logo

trugen jacn

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مىشەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر قاچقۇنلاردىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان

7a0833bb-1916-4533-a058-bb269338fae2

مەلۇم بولۇشىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مىشەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 28-ئاۋغۇست مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر قاچقۇنلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.

مىشەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «تېررورلۇققا قارشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نامىدا چىقىرىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا «دىققەت، تېررورچىلار مىشەن ئېغىزى ئارقىلىق دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىگىلىشىمىزچە، تېررورچىلار خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چېگرا شەھەر ۋە ناھىيەلىرى ئارقىلىق رۇسىيە تەۋەسىگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن ئۈچىنچى دۆلەتتىكى تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇن بازىسىغا بېرىپ ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. مىشەن شەھىرى رۇسىيە بىلەن 200 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە. تېررورچىلارنىڭ مىشەن تەۋەسىدىن رۇسىيەگە ئۆتۈش ئېھتىمالى زور. ئۇلار ئەگەردە چېگرا بويىدا بايقالغان ھامان نەق مەيداندا ھۇجۇم قوزغاپ بىزگە قارشى ”غازات“ ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.»

ئۇقتۇرۇشتا يەنە «تېررورچىلار» نى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشتا ئۇلارنىڭ 7 تۈرلۈك گۇمانلىق ئالامىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭ بىرىنچىسىدە «شىنجاڭ تەۋەلىكىدىن كەلگەن، چىراي-شەكلى ۋە يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان گۇماندارلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش» ئەسكەرتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى چېگرا ئۆلكىلىرىدە بۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا چىقىرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئۇيغۇرلارغا پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن «دۈشمەن» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda-uyghur-08312015164718.html

Share
1362 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.