logo

trugen jacn

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھام توختىنى «ۋاكلاۋ خوۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنى قارار قىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەلقئارا يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە ئەدەبىياتچىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىك تەشكىلاتى-خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ «تىنچلىق كومىتېتى» يېقىندا سلونوۋىيەنىڭ بلەدۇ شەھىرىدە يىللىق يىغىن چاقىرىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى بۇ يىللىق ياۋروپا «ۋاكلاۋ خوۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى قارار قىلغان.

«خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بولسا، گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى…قاتارلىق ئورگانلاردىن كېيىن، ئىلھام توختىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن يەنە بىر خەلقئارا تەشكىلات. گېرمانىيەدىكى يۇقىرىقى تەشكىلاتلار بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئىلھام توختىنى ۋاكلاۋ خوۋېل مۇكاپاتىغا كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى «تىنچلىق كومىتېتى» نىڭ سلوۋېنىيەدىكى يىغىنىدا، ئىلھام توختىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلغان. مەزكۇر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادالىق يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيسى شېڭ شۆ خانىم، يىغىندا تەكلىپ لايىھىسىنىڭ بىردەك قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

شېڭ شۆ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ تەكلىپنى تىنچلىق كومىتېتىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم. چۈنكى، تىنچلىق كومىتېتىنىڭ خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدە مەلۇم سىمۋوللۇق رولى بار. مەن تەكلىپ لايىھەدە تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ 2017‏-يىللىق ۋاكلاۋ خوۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھە يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ بىردەك ماقۇللاندى. ھازىر نامزاتلىققا كۆرسىتىش لايىھىسىنى تۈزۈۋاتىمەن.

بىزنىڭ تىنچلىق كومىتېتى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى قەلەمكەشلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن قۇرۇلغان. شۇڭا، ئۇنىڭ تەسىرى نىسبەتەن كەڭ. بۇ لايىھىگە ئاز دېگەندە 5 ئادەم قول قويۇشى كېرەك. ئۇنىڭغا گېرمانىيە، فىرانسىيە، سلوۋېنىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىرى، تىنچلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەن ۋە يەنە بىر مۇئاۋىن رەئىس ئىمزا قويدۇق.»

ۋاكلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى 2013‏-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سابىق چېخىيە پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېلنىڭ خاتىرىسىگە بىنا قىلىنغان. ۋاكلاۋ خاۋېل چېخىيەنىڭ كوممۇنىزمنى تاشلاپ، دېموكراتىيە كۆچۈشى، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى بۇ سابىق كوممۇنىستىك ئەلدە يىلتىز تارتىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئىدى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پارلامېنتلار مەجلىسى بىلەن چېخىيە ۋاكلاۋ خاۋېل كۇتۇپخانىسى، 77 نىزامنامە ۋەخپىسى قاتارلىق 3 ئورگان بىرگە تەسىس قىلغان بۇ مۇكاپات «ئالاقىدار گۇرۇھلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە بەلگىلىك پەرق ياراتقان، سىستېمىلىق، زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاشتا ياكى جامائەت پىكرى ۋە خەلقئارا جامائەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخسلەر» گە بېرىلىپ كەلگەن.

بەزى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ۋاكلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق نامزات. ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ساۋ ياشۆ خانىم «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپلارنىڭ بىرى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن ئىلھام قانداق ئادەم؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم سوئال. ئىلھام ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم زىيالىيسى. ئەگەر ئۇ، ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن دەس تۇرمىغان بولسا، ۋىجدانىنى تىڭشىمىغان بولسا، سۈكۈت قىلغان بولسا، ئۇ بەلكى بۈگۈن پادىشاھىدەك ياشىغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ زىيالىيلىرى بەك ئاز. ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ زىيارەت قىلالايتتى. ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ھاياتىمۇ ياخشىتى. كۆپ پۇل تاپالايتتى. بىراق ئۇنىڭدا بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار، ئۇ ئۆزىگە ئەگەر مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن سۆزلىمىسەم كىم سۆزلەيدۇ، دېگەن سوئالنى قويدى. شۇڭا، ئۇ بېشىدىلا بۇ خەۋپنى بىلەتتى. ئۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن سۆزلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلدى. بۇنداق بىر ئادەم بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى 2014‏-يىلى 1‏-ئايدا قولغا ئېلىپ، شۇ يىلى 9‏-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. دائىرىلەر، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر بىز» تورىنى قۇرۇپ، كىشىلەرنى «مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك» كە قۇتراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق ساۋ ياشۆ خانىم، ئىلھام توختىنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىك»كە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئەمەس، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئالغا سۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ساۋ ياشۆنىڭ قارىشىچە، مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئەسلى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات كونتروللۇقى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

ساۋ ياشۆ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەممىمىز بىلىمىز، مىللىي ئۆچمەنلىك، ھەرقانداق بىر مىللىي نەپرەت قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇنى ئۇچۇرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرى ئۇچۇرنى كونترول قىلىدىغان جەمئىيەتلەردە مىللىي ئۆچمەنلىك ئەڭ ئاسان يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ نىيىتى بويىچە كىشىلەرنى بەزى نەرسىلەرگە قۇترىتىدۇ. ئەگەر ئۇچۇر ئالمىشىش ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىسا، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدراكى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولاتتى. مەن ‹ئۇيغۇربىز› ئارخىپىنى كۆرەلەيمەن، مەن ئۇنىڭغا كىرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۈم. ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى خەنزۇلارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ خەنزۇ تىلىدا تارقىتىلغان تور. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. شۇڭا، ‘ئۇيغۇربىز’ ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىنى خەنزۇلارغا يەتكۈزۈشكە باشلىغان. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۆز- ئارا چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈشنىڭ 1-قەدىمى. مانا بۇ ‹ئۇيغۇربىز› نىڭ قانداق تور ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىكى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل پىكىردىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۆكتىچى پىكرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دەيدۇ: ئىلھام توختى ناھايىتى ئىدراكلىق ۋە مۆتىدىل بىر زىيالىي. ئۇ ئىزچىل مىللىي مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ مۇختارىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىزچىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىب كەلگەن ئىدى. بىراق، جۇڭگو ئىستىبدات ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلالماي، ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلدى. بۇ شۇنى نەرسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ خىل رادىكال ئۇرۇش ھالىتى، سىز ئەڭ مۆتىدىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىزمۇ، بۇ ھاكىمىيەت ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەنلىك. بۇ ئەھۋالدا خەلقنىڭ بىردىن- بىر تاللاش يولى، ئۇنىڭغا ھەقىقىي نارازىلىق بىلدۈرۈش، يەنى ئېنىق، بىۋاسىتە، ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈشتۇر. چۈنكى، سىزنى بارلىق مۆتىدىل ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز، ئۇ بۇنى سىزگە زىيانكەشلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ، سىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ كۆۋرۈكى قىلىۋالىدۇ.

ۋاكلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بۇ يىل 9‏-ئۆكتەبىردە تارقىتىلىدۇ. ئىلتىماس قىلىش سۈرىكى 30-ئىيۇن توشىدىغان مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ھازىرغا قەدەر 4 ئادەم نائىل بولدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05252017152606.html

Share
1315 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.