logo

trugen jacn

خېنەندىن ئۇيغۇر دىيارىغا قوراللىق ساقچى يۆتكەپ كېلىنگەنلىك ئۇچۇرى ئوتتۇرىغا چىقتى

 

 

ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزى» 8-مارت كۈنى بىر ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ‏128-دېۋىزىيەسىدىن 1000 نەپەر قوراللىق ساقچىنى ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى، رايوندا بەلكىم چوڭ بىر ۋەقە چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. «خوڭكوڭدا ئىقتىساد گېزىتى» تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان. ئەمما خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ بىرەر ۋەقە بولۇپ -بولمىغانلىقى دەلىللەنمىگەن.

14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسەتكەن. ئارقىدىن قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى مائاش بىلەن 3000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بىراق يۇقىرىدىكى خېنەن ئۆلكىسىدىن قوراللىق ساقچى يۆتكەش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تېخى خەۋەر قىلىنمىدى، ئەمما 2009-يىلىدىكى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىچكىرى خىتايدىن بىر قىسىم قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ مەيدانغا چىققان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/herbiy-yotkesh-03092017155214.html

Share
1041 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.