logo

trugen jacn

خىتاي ۋە تۇڭگان ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدار ئالمىشىشقا باھا بەردى

a963ed2e-3942-4f29-b0f3-453d7e58f730

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز ئالدىنقى كۈنلەردىكى پروگراممىلىرىمىزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرغانلىقى ھەققىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. نۆۋەتتىكى پروگراممىمىزدا، بۇ تېمىدا بىر خىتاي ۋە بىر تۇڭگان مۇتەخەسسىسنىڭ كۆزىتىشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

29-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىسىنى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن 2010-يىلى 4-ئايدىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا پارتكوم سېكرېتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خىتاي ئەمەلدارى جاڭ چۈنشيەن ھەققىدە ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى رادىيومىزدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «2010-يىلى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ‹مۆتىدىل يۇمشاق مىجەزى› بىلەن مەدھىيىلەنگەن جاڭ چۈنشيەننىڭ 6 يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، يۈرگۈزگەن قاتتىق قوللۇق سىياسىتىدە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەندىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكا مارىلەن شتاتىدىكى Frostburg ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى دوكتور ما خەييۈن ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا 6 يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىنى ئاياغلاشتۇرغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ رايون ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىگە «ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى نيۇيوركتا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ يازارى ۋە پەخرى باش مۇھەررىرى. ئۇ 1990-يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئوبزور-ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى.

خۇ پىڭ ئەپەندى جاڭ چۇنشيەننىڭ 6 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش ئەمەلىيىتىگە باھا بېرىپ :«مەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارىنى ئالماشتۇرۇشى بىلەن ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ دەپ قارىمايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەن رايوندا يۇمشاق مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزىدۇ دەپ مەدھىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 6 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزگەن سىياسىتى، قاتتىق قوللۇقتا ۋاڭ لېچۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بۇ جاڭ چۇنشيەننىڭ ئاتالمىش ‹يۇمشاق مۆتىدىل سىياسىتى› نىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. نۆۋەتتە جاڭ چۇنشيەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن چېن چۈەنگو ھەققىدە ھازىرچە باھا بېرىش تەس. ئەمما مېنىڭچە، ئۇنىڭ جاڭ چۈنشيەندىن ياخشىراق بولۇشى ناتايىن. چۈنكى چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە دالاي لاما ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا قارىتا قاتتىق قول رادىكال سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىگە ئائىت ئەھۋاللار تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى» دېدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە جاڭ چۇنشيەننىڭ ئورنىغا چېن چۈەنگونىڭ تەيىنلىنىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسى قوللاندى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچىنچىدىن جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىن يۆتكىلىشىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىنىڭ ئۇنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولۇشى ناتايىن. چۈنكى ھازىرقى ئەھۋالدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا سىياسىتىدە يېڭى پىلانى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر يېڭى ئۆزگىرىش، ئۇچۇر يوق، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ جاڭ چۈنشيەنگە ئىشەنمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپ تارالماقتا. بۇلتۇر خىتايدا تارقالغان خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان خېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار ۋۇجې تورىدا ئېلان قىلىندى ۋە جاڭ چۈنشيەننىڭ شى جىنپىڭغا قارشى گۇرۇھتىكى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ۋە جۇ يۈڭكاڭنىڭ يېقىنلىرىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە پەرەزلەر ئىككى يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى، جاڭ چۇنشيەننىڭ رايوندا ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە «مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇشى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى، بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئەنسىرەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ چۇنشيەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىغا ھەيران قالمىدىم. چۈنكى شى جىنپىڭغا قارشى گۇرۇھتىكى جياڭ زېمىن تەرەپدارى دەپ قارالغان جاڭ چۇنشيەن رايوندا ۋەزىپە ئۆتىگەن 6 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى ‹قاتتىق باستۇرۇش› سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ‹ تېررورلۇققا زەربە بېرىش›نى باھانە قىلىپ، رايوندا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىردەك باشقۇرۇش سىياسىتىدىن پەرقلىق ھالدا يۈرگۈزگەن بىر يۈرۈش يەرلىك سىياسەتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپ پەرقلىق بولدى. ئۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە ‹ دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش› نى زىيادە تەكىتلىدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيدى. مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھازىر بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە جاڭ چۇنشيەننىڭمۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ‹يەرلىك خاقان› بولۇش ئۈچۈن رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەشنى كوزىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇندىن باشقا بۇلتۇردىن بۇيان جاڭ چۇنشيەننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىلغان ئىمزالىق خەت بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ، جاڭ چۇنشيەننىڭ شى جىنپىڭغا قارشى گۇرۇھتىكى جياڭ زېمىن تەرەپدارى ئىكەنلىكى بۇ ئەھۋالنىڭ شى جىنپىڭنى ئەنسىرەتكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرمۇ كۆپەيدى.»

ما خەييۈن ئەپەندى يەنە جاڭ چۇنشيەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «بۇلتۇردىن بۇيان تارقالغان ئۇچۇرلاردا تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىدىغان ئەمەلدار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار. مەسىلەن، بۇلتۇر تىبەت ۋەكىللىرى بېيجىڭدىكى يىغىنغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى تاقاپ بارغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىغان خەۋەرگە ئايلانغان ئىدى. بۇ نۇقتىدىن چېن چۈەنگونىڭ جاڭ چۇنشيەندىن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلدار بولغان مەزگىلىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئەينەن ئىجرا قىلىشى يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەتتە خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى سىياسەتكە نىسبەتەن يېقىن بولغان، بىر قەدەر كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، چېن چۈەنگو تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددەتتە تىبەت بۇدخانىلىرىغا خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىشقا ئوخشاش بۇيرۇقلارنى چۈشۈرگەن. ئەگەر ئۇ بۇ خىل كومپارتىيىنىڭ دىنغا زىيادە ئارىلىشىۋېلىش سىياسىتىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنسا، ئۇ ھالدا نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق يۈز بېرىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xitay-emeldar-09012016142712.html

Share
1439 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.