logo

trugen jacn

خىتاي 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىشىنىمۇ تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى

 

 

شۆھرەت ھوشۇر

 

Abdulbasit
ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە 12-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن 17 ياشلىق بالىنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسى ھەققىدە ۋەقەدىن 4 كۈن كېيىن خىتاي تەرەپ تۇنجى قېتىم ئۇچۇر ۋە ئىزاھات ئېلان قىلدى.

خىتايچە «ئاقسۇ تورى» ناملىق بۇ ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا، ئابدۇلباسىت قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى، بۇ چاغدا ئابدۇباسىتنىڭ موتسىكلىتىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇپ پونكىتتىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ۋەقە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما كەلپىندىكى ئاھالىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئالاھىدە ساقچىلارنى ئاقلاش ئۈچۈن ئابدۇلباسىتقا گۇناھ ئارتقانلىقىنى ۋە قورال تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى دەپ پاكىت توقۇغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

خىتاي ئاخباراتى ئابدۇلباسىتنىڭ ئىككى ئورۇندىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ساقچىلار ئوق چىقارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىغا يېنىپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يازغان. ئەمما نەق مەيداندىكى ئابدۇلباسىتنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ساقچىلاردىن قېچىپ 3 كىلومېتىر ئۇزاقلاشقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ بولسا ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىپ ئارائايماق دېگەن يەرگە كەلگەندە ئارقىسىدىن ئوق چىقىرىپ ئېتىۋەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ يەنە بىر ئاخباراتىدا، ئابدۇلباسىتنىڭ موتسىكلىتنى 200 كىلومېتىر تېزلىكتە ھەيدىگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما شاھىتلار ئابدۇلباسىتنىڭ موتسىكلىتىنىڭ توكلۇق موتسىكلىت ئىكەنلىكىنى، سۈرئىتىنىڭ 40 كىلومېتىردىن ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئاخباراتىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلىدى.

نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى ئاھالىلەر، ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ كەلپىن خەلقىنىڭ نەپرىتىنى بېسىش ۋە خىتاي ساقچىلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن، پاكىت بۇرمىلاۋاتقان ۋە توقۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە:

ئاھالە: ھۆكۈمەت شۇنداق دېمەي باشقا ئامالى يوق، چۈنكى راست گەپنى قىلسا خەلق تېخىمۇ غەزەپلىنىدۇ، تېخىمۇ قوزغىلىدۇ. شۇ كۈنى نامايىشچىلارنى ئارقىسىغا چېكىندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن يەنى ئابدۇلباسىتنى ساقچىلارنىڭ قورالىغا ئېسىلدى دېگەن ئىدى.

مۇخبىر: قېچىپ كېتىۋاتقان بالا قانداق قورالغا ئېسىلالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 17 ياشلىق بىر بالا؟
ئاھالە: شۇ ئەمەسمۇ، بۇ، «قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئېتىۋەتتۇق» دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىۋاتقان پاكىتلار.

ئاقسۇ تورى ۋەقەنى 12- ۋە 13-ئاپرېل ۋەقەسى دەپ ئاتىغان، ئەمما 12-ئاپرېل كۈنىدىكى ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ئىزاھات بېرىپ 13-ئاپرېل كۈنىدىكى ۋەقە ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 13-ئاپرېل كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىن ئاز دېگەندە 10 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

ئاقسۇ توردىكى خەۋەردە قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتۈشنىڭ قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكى يېزىلغان ۋە بۇ خىل خاتالىقنى سادىر قىلغۇچىلارنى ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىپ جازالاش ھەققى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شۇ كۈنكى نامايىشنىمۇ تېررورلۇقنى قوللاش، نامايىشچىلارنى بولسا تېررورچى دەپ ئەيىبلىشى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە. يەنە ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەن ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم پەتىسى قىلىش چەكلەنگەن، ئۇلارنىڭ قورۇسى نەزەربەند ئاستىدا تۇرماقتا.

ئاھالە: ئەتىگەندە پەتىگە كىرىدىغان ئادىتىمىز بولىدىغان، بۇنىڭغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى، پېتىمۇ قىلالمايۋاتىمىز.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، ھازىدارنىڭ قورۇسى قورشاۋدا ئوخشىمامدۇ؟
ئاھالە: شۇنداق ھازىر ھەممىمىز قورشاۋدا.

يۇقىرىدا قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-saqchi-04162014151703.html

Share
2089 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.