logo

trugen jacn

خېنەن تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىمى: «شىنجاڭدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار – تېررورچىلاردۇر

«زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر رايونىدىن 2000 دەك مەھبۇسنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئىككى تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر. 2019-يىلى 26-ئىيۇل.

«زىمىستان» تورى خەۋەر قىلغان ئۇيغۇر رايونىدىن 2000 دەك مەھبۇسنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئىككى تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خېنەن ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىدىن بىرى بۇ ئىدارىدە مەخسۇس شىنجاڭدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ئىدارىدىكى يەنە بىر خادىم ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ «تېررورچىلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر رايونىدىن خېنەنگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىز خېنەننىڭ جاۋكۇ تۈرمىسىگە باغلاندى. بۇ خادىممۇ ئوخشاشلا ئەھۋالدىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭدىن: «بۇ تۈرمىدە شىنجاڭدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار يوق دېيەلەمسىز؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالغىمۇ جاۋاب بېرەلمىگەندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ياكى جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئېنىق ھالدا بىلمەيدىغان ئەمەس، بەلكى جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمنىڭ قايسى بۆلۈم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا «كەسپىي بۆلۈم» دەپ جاۋاب بەردى. 
«زىمىستان» تورى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئىلگىرىكى خەۋىرىدە مەھبۇسلار يۆتكىلىشتىن بۇرۇن بىر تۈركۈم تۈرمە خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ مەخسۇس تەجرىبە ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. رادىيومىز ئېلىپ بارغان ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلاردىمۇ گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە «شىنجاڭدىن مەھبۇس يۆتكەش خىزمىتى» نامىدا مەخسۇس بىر خىزمەت تارمىقى شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇڭا بىز مەزكۇر خادىمىدىن بۇ ئىدارىدە «شىنجاڭدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» نامىدا بىر ئىشخانىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم بۇ سوئالىمىزغا «بار» دەپ جاۋاب بەردى ۋە بۇ ئىشخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ تەمىنلىدى.

بىز ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار يۆتكىلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارغا ئارتىلغان ئاتالمىش «جىنايەت» نىڭ خاراكتېرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خېنەن ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى «ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئالاھىدە باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «ئەلۋەتتە، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ مەھبۇسلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن «جىنايەت» لىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، يەنى «ئۇلار سىياسىي مەھبۇسمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا بۇ خادىم ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «ئۇلار تېررورچى» دەپ جاۋاب بەردى. دەسلەپتە تېلېفونىمىزنى قىزغىن قوبۇل قىلغان بۇ خادىم سوئاللىرىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پوزىتسىيىسىنى دەرھال ئۆزگەرتتى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى. 

ئۆتكەن ئايدا سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇ قاماقخانىنىڭ شارائىتى پەۋقۇلئاددە ناچار بولغانلىقى، ھەتتا كۆپىنچە مەھبۇسلار قاماقخانىدىن تىرىك چىقىشىغا كۆزى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇددىتى ۋە ئورنى قانچىلىك ئۇزاق بولسا بولسۇن، «ھۆكۈمنامە» چىقسىلا خوش بولىدىغانلىقى، شۇڭا كامىردىشى ئابلىمىت ئابدۇمىجىتنىڭ خېنەنگە يۆتكەلگەنلىك ھۆكۈمىنى تاپشۇرۇۋالغاندا كامېردىكىلەرنىڭ ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەمما «زىمىستان» تورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن 2000 دەك مەھبۇسنىڭ خېنەنگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىدە بۇ مەھبۇسلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بىر كامىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، 24 سائەت كويزا-كىشەندىن ئايرىلمايدىغانلىقى، نارازىلىق كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا گۇندىپايلارنىڭ سوتسىز – نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش ھوقۇقى بارلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندا ئۆزلىرى تەخمىن ۋە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghurlar-xitay-turmilirige-yotkelmekte-07262019201105.html
Share
6473 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.