logo

trugen jacn

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر كەمسىتىشكە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى

65d97990-b6bf-4443-be78-95cf8a6d2fd8

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى-خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 24‏-فېۋرال 2015‏-2016‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق زور تەھدىتكە دۇچ كەلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى باھالانغان بولۇپ، دوكلاتتا 2015-يىلى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈرلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «ھوقۇق تەھدىت ئاستىدا: ئەركىنلىككە يەر شارى خاراكتېرلىك ھۇجۇم» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بىر قاتار يېڭى قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا زور تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرغانلىقىنى، پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا سىستېمىلىق پاراكەندىچىلىك ياكى قوقاق سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەشكىلات دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا قانۇن -نىزاملارنى چىقىرىپ، دىنىي ئىشلارنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى، رۇخسەت قىلىنمىغان بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، تىبەت رايونىدا بولسا لاما ئىبادەتخانىلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئىلگىرى بەرگەن تەۋسىيىلەرنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سالىل شەتتي چارشەنبە كۈنى لوندوندا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ جىددىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «ھەممىدىن ئەندىشە قىلارلىق يېرى شۇكى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان سىستېمىنىڭ ئۆزى تەھدىتكە دۇچ كەلدى» دەيدۇ.

سالىل شەتتي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كىشىلىك ھوقۇق بۈگۈنكى دۇنيادا پەقەت سۆزلەپلا قويسا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاساسى. كىشىلىك ھوقۇق ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ بىر زۆرۈرىيەت. كىشىلىك ھوقۇق ئۆتكەن 12 ئايدا ۋېنېزۇئېلادىن تارتىپ مىسىرغا قەدەر، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىن تارتىپ خىتايغا قەدەر بولغان كەڭ رايونلاردا جىددىي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئۇ ھەتتا ‹كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى› دەپ قارالغان دۆلەتلەرمۇ تەۋرىنىپ قالدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن تىك تۇرغان پائالىيەتچىلەر، ژۇرنالىستلار، ئادۋوكاتلار قورقۇتۇلدى ياكى ئۆلتۈرۈلدى. بىز بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن 91 دۆلەتنىڭ ماتېرىيالىنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق. تەشكىلاتلار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى، نۇرغۇن تەشكىلاتلار تاقالدى.

ئەمما ھەممىدىن ئەندىشە قىلارلىق يېرى، 2015‏-يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان سىستېمىنىڭ ئۆزى تەھدىتكە دۇچ كەلدى ۋە قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2014‏-يىلى «تېررورلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يىتىم كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئەسلى بۇ ھەرىكەتنى بىر يىل ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ ھەرىكەتنى 2015‏-يىلى يەنە پۈتۈن بىر يىل داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ 2015-يىلى ‏5‏-ئايدا بۇ ھەرىكەتكە دەل بىر يىل بولغاندا بايانات ئېلان قىلىپ، رايوندا 181 «تېررورلۇق گۇرۇھ» نى پاش قىلدۇق، دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنى ئېغىر ئەنسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ت. كۇمار: «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئەنسىز بىر ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار، قولغا ئېلىنىشقا، دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىشكە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە تىنچ يىغىلىش ئېلىپ بېرىشى مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، يەرلىك خەلقنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئاق تېررورلۇق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. دىنىي ساھەدە ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى، ئۈرۈمچىدە كىشىلەرنىڭ بۇرقا كىيىشىنى چەكلىدى» دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىل ‏1‏-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» نى تەنقىدلىگەن ۋە يېڭى نىزامدا دىننىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى رولى زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «رايوندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلق-ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق كونتروللۇق ئۇلارنى ئۇزۇن يىللىق كەمسىتىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ت. كۇمار ئەپەندى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ 2015‏-يىلى ئالدىنقى يىللاردىن تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ت. كۇمار مۇنداق دېدى: «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆتكەن يىلى داۋاملىق ناچارلاشتى. بىز ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. ئۇلار ئادۋوكاتلارنى باستۇردى، ئۇلار يېڭى قانۇنلارنى چىقىرىپ، شۇ قانۇنلار ئارقىلىق كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار تور قوللانغۇچىلارنى باستۇردى. قولغا ئېلىنغان بەزى كىشىلەرنى تېلېۋىزور قاناللىرىغا چىقىرىپ، تېلېۋىزوردا ئىقرار قىلدۇردى»

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2015‏-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق دۆلەت ئامانلىقىغا ئالاقىدار بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى ماقۇللاپ، ئامانلىق ئورگانلىرىغا تور ۋە ئۇچۇرنى كونترول قىلىش، ئۆكتىچىلەرنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشى زور ھوقۇقلارنى بەرگەن.

ئەمما بۇ قانۇن-نىزاملار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە خىتايدا سودا قىلىۋاتقان چەتئەل كارخانىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇلار خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سالىل شەتتي چارشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا، دۇنيا دۆلەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىردى.

سالىل شەتتي: «دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ خۇسۇسەن بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ھاياتى ئۈستىدىن سىياسەت ئويناشنى توختىتىش ۋاقتى كەلدى. ھازىر ئاۋام-خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋاقتى. بىز خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يەر شارى ۋە رايون مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىرىمىز. بىز خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 7 مىليون ئەزاسى بار بىر تەشكىلات سۈپىتىدە، يىللىق دوكلاتىمىز ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەر بىر شەخس ۋە تەشكىلاتنى كىشىلىك ھوقۇق دۇچ كەلگەن مىسلىسىز بۇزغۇنچىلىققا قارشى كۈچەشكە ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-02242016135256.html

Share
1581 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.