logo

trugen jacn

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە شۆبىسى يانۋار ئېيىنى ئىلھام توختى ئېيى قىلىپ بېكىتتى

image

ئېھسان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدە خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى 2015-يىلى 1-يانۋار ئېيىنى تىنچلىق ئەلچىسى ئىلھام توختى ئېيى قىلىپ بېكىتىپ، تور بېكىتىدە ئىمزا توپلاش، شىۋېتسىيە پارلامېنتى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇ ھەقتە ماتېرىيال يوللاش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولۇشىغا قارىتا شىۋېتسىيەدە جامائەت پىكرى توپلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

ئۇلارنىڭ يوللىغان ماتېرىيالىدا، ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇلغاندىن باشلاپ، ھازىرغا كەلگۈچە بولغان ئومۇمى ئەھۋالى، سوتنىڭ ئېچىلىشى، تۈرمىدە ئۇچرىغان قىيىن قىستاقلىرى، سالامەتلىكى، ئايالى ۋە بالىلىرىغا بولغان روھى زەربىلەر، ئىقتىسادى جەھەتتىن بانكىدىكى پۇلىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىدەك ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتە كەمسىتىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.

ئاخىرىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە شۆبىسى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىنچلىق ئەلچىسى سۈپىتىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى ئىچىدە تىنچلىققا چاقىرغان ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينى قاماقتىن دەرھال قويۇپ بېرىشنى، بارلىق ھەق -ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى ئۆتكەن يىلى ئاپرېل ئېيىنى ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى ئېيى قىلىپ بېكىتىپ بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-01152015155950.html

Share
1850 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.