logo

trugen jacn

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا «قەلىمىگە تايىنىپ ماقالە، نۇتۇقلىرى بىلەن تىنچ يول ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدەك ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلماسلىق، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش» تەكىتلەندى.

ماقالىلىرى ۋە نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بۇلتۇر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ، 25-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىكى تۇنجى تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالغان. ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ ھەقتىكى باياناتلاردا خىتاي دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، تىنچ يول بىلەن خەلقنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك بېرىش تەلەپ قىلىنىپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10272015162433.html

Share
977 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.