logo

trugen jacn

خەلقئارادا ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلغان ئانا پاتىگۈلنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى كۈچەيمەكتە

064ddbf1-d79c-48c6-9be2-67fffb377a94

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

5-ئىيۇل غايىبلىرىدن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ دائىرىلەردىن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 7-ئاپرېل سوتلىنىدىغانلىقى رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پاتىگۈل غۇلامنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت توغرىلىق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پاتىگۈل غۇلامنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا جىددىي ئىنكاس قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن پاتىگۈل غۇلامنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلىپى كۈچەيمەكتە.

«5-ئىيۇل غايىبلار ئانىسى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان پاتىگۈل غۇلامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغان پاتىگۈل خانىم 2014-يىلى ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، پاتىگۈل خانىمنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ، سىياسىي مەھبۇسلار قامىلىدىغان ئۈرۈمچى ليۇداۋان تۈرمىسىگە قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇلار بۇ خەۋەرنى، بىرقانچە يىلدىن بۇيان پاتىگۈل خانىم بىلەن بىرلىكتە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب قىلىۋېتىلگەن بالىلىرى ۋە ئەرلىرىنى ئىزدىگۈچى سەپداشلىرىغا خەۋەر قىلغان.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پاتىگۈل خانىمنىڭ 7-ئاپرېل مەخپىي سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغان، ئەمما 11-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر سوتنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

پاتىگۈل خانىم ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئۈرۈمچى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى ساقچى ئۆزىنىڭ بۇ ساقچىخانىغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈردى

بۇ ساقچىدىن، ئىلگىرى پاتىگۈل خانىم ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ بارغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقى ئابدۇۋەلىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىغىنىمىزدا، نۆۋەتچى ساقچى يەنە سوئال سورىشىمىزغا ئىمكان قالدۇرماي،«ئابدۇۋەلى سوجاڭ ھازىر بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ. مەن كەلسەملا يوق ئىكەن. ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئەمىلى ئۆسۈپ باشقا جايغا كېتىپتۇ. سوئاللىرىڭىزغا مۇشۇنچىلىكلا جاۋاب بېرەلەيمەن» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلى ئىمام مەمەت ئېلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەھەتتىكى پىداكارلىقى بىلەن «غايىبلار ئانىسى» دەپ تەرىپلەنگەن پاتىگۈل غۇلامنىڭ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 27‏-كۈنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى قاتارلىقلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن پاتىگۈل غۇلامنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ۋە ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش يولىدا ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان بىر ئانىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ پاتىگۈل غۇلامنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى ۋە ئاۋاز توپلاش پائالىيىتى باشلانغان. پاتىگۈل غۇلامنى قويۇپ بېرىش مۇراجىئەتنامىسى فېيسبوك قاتارلىق تارارتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقۇچىلار بارغانچە كۆپەيگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۆز ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان پاتىگۈل خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ھەتتا سوتلىنىشىدەك بۇ خىل رەزىللىكنى تەنقىدلەش، خىتاي دائىرىلىرىدىن پاتىگۈل خانىمنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، پەقەت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار ئىنسان دەپ بىلگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/patigul-ghulam-04112016143816.html

Share
1052 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.