logo

trugen jacn

خەلقئارالىق شېئىر فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى

237478773510945405966226830086899853522189120928256n
ئىستانبۇلدا «زۇلۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ساداسى» تېمىسى ئاستىدا، 3 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شېئىر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېستىۋالغا زۇلۇم ئاستىدىكى دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىغان پەلەستىن، ئافغانىستان، سۈرىيە، ئىراق، قىرىم تاتار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، مىسىر، لىۋىيە، كوسوۋۇ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئاتاقلىق شائىرلار تەكلىپ قىلىندى. تەخمىنەن 11 دۆلەت ۋە رايوننىڭ شائىرلىرى ۋەكىل خاراكتىرلىك شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئىستانبۇل سۇلتانبەيلى رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 3 – نۆۋەتلىكى چاقىرىلغان ۋە سۇلتانبەيلى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان فېستىۋال 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تۈنۈگۈن (5 – مارت) ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ سابىق مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر پىلانلاش مىنىستىرى ئەردوغان بايراقتار، پارلامېنت ئەزاسى مەتىن كۈلۈنك، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى باش مۇدىرى سەلامى ئالتىنئوق ۋە ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتارلىق نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان سۇلتانبەيلى رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى ھۇسەين كەسكىن ھەر يىلى ئەنئەنىۋى ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان شېئىر فېستىۋالنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنى ئاساسلىق تېما قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىىيتىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىدە: «بىز شۇ تاپتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زۇلۇملارغا شېئىر ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان كۈرەشچان شائىرلارنى ئۇچراشتۇرۇشنىڭ شادلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز. ”زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئۈمىد شېئىرلىرى“ دېدۇق، مانا يېنىمىزدا زۇلۇم ئاستىدىكى دىيارلاردىن كەلگەن قىممەتلىك شائىرلار ۋەمېھمانلار ئولتۇرۇپتۇ. بىز بۇ يەردىن پۈتۈن دۇنيا زالىملىرىغا سادا ياڭراتماقچىمىز. ئەڭ باشتا سۈرىيە ۋە شەرقىي تۇركىستان، ئاندىن مىسىر، لىۋىيە، ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇشنى خالىدۇق. ئېزىلگۈچىلەرنىڭ تارتقان زۇلۇم – سېتەملىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغان دۆلەتلەرگە سادايىمىزنى يەتكۈزۈشنى خالىدۇق، ئىنشائاللاھ يەتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل» دېدى.
فېستىۋالغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى نۇرى پاكدىلمۇ سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ ھەر دائىم ئىشغالىيەتكە ۋە ئېكىسپالاتاتسىيەگە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شائىرلار ئۆز شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى.
فېستىۋالدا ئۇيغۇلارغا ۋاكالىتەن نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم دېكلىماتسىيە قىلغان «تۈركىستانىم! بولدى يېتەر» ناملىق شېئىر قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. دېكلىماتسىيەدىن كېيىن زالدا ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭرىدى.
نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم 1961 – يىلى خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ، يەكەن شەھىرىدىن ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ، 1965 – يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان تۈركچە نەشىر قىلىنغان «تۈركىستان قىزى» قاتارلىق بىر قانچە شېئىرلار توپلىمى بىلەن تۇنۇلغان شائىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تېلېۋىزىيە پىروگرامىلىرى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئوقۇلۇپ كەلمەكتە.

خەلقئارالىق شېئىر فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
2117 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.