغۇرا كىلىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈنمۇ بىر ياكى بىر نەچچە كۈن ساقلاشقا توغۇرا كىلىدۇ.
سىرانوس شىركىتى يۇقاردا ئوتۇرغا قويۇلغان ئۇ تەكشۇرۇشلەردە دەۋىر خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىپ، ھازىرقى ئۆلچەمدىن 100 ھەسسىدىن 1000 ھەسسە ئاز قان بىلەن 200 خىلدىن ئارتۇق قان تەكشۈرۈش تۈرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىلايدىغانلىقىنى، بىمارنىڭ دوختۇرخانىغا بىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، قان تەكشۇرۇشلەرنى ھەر قانداق يەردە ئىلىپ بارالايدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش ھەققى ئەرزان، نەتىجىگە ئىرىشىش ۋاختى قىسقا بولىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويغان.  

بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن ناھايتى زور بىر ئىلگىرلەش بولۇپ، ئۇنى كىممۇ ياخشى كۆرمىسۇن؟ دەل شۇ ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان زور ئىلگىرلەشلەر سەۋەبىدىن ئەلىزابەس خولمەس ۋە ئۇنىڭ سىرانوس شىركىتى قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە ئامىركىدا مەشھۇر چولپانغا ئايلانغان.

ناھايتى ئەپسۇس، ئۇ ئوتۇرغا قويغان دەۋىر بۆسۈش خارەكتىرلىك ئىلگىرلەشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق شۇئار بولۇپ، كۆپلىگەن ئىنسانلارنى قۇرۇق خوش قىلغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەرى شۇكى، بۇ شىركەت گەرچە قان تەكشۇرۇشنى ئاساسى مۇلازىمەت قىلغان بىئو تەخنىكا شىركىتى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا بىرمۇ تىببى مۇتىخەسىس ئىشلەتمىگەن. ئۇنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا مەبلەخ سالغانلار ئىچىدە كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە مەشھۇر ئەربابلار بولۇپ، تىببى جەھەتتىكى كەسپى خادىملار شىركەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىن يىراق تۇتۇلغان.
بۇ شىركەت گەرچە ئەنەنىۋى قان تەكشۈرۈھ شىركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغان دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق دوكىلات ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۈچۈن، بىماردىن ئالغان بىر تامچە قاننى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق قان مىقتارىنى، ھازىر قوللىنىپ كىلىۋاتقان ۋە ئۆزىلىرى ئىنكار قىلغان ئەنەنىۋى قان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى تەلەپ قىلغان مىقتارغا يەتكۈزۈپ، ئۇ ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىرىشكەن. بىماردىن ئالغان قان سۇيۇلدۇرلۇپ تەكشۈرۈلگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئىرىشكەن نەتىجىدە ئىغىر دەرىجىدە خاتالىق كۆرۈلگەن. شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىنورمال چىقىپ، ئۇلاردا زۆرۈر بولمىغان قايمۇقۇش ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغان.
ئەلىزابەس خولمەس ۋە ئۇنىڭ سىرانوس شىركىتىنىڭ يۇقارقى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى 2015 – يىلى 10 – ئايدا تۇنجى بولۇپ ئاشكارە بولغاندىن كىيىن، بەزىلەر ئۇنى پەقەتلا تىجارەت جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت، ئالدامچىلىق ئەمەس دەي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتىرياللار 16 مىلىيۇن بەتكە يەتكەن بولۇپ، سىرانوس شىركىتى، ئۆز مەسۇلاتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاللا بۇرۇن پەرىق ئەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئاشكارە قىلىشنىڭ ئورنىغا، باشقا شىركەتنىڭ ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىپ، ئالدامچىلىق قىلىشنى داۋام قىلغان. بۇ توغۇرسىدا ۋالل سترەئەت جورنىلى مۇخپىرى جون كەرەيرو <<Bad Blood>> يەنى <<بۇزۇق قان>> نامى بىلەن 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى بىر كىتاپ نەشىر قىلغان ۋە ئۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنى ھازىر  كىنو قىلىپ ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
بىزدە ”ئالدامچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام“ دەيدىغان گەپ بار، بىراق جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى، ئالدامچىلىقمۇ تەرەققى قىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئالدامچىلىقنى بەرىق ئەتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇ ئالدامچىلىق ۋەقەسىدە، قوللانغان ئۇسۇل ناھايتى ئاددى، يەنى باشقىلار قىلالمىغان ئىشنى قىلالايمەن دەپ باشقىلارنى قىززىقتۇرۇش، باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇنىڭ راس يالغانلىقىنى پەرىق ئىتىش قىيىنلاشقا ۋە ئۇنى پاش قىلىش كۆپلىگەن توسالغۇغا ئۇچۇرغان. نەتجىدە ئۇنىڭغا ئالدى كەينى بولۇپ 12 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن.
بۇ ۋەقەلىكتىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۈمكىن ئىكەنكى، ھەددىدىن زىيادە گۈزەل ۋە رىياللىقتىن ھالقىپ كەتكەن غايىلىك ۋەدىلەر كۆپۈنچە ھالدا خەلقنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىغا ماسلىشىپ، ئۇنى قاندۇرۇش مەخسەتتە قوللىنىۋاتقان قۇرۇق شۇئار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا باشقا مەخسەتلەر يوشۇرۇلغان بولۇش ئىھتىمالى شۇنچە يۇقۇرى بولىشى مۈمكىن. شۇڭا بەزىدە باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سوغاققان بولىشىمىز، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئىش كۆرمەسلىكىمىز كىرەك.
2019 – يىلى 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى

مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولار

A Conversation with Elizabeth Holmes at MPW Next Gen | Fortune

A Conversation With Theranos CEO Elizabeth Holmes | Forbes

https://www.youtube.com/watch?v=-0442iO6My0Posted by Memet Emin at 5:51 PM

Share
1715 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.