logo

trugen jacn

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ، ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» باش سېكىرتارى چىن چۈەنگونى سوتقا تارتىش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

meşale ile ilgili görsel sonucu

مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسى

ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى غوللۇق خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى جازالاشنىڭ مۇمكىن بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە بۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

1.خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 1998 – يىلى 15 – ئىيۇن ۋە 17 – ئىيۇل ئارىسىدا رىمدا جەم بولغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەردىن تەركىپ تاپقان ب د ت دىپلوماتلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، 120 دۆلەتنىڭ قوللاش، 7 دۆلەتنىڭ رەت قىلىش[1]، 21 دۆلەتنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىنىپ، 1998 – يىلى 18 – ئىيۇلدا قويۇل قويۇلغان.

 جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2002 – يىلى 11 – ئاپرېلدا 66 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن 2002 – يىلى 11 – ئىيۇلدا رەسمىي خىزمەتكە كىرىشكەن[2].

تۇرۇشلۇق ئورنى: گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھرى.

توربەت ئادرىسى:         https://www.icc-cpi.int/

2. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان جىنايى ئىشلار

ئىرقى قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەت قارشى جىنايەتلەر، تىنچلىقنى بۇزىدىغان جىنايەتلەر ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرى قانۇنىي جەھەتتىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدۇ[3].

  1. ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى

مىللەت ئەزالىرى ياكى دىنى جامائەت ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، مەنىۋى ياكى جىسمانى جەھەتتىن ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى، قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي جىسمانى بۇزغۇنچىلىققا سەۋەپ بولىدىغان ئېغىر شەرت – شارائىتلارغا قەستەن دۇچار قىلىنىشى، بۇلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ باشقا گۇرۇپپىلارغا بېرىلىشى ئىرقى قىرغىنچىلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ[4].

  • ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر

بۇ جىنايەت دائىرىسىگە مەيلى ئۇرۇش مەزگىلى بولسۇن ياكى تىنچلىق مەزگىلىدە بولسۇن، قورال كۈچى بىلەن مىللىي ياكى خەلقئارا كۆرەش دائىرىسى ئىچىدە سادىر قىلىنىدۇ. بۇ جىنايەتلەرنى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ئايرىم شەكىلدە تۇرغۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىرقى قىرغىنچىلىق بەلگىلىك مىللەت ياكى جامائەتكە ئەزا بولۇش شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولسا پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىييۈزلۈك ياكى سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ. بۇ جىنايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  • ئادەم ئۆلتۈرۈش
  • ئومۇمىييۈزلۈك يوقۇتۇش
  • ئاسارەتكە مەھكۇم قىلىش
  • خەلقنىڭ بىر قىسمىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش
  • خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسلىق ھۆكۈملىرىنى دەپسەندە قىلىش ياكى جىسمانى ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە بوغۇش
  • نۇمۇسىغا تېگىش، جىنسى قۇل قىلىش، پاھىشىگە مەجبۇرلاش، مەجبۇرى ھالدا ھامىلدار قىلىپ قويۇش، مەجبۇرى ھالدا تۇغماس قىلىپ قويۇش ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پەرقلىق شەكىللەردىكى جىنىسي جىنايەتلەر
  • قىيىن – قىستاققا ئېلىش
  • سىياسىي، ئىرقى، مىللىي، مەدەنىيەت، دىنى ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جىنسي سەۋەپلەردىن بىر گۇرۇپپا ياكى باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھەرقانداق بىر خەلققە زۇلۇم قىلىش
  • مەجبۇرى شەكىلدە كىشىلەرنى يوق قىلىۋېتىش

(10)ئايرىمچىلىق قىلىش

(11) مەنىۋى ياكى جىسمانى پۈتۈنلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ۋەياكى ئېغىر ئازاپ تارتقۇزۇش شەكلىدىكى ئىنسانىيەتكە[5] قارشى باشقا مۇئامىلىلەر

ئەسكەرتېش: ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا تىلغا ئېلىنمىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى كىملەرنى سوتقا تارتىپ ھۆكۈم چىقىرالايدۇ؟

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مەھكىمە نىزامنامىسىنىڭ 25 – ماددىسى، 3 – تارمىقىغا ئاساسەن جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى، جىنايەت سادىر قىلىشقا بۇيرىغۇچى، تەلەپ قىلغۇچى، تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلغۇچى، جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنىشىغا ياردەم بەرگۈچى ياكى شېرىك بولغۇچى، جىنايەتنىڭ سادىر بولۇشىغا ۋە تەشەببۇس قىلىنىشىغا قاتناشقۇچىلارنى؛ ئىرقى قىرغىنچىلىق  جىنايىتىنى كىشىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا بىۋاستە سادىر قىلىپ تەرغىپ قىلغان كىشىلەرنى جازالاش ھوقۇقىغا ئىگە.

دۆلەت رەئىسى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت ئەزاسى قاتارلىق رەسمىي ۋەزىپىسى بار شەخسلەر ۋە ھەربىيلەرنىمۇ مەزكۇر سوت مەھكىمىسى نىزامنامىسىنىڭ 28 – ماددىسىغا ئاساسەن سوتقا تارتىش ھوقۇقىغا ئىگە.[6]

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ خادىملىرىنى جازالاش ھوقۇقى بارمۇ؟

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، رىم كېلىشىمىنىڭ 1 – ماددىسىغا ئاساسەن دائىمى ۋە دۆلەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى سۈپتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزىگە ئەزا بولغان دۆلەتلەردىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بەلگىلىك جىنايى ئىشلارنى سوتلاشتا ئاجىز كەلگەن، ئادىللىق بىلەن سوتلاش مۇمكىن بولمىغان، جىنايەتچىنى شەكىلۋاز سوت بىلەن قۇتقۇزۇش مەقسەت قىلىنغان ئەھۋاللاردا، رىم كېلىشىمىنىڭ 20 – ماددىسى، 3 – تارمىقىغا ئاساسەن تولۇقلىغۇچى مەھكىمە سۈپتىدە سوت ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئۆزىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردە سادىر بولغان جىنايەتلەرگە قارىتا رىم كېلىشىمىنىڭ 87 – ماددىسى 5 – تارمىقىغا ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر مەزكۇر دۆلەت خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاۋاز قوشمىسا، ب د ت كېلىشىمنامىسىنىڭ 7 – بابىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئاساسەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددى قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ب د ت شەرتنامىسىنىڭ 25 – ماددىسىغا ئاساسەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چىققان قارارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەلۇم دۆلەتتە يۈز بەرگەن جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشنى قارار قىلغان بولسا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بۇ قارارغا ئاساسەن ئۆزىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتتىكى جىنايى ئىشلار ھەققىدە سوت ئاچالايدۇ.

مىساللار:

 ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2005 – يىلى مارتتا 1593- نۇمۇرلۇق قارار بىلەن سۇداننىڭ دارفۇر رايۇنىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى دوكىلاتنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ قارارغا ئاساسەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سوت ئاچقان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2009 – يىلى 3 – مارتتا رىم كېلىشىمنامىسىنىڭ 25 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن سۇدان دۆلەت رەئىسى ئۆمەر ئەلبەشىرنى ئەيىپلەپ قولغا ئېلىش بۇيرىقى چىقارغان. بۇ قاراردا ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يەر ئالماسلىقى سەۋەبىدىن قىلىنغان ئېتىرازلارغا ئاساسەن، 2010 – يىلى 12 – ئىيۇلدا ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىلاۋە قىلىنغان ھالدا ئۆمەر ئەلبەشىر ھەققىدە ئىككىنچى قېتىملىق تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان.

گەرچە بېرما خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولمىسىمۇ، لېكىن مەزكۇر سوت 2018 – يىلى 7 – سېنتەبىردە ئۆزىنىڭ، بېرما بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننى يۇرتىدىن مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىپ، خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى7.

يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆزىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى شەخسلەر ئۈستىدىن سوت ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ مەزكۇر سوتنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن مىساللار ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدىغان جىنايەتلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇپ، مەزكۇر سوتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە سوتقا ئەرز قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە نەتىجىسى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ب د ت ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتلار بىلەن دەلىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئارقىلىق قارار چىقىرىش (دارفۇر ۋەقەسىدىكىگە ئوخشاش) ياكى بىۋاستە ھالدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش (بىرما مىسالىدىكىگە ئوخشاش) خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سوتقا تارتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارا سەۋىيەدە دەلىللەپ خىتاي  ھۆكۈمىتىگە ئېغىر زەربە بېرىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جىنايەتلەردىن قول ئۈزدۈرۈش ئۈچۈن بېسىم ھاسىل قىلىشى، خەلقئارادىكى ئوبرازىنى چۈشۈرۈشى، مۇمكىن.


[1] ئامېرىكا، خىتاي، ھىندىستان، ئىراق، ئىسرائىلىيە، لىۋىيە، قاتار، يەمەن ۋە ۋېتنام.

[2] http://uhdigm.adalet.gov.tr/uluslararasi_isbirligi/uluslararasi_mahkemeler/ucm.html

[3] http://uhdigm.adalet.gov.tr/uluslararasi_isbirligi/uluslararasi_mahkemeler/ucm.html

[4] http://uhdigm.adalet.gov.tr/uluslararasi_isbirligi/uluslararasi_mahkemeler/ucm.html

[5] http://uhdigm.adalet.gov.tr/uluslararasi_isbirligi/uluslararasi_mahkemeler/ucm.html

[6] http://uhdigm.adalet.gov.tr/uluslararasi_isbirligi/uluslararasi_mahkemeler/ucm.html

7https://www.trt.net.tr/uyghur/khaelqy-r/2018/06/26/khaelqy-r-j-ny-y-shlr-swt-maehk-m-s-y-rknl-q-musulmnlr-y-yuchyun-haer-kaetkae-y-oett-1000001

https://www.haberler.com/ucm-nin-myanmar-karari-arakanli-muslumanlar-icin-11214588-haberi/

7https://www.trt.net.tr/uyghur/khaelqy-r/2018/06/26/khaelqy-r-j-ny-y-shlr-swt-maehk-m-s-y-rknl-q-musulmnlr-y-yuchyun-haer-kaetkae-y-oett-1000001https://www.haberler.com/ucm-nin-myanmar-karari-arakanli-muslumanlar-icin-11214588-haberi/

Share
3433 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.