ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
تۋىتېر فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىاا تارقالغان، ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋەقەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭلىقلارنى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كىرگۈزمەسلىك» ئۇقتۇرۇشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللانغان ئۇقتۇرۇش خۇنەن ئۆلكىسى جاۋدۇڭ ناھىيىسىدىكى ميەنشيۇ ئولتۇراق رايونىغا چاپلانغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا «ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىمىزدىكى پۇقرالارنىڭ سەمىگە سالىدىغىنىمىز، جايلاردا كۆپىيىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ رايونىمىزدا يۈز بەرمەسلىكى ۋە ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىشىكنى قۇلۇپلاڭلار، رايونغا كارتا بىلەن كىرىڭلار. «شىنجاڭلىقلارنى ئاھالىلەر رايونىغا ئېلىپ كىرمەڭلار. غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلسە 110 نومۇرغا ئۇچۇر يوللاڭلار» دېگەن ئىبارىلەر يېزىلغان
ئۇقتۇرۇش ھەققىدە ئىنكاس يازغان تورداشلارنىڭ بەزىلىرى بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ، «بۇ، ئېنىق ھالدا ئېتنىك كەمسىتىش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەنلىك» دەپ يازغان. يەنە بەزىلەر، «بۇنداق ئۇقتۇرۇشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىكى شىنجاڭلىقلارنى )ئۇيغۇرلارنى( ياۋۇزلاشتۇرغان تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەب بولدى، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت ئۆزى جاۋابكار» دەپ يازغان
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-weziyiti-12092014161503.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.