logo

trugen jacn

خىتاي ھەربىي پاراتىنىڭ ئوغرىلانغان تېخنىكىلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە

cin-zafer-gunu-nu-dev-gecit-toreniyle-kutladi-1

خىتاي 3 – سېنتەبىردىكى ھەربىي پارات ئارقىلىق ئۆز ھەربىي تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىقلارنى بىر كۆز – كۆز قىلغان بولسىمۇ، پاراتتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خەۋەر – مۇلاھىزىلەردە پاراتنىڭ ئاساسەن ئوغرىلانغان تېخنىكىلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىدە مەزكۇر پارات «ئوغرىلانغان ماللار بازىرى» غا ئوخشىتىلغان.

ئانالىزدا نەقىل قىلىشىچە، سىنگاپورغا جايلاشقان مۇداپىئە ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى مىكائېل راسكا مۇنداق دېگەن: «بۇ پارات ئوغرىلانغان ئەقلىي مۈلۈك بازارنىڭ نەق ئۆزى بولدى.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە پاراتتا كۆرسىتىلگەن قورۇللارغا ئىشلىتىلگەن بەزى زاپچاس ۋە لايىھەلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن گۇمانلىق يوللار بىلەن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىماق تەس ئەمەس ئىكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پاراتتا كۆرسىتىلگەن HQ – 6A تىپلىق بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئىتالىيەنىڭ Alenia Aspide باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن كەچۈرۈلگەن بولسا، خىتاي كۆز – كۆز قىلغان J – 15 تىپلىق دېڭىز ئارمىيە قىرغۇچى ئايروپىلانى رۇسىيەنىڭ SU – 33 تىپلىق ئايروپىلانىدىن كۆچۈرۈلگەن ئىكەن.

ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغارF – 35 تىپلىق قىرغۇچى ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-parat-09052015231222.html

Share
1370 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.