logo

trugen jacn

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

unbenannt-justice

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا، تور بېتى ئارقىلىق ئۇيغۇر، خىتاي ئىككى مىللەت ئارىسىدا دىئالوگ قۇرۇشقا تىرىشقان بىر زىيالىينىڭ بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ئادىل بولمىغان سوت ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

باياناتتا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قول قويغان «خۇسۇسىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى» گە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىلدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يەنە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنى مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-02192015171005.html

Share
1750 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.