logo

trugen jacn

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈرمىدىكى ئابلىكىم ئابدۇرەھىم ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى

image (1)

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىللىق خىتاينىڭ باھار بايرىمىدا خوڭكوڭ، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شۆبىلىرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئابلىكىم ئابدۇرەھىم قاتارلىقلارغا بېغىشلاپ «قايتا جەم بولۇش» تىمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «قايتا جەم بولۇش» پائالىيىتى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلاردىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كىشىگە بېغىشلانغان.

«قايتا جەم بولۇش» پائالىيىتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۆپلىگەن تىنچلىقپەرۋەر ئىنسانلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاي ئەنئەنىسىگە ئاساسەن باھار بايرىمىلىق قىزىل باغاقچا تەبرىكنامىسى يوللاپ، ئابلىكىم ئابدۇرەھىم قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن بالدۇراق قويۇپ بېرىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە جەم بولۇشىدىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئىپادىلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ توكيو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كوباياشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا (2015-يىلى فېۋرال)
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ توكيو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كوباياشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا (2015-يىلى فېۋرال)

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدا، ئۈرۈمچىدىكى تۆتىنچى تۈرمىدە يېتىۋاتقان توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنىڭ ھازىر سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆتكەن يىلى 4 – ئايدا 20 مىنۇت كۆرۈشكەندىن بۇيان تا ھازىرغا قەدەر قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا ئابلىكىم ئابدۇرەھىم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شيانىڭ ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنىپ، بارلىق ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىدە ليۇ شيا،ئابلىكىم ئابدۇرەھىم قاتارلىقلارنىڭ بالدۇراق ئەركىنلىكە چىقىشى ئۈچۈن، ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شېڭكۈنگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى جۇ چاڭجېگە بىۋاستە خەت يوللىشى تەۋسىيە قىلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيتى ھەققىدە توختالغان توكيو شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كوباياشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭ شۆبىسىنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلىنىڭ بالدۇراق تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ باردۇق. باھار بايرىمى خىتاي خەلقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان ئەنەنىۋىي بايراملاردىن بىرى، شۇڭا بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، ئارزۇيىمىز ئابلىكىم ئابدۇرەھىمنى بىر كۈن بولسىمۇ تۈرمىدىن بالدۇراق ئازاد قىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە جەم قىلىشتىن ئىبارەت

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xelqara-kechurum-ablikim-abdurehim-02202015202611.html

Share
1803 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.