logo

trugen jacn

خىتاي 5 يىللىق پىلانىدا ئۇيغۇر ئېلىدا 11 مىليون ئادەم-قېتىم ئەمگەك كۈچى يۆتكىمەكچى

يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 13-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا تەخمىنەن 11 مىليون ئادەم-قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 2017-يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە كورلادىن تەخمىنەن 100 مىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن يەنە 2000 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكىگەن. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 15-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى» گە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن قوبۇل قىلىنغان 2000 نەپەر ئۇيغۇر ياش مەزكۇر شىركەتنىڭ كورلادىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى زاۋۇتلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن پويىز بىلەن يولغا چىققان.

مەزكۇر پىلان خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ مەدھىيىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارىدا يۆتكەش-ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى دەپ تەنقىدلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/emgek-kuchi-06202017171145.html

Share
871 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.