logo

trugen jacn

خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئەڭ ئاساسلىق تېما «ئىلھام توختى» بولدى

a1bee93b-750f-476c-a738-008567ff9cc0
گۈلچېھرە

خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قۇرۇلتايدا خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئۈچۈن مەخسۇس بىر بوش ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ سىزما رەسىمى قويۇلغان بىر سىمۋوللۇق ئورۇندۇق، تۆت كۈن داۋام قىلغان بۇ خەلقئارالىق يىغىن پائالىيەتلىرىدە، باشتىن-ئاخىرى يىغىن سەھنىسىدە تۇرغان.
938d9c1d-ba92-4a82-8a63-6a5468032fc2
خەلقئارادىكى قەلەمكەشلەرنىڭ بۇ دۇنياۋى يىغىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە قايتىپ كەلگەن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى كومىتېتى رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80 ‏- قۇرۇلتىيىدا كۈن تەرتىپكە كىرگەن ئاساسلىق تېما بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەيسەر ئەپەندى يەنە، خەلقئارا قەلەملەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە ئېلىنغان مۇھىم قارارلار ھەمدە ئۆزىنىڭ قۇرۇلتاي تەسىراتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ قەيسەر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشى كېرەك
ئىلھام ماھمۇت: ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ
ئالماتادا «ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ژۇرنىلى» نىڭ يېڭى سانلىرى يورۇق كۆردى
د ئۇ ق تەشكىلاتلىرىنى «ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلسۇن» نامىدا بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى
ئىلھام توختى مەسىلىسى ئىسلام دۇنياسىدا قايسى دەرىجىدە تونۇلدى؟
فىرانسىيە خەلقئارا ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا «يەكەن ۋەقەسى» ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى
ئانجېلا مېركېل خانىم خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
ئىلھام توختى يۇقىرى سوتقا رەسمىي ئەرز سۇنغان
قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيى سەھنىسىدە ئىلھام ئۈچۈن بوش ئورۇندۇق قويۇلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10142014164851.html

Share
1744 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.