logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز يۆگەشنى ۋە ساقال قويۇشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى قىسمەن ئىجرا قىلىشقا باشلىدى خىتاي ھۆكۈمىتى، 1 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئەسەبىيلىككە چەكلەش نىزامنامىسىنى قىسمەن ئىجرا قىلىشنى باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش» بويىچە چىقارغان 50 ماددىلىق نىزامنامىسىنىڭ 1 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، بەلگىلىمە ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش بەزى ساھەلەردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللارنىڭ قەتئىي يوسۇندا ئاپتوبۇس ياكى پويىزلارغا چىقىرىلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

نىزامنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئايرودۇرۇم ۋە تۆمۈر يول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئاياللارنى يۈزىنى يۆگەشتىن، ئەرلەرنى نامۇۋاپىق ساقال قويۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ھۆججىتىدە، « ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش، پەرزەنتلىرىگە ئىلىم-پەنگە، مەدەنىيلىككە ئىنتىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك.» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1608 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.