logo

trugen jacn

خىتتايلارغا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان بىر تۇنۇشۇم بىلەن سۆھبەت 

2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خىتتايلار تۈركىيەگە كۆپلەپ كىلىشكە باشلىدى،ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن تۇنجى بۇلۇپ تەرجىمانغا ئېھتىياجلىق بۇلۇدۇ، مەسىلە شۇكى خىتتايلار ئېھتىياجلىق بۇلۇپ بۇلۇشتىن بۇرۇن بىزنىڭ بەزى بىر ئۇيغۇرلار ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ .
تونۇشۇمدىن سورۇدۇم : خىتتايلار تۈركىيەگە ناھايىتى جېق كىلىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئەڭ ئاۋل قايسى ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ؟ ئۇلار تىجارەت باھانىسىدا كەلگەن بولغانلىقىنى ئۈچۈن قايسى خىل تىجارەتتە ئىش باشلايدۇ ؟

ت: تۈركىيە كەلگەن خەنزۇلار ئىككى تۈرلۈك، بىرى ساياھەتچىلەر يەنە بىرى تىجارەتچى (زاۋۇت كارخانا ) تىجارەتچىلەر يۇقىرى قاتلامدىكىلەر چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىدۇ، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر ئېلىكتىر سايمانلىرىنى (تېلفون ،كومپيۇتېر، ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى )تارقىتىدىغان دۇكان ئاچىدۇ. چۈنكى تۈركىيەدە ئۇ جەھەتتىن بوشلۇق بار .

م : ئۇلارنىڭ مەخسىتى پەقەت تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىشلىمۇ ياكى باشقا خىزمەتلىرى بامۇ ؟

ت: ھازىر تۈركىيە جۇڭگودىن ئەڭ جېق مال سېتىۋالغان بىر دۆلەت. ھەتتا ماشىنا زاپچاسلىرىنى جۇڭگودىن ئەكەلدۈرۈپ بۇ يەردە قۇراش تۇرۇپ سېتىشقا باشلىدى. خەنزۇلار ھازىر ھەر ساھەدە بار. مەن ماشىنا قۇراشتۇرىدىغان زاۋۇتتا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان چېغىمدا خۇجايىن كەلدى ، مەن خۇجايىندىن بىز پەقەت مۇشۇ ساھەدىلام خىزمەت قىلامدۇق ،ياكى باشقا ساھەلەرگىمۇ ئۈتەمدۇق ؟دەپ سورۇدۇم. خۇجايىن : بىز ھازىر مۇشۇ ئىشنى قىلىىشنى داۋام قىلساق باشقا ساھەگە باشقا ئادەملەر كىلىدۇ دېدى. مەن يەنە دىدىم، باشقا ئادەملەر كەلمىسىمۇ ئۇ خىزمەتنى بىز قىلساق بولمامدۇ ؟ خۇجايىن ئۇنى بىز قىلالمايمىز ئۇ دىگەن مائارىپ خىزمىتى دىدى.

م: سىزنىڭچە شۇ خىتتايلارنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى بارمۇ ياكى پەقەت تىجارەتچىمۇ؟ بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدىكەن؟

ت: مەنچە ئۇلارنى سىياسەتكە ئارلاشمايدۇ دەپ قارايمەن . بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار توغۇرسىدا پاراڭلىشىپ باقمىدۇق ، ئەمما بىر قېتىم يولدا كۆك بايراق كۈتۈرۋالغان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەندە : شىنجاڭلىقلار مۇستەقىل بۇلىمىز دەپ جىدەل چىقىرۋاتىدۇ ، شىنجاڭدىمۇ ھۈكۈمىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ جىدەل قىلدى ، چەتئەلدە مۇشۇنداق بايراق كۈتۈرۈپ بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلار مەخسىتىگە يىتەلمەيدۇ . دېدى ۋە ماڭا سەن قانداق قارايسەن ؟دەپ سورىدى . مەن ئۇلارنى چۈشەنمەيمەن مەن جۇڭگونى سۈيىمەن دېدىم . ھە ياخشى دىدى . مىنىڭ بۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشقۇم يوق.

م: بىز پەقەت پاراڭلىشىمىز باشقا ئىش يوق . ساياھەتچى خىتتايلار تۈركىيە كەلگەندىن كېيىن تۈركىيەگە نىسپەتەن قانداق تەسىراتتا بولدى؟ ساياھەتچىلەر قانداق كىشىلەر ئىكەن ؟ پۇقرالارمۇ ياكى ھۈكۈمەت ئەزاسىمۇ ؟

ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن تۈركىيەنى بەك ياقتۇرۇپ قالدى. ئەمما بۇ يەردە جۇڭگۇچە رىستۇرانلار ئاز بولغانلىقىنى ئۈچۈن تاماقتىن تازا رازى بولماي قالدى تۈركلەرنىڭ ئاشخانىسىدا چوچقا گۈشى يوق ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلارنىڭ ئاشخانىسى پەقەت ساياھەت رايۇنلىرىدا بولغانلىقىنى ئۈچۈن باشقا يەرلەردە ئۈزى خالىغان تاماقلارنى يىيەلمەي جاپا تارتتى . ئۇلار تۈركىيەنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى. ھەتتا بۇ يەرگە يەرلىشپ قېلىشنى قارار قىلغانلارمۇ بار.

م: ساياھەتچى خىتتايلار تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى قارار قىلدىمۇ ؟

ت: بەزى خەنزۇلار شۇنداق دىدى . ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ ھەممە يەردە جۇڭگولۇقلار مەھەللىسى بار ئەمما تۈركىيەدە يوق ئىكەن . لىكىن بۇنىڭدىن كىيىن بۇلۇدۇ بىز بۇ يەرگە كىلىپ يەرلشىپ قالىمىز . تۈركىيە ناھايتى چىرايلىق ئىكەن، مەن ئۇرۇق تۇققانلىرىمنى كۆچۈرۈپ كىلىمەن دۆلىتىمىزمۇ مۇشۇنداق بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ دىدى. مەنچىمۇ بۇنىڭدىن كىيىن خەنزۇلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ . مىنىڭ بۇ توغۇرسىدا پاراڭلاشقۇم يوق . باشقا تىمىدا پاراڭلىشايلى .

م: ھە بۇلۇدۇ تەرجىمانلىق قىلىپ كۈنلۈك قانچە پۇل تاپالايسىلەر؟ ئەگەر تەرجىمانلىقنى ئۇيغۇرلار قىلمىسا باشقا قىلىدىغان ئادەم بارمىكەن ؟

ت: پۇل ئىشى ئوخشاش ئەمەس بۇرۇن 100-150دوللار ئەتراپىدا بىرەتتى . ھازىر تەرجىمانلىق قىلىدىغانلا جېقلاپ كەتتى .ھازىر شۇ 50-60دوللار بىرىدۇ. ئۇ ئىشنى بىز قىلمىساق باشىقا قىلىدىغانلار يوق . بۇرۇن تۈركىيە مەخسۇس گۇرۇپ تەشكىللەپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتەتتى .خەنزۇچە ئۈگۈنۈپ كىلىش ئۈچۈن لىكىن يېقىندىن بۇيان تۈركلەرنى كىرگۈزمەيدىغان بۇلۇپ قالدى شۇڭا بىزدىن باشقا ئادم يوق . بۇ بىز ئۈچۈن پۇل تاپىدىغان ياخشى پۇرسەت . يەنە شۇنداق گەپ قىلىۋاتىسىز مىنىڭ بۇ ھەقتە پاراڭلاشقۇم يوق دىدىم . باشقا تىمىدا پاراڭلىشايلى .

تۈركىيەگە خىتتايلارنىڭ ساياھەتكە كىلىشى دەسلەپكى قەدەمدە 2016يىلى توختاملاشقان بولسىمۇ خىتتاي ھۈكۈمىتى پۇقرالىرغا، تۈركىيەگە بارماسلىق توغۇرسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ تۈركىيە بىخەتەر ئەمەس تۇلا پارتلاش ۋەقەسى يۈزبىرىدۇ شۇڭلاشقا بىخەتەرلىك ئۈچۈن تۈركىيەگە بارماسلىقنى تەكىتلىگەن .

2017-يىلى تۈركىيەنىڭ سىرتقى ئىشلار مىنىستىرى خىتتايغا بولغان زىيارىتىدە جۇڭگولۇق خىتتايلارنىڭ يىلدا 10مىليون خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىتتايلارنىڭ 3مىليون خىتاينىڭ تۈركىيەگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ۋە خىتتاي تۈركىيە ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كىلىشىمى ئىمزالىغان ….

باشتا دىيىلگەندەك خىتايلار ياۋروپا دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغان بولسىمۇ، تۈركىيەدە تېخى ئولتۇراقلىشپ باقمىغان . چۈنكى خىتتاي ھۈكۈمىتى بىر دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماي تۇرۇپ پۇقرالىرىنى ئۇ دۆلەتتە يەرلەشتۈرمەيدۇ .
تۈركىيە خىتتاي مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغان كېيىن ،خىتتايلار تۈركىيەگە كۆپلەپ كىلىشكە باشلىدى، مەيلى تىجارەت مەيلى ساياھەت باھانىسىدە بولسۇن .

ھازىرقىدەك تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئاجىزلىشىۋاتقان پەيتتە خىتتايلارنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى تۈركلەرنىمۇ خوش قىلدى . ھەتتا خىتتايلارنىڭ نەچچە يۈز مولاپ يەرلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز .

بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىر قانداق دىگەندە ، خىتتايلارنىڭ مائارىپ خىزمەت قىلىدۇ دىگىنى، خىتتايلار ھەرقانداق دۆلەتكە كەلگەندىن كىيىن شۇ دۆلەتنىڭ مائارىپغا قول تىقىدۇ ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ بۇنداق ئىشلار كۆپ بولدى ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە خىتتاينىڭ مەكتەپلىرى بار .

تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتساق ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتتايچە بۈلۈم ئېچىلىشىقا باشلىدى .
تۇنۇشۇمنىڭ دىيىشىچە خىتتايلار كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىتتايچە بۈلۈم ئېچىپ خىتتايچە ئۈگۈتىدىكەن، ۋە خىتتايچە بىلىدىغانلارغا يۇقىرىقى مائاش بىلەن خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ خىتتاي تىلىنى ئۈگەنسە خىتتايدىلا ئەمەس دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىشىنىڭ ئاسان بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ خىتتايلارغا قېززىق تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدىكەن ……
خىتتايچە بۈلۈم ئېچىلدى دىگەنلىك، خىتتاينىڭ تەشۋىقاتى باشلىدى دىگەنلىك. بۇنداق ئىش ئامىرىكادىكى خىتتايلارنىڭ كۇڭزى نامىدىكى مەكتەپتىمۇ يۈز بەرگەن . ئامېرىكا ھۈكىمىتى مەكتەپ دەرىسلىكلىردە خىتتايلارنىڭ تارىخىنى ۋە خىتتاي مەدىنىيىتىنى دەرسلىك قىلىپ ئۈتۈلگەنلىكى ئۈچۈن ، خىتتايلار ئۈزىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ دەپ نارازىلىق بىلدۈرپ مەكتەپنى تاقىغان ..

ئەڭ دىققىتىنمنى تارتقىنى خىتتايلار ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇ يەردىكى خەلىقنىڭ خىتتايلارنى ياخشى كۈرۈش كۆرمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن . مەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە كىلەمدىكەن دەپ سورىغىنىمدا ئۇ بۇيەردە بىر تارماق دۇكان ئېچىشنى دىگەندە مەن ئۇ يەردىكى تۈركلەر سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ دىسەم ئۇنداقتا كىيىن ئاچايلى دەپ توختاپ قالدى دىدى.

ھازىر تۈركىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە (ئىزمىر، پامۇق قەلە كاپا دوكيا دېنىزلى )خىتتايلارنىڭ زاۋۇت كارخانىلىرى ، تاماق خانىلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى . ھەمدە تۈركىيەگە كىلىدىغان ساياھەتچىلەر پۇقرالار ئەمەس ھۈكۈمەت ئەزالىرى . بۇلار پەقەت ساياھەت ياكى تىجارەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خىتتاي ھۈكۈمىتىنى تەمسىل قىلىش تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كىلىۋاتىدۇ ….
خىتتايلار بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن يەرلىك خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماسلىقى كىرەك . ئەگەر تۈرۈكلەر قارشى چىقسا ئىشىنى قىلالمايدۇ.

تۈركلەر خىتتايلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدىكەن؟ دەپ سورىغان چېغىمدا تۇنۇشۇم ساياھەت رايۇنىدىكى تۈركلەر ناھايتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى(پۇل ئۈچۈن )ھەتتا خەنزۇلار بىلەن رەسىملەرگە چۈشۈپ يەنە كىلىشىڭنى قارشى ئالىمىز دەپ كەتتى . ھەتتا بەزى مۇسۇلمان ئەمەس تۈركلەر خەنزۇلارنىڭ تاماق خانىسىغا كىرىپ جۇڭگۇچە تاماق دەپ ئالاھىدە يەيدىغانلارمۇ بار ئىكەن . ئەمما ئانادولۇدىكى تۈركلەر يولدا ماڭساقمۇ سەت ئالىيىپ قارىشىپ كەتتى . ئىستانبۇلدا بەزى تۈركلەر ئىت يەيدىغان شەرەپسىزلەر دەپ تىللىغانلارمۇ بولدى دىدى . تۇنۇشۇم يەنە ئاتات تۈرك ئايدۇرۇمدا ئامانلىق ساقلىغۇچىغا مىنى ماۋۇلار بىلەن رەسىمگە تارتىپ قۇيامسىز دىسەم ، ياق تارتىپ قويمايمەن مۇشۇلار ئەمەسمۇ ئۇيغۇر تۈركلەرنىڭ بېشىغا بالا بولغان سەن نىمىشقا بۇلار بىلەن بۇنچە يېقىن بۇلىسەن . كۈزۈمدىن يۇقال خائىن ئۇ پىسلىكلەرگىمۇ دەپ قوي ئىككنجى تۈركىيەگە كەلمىسۇن .دەپ ھاقارەت قىلدى مەن گەپ قىلماي كەتتىم دىدى .

خىتتايلارنىڭ تۈركىيەگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىشى ياكى تىجارەت قىلىشى ياكى ساياھەت قىلىشى پەقەت ئۈزىنىڭ ھايات كەچۈرىشى ئۈچۈنلا بولماستىن، خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ، ۋە بۇ ئۇسۇلدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈندۇر ..

Görüntünün olası içeriği: yazı
Share
1577 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.