logo

trugen jacn

خەلقئارا تۈرك دۇنياسى شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

 

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەنىڭ ئانتالىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا تۈرك دۇنياسى شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا. تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا سەنئەت، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن 7 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 10 – دېكابىر كۈنى ئانتالىيا لارادىكى كلۇپ فالكون مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا رەسمىي باشلاندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 16 دۆلەتتىن 30 ئىدارە، جەمئىيەت، 250 ئەتراپىدا شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچى ئىشتىراك قىلغان. بۇ ئۇچرىشىشقا يەنە تۈركىي مىللەتلەردىن رەسسام ۋە ھەيكەلتىراشلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا ئىكەن.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا سەنئەت، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى ساۋاش ئۈنال ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا چەتئەلدىن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەردىن باشقا تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى، ئانتالىيا شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم بىلەن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىمۇ قاتناشقان.

خەلقئارا تۈرك دۇنياسى شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى - نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم
خەلقئارا تۈرك دۇنياسى شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى – نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم

خەلقئارا تۈرك دۇنياسى شائىر، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا
ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى تۈركىي رايونلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا سەنئەتچى، شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە،10 – دېكابىردىن14 – دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ ئۇچرىشىشتا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھامۇت كۆكتۈرك رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈرك دۇنياسى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پۈتۈن پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا

قويۇلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلاندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turk-yazghuchi-senet-12112015204653.html

 

Share
1430 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.