logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەننىڭ يەرلىك بايلىقلىرىغا خىتايدىن سودىگەر چاقىرىشنى كۈچەيتمەكتە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن چىقىدىغان خوتەن قىزىل گۈلى، بادام، گۆشلۈك چىلان قاتارلىق ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلارغا تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئېرىشىش ۋە بازار ئېچىش مەقسىتىدە ئېلان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتكەن. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-ئىيۇندىن باشلاپ بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن مەخسۇس تەشۋىقات فىلىملىرى ۋە ئېلانلىرىنى سەككىزىنچى قانىلىدا تارقىتىشقا باشلىغان.

بۇ ئېلانلاردا نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش تۈرنىڭ بىرى-خوتەن دىيارى ئۈچۈن قاش تېشىدىن قالسا ئىككىنچى گۆھەر ھېسابلىنىدىغان خوتەن قۇملۇق قىزىل گۈلى بولۇپ، خوتەن قىزىل گۈلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆسىدىغان قىزىلگۈل سورتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى سورت ھېسابلىنىدىكەن. خوتەن قىزىلگۈلى ئاز دېگەندە 1500 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە ئىكەن. «خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەندە ھازىر قىزىلگۈل ئۆستۈرۈلىدىغان يەر كۆلىمى 30 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن. قىزىلگۈل خۇشپۇراق مېيىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان سترونېللول بىلەن گېرانىئولنىڭ خوتەن قىزىلگۈلىدىكى مىقدارى بۇلغارىيە قىزىلگۈلىنىڭ 8. 3 ھەسسىسى ۋە 249. 8 ھەسسىسىگە، فىرانسىيە قىزىلگۈلىنىڭ 6.5 ھەسسىسى ۋە 9.124 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. ھازىر بىر مىللىلىتىر خوتەن قىزىلگۈل مېيىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1200 يۈەن بولۇپ، ئالتۇندىنمۇ قىممەت ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن قىزىلگۈلىنىڭ سۈپىتى ھەم باھاسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشىنى خوتەننىڭ ئۆزگىچە قۇملۇق كىلىماتى ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتى بەلگىلىگەن ئىكەن. قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆستۈرۈلگەن خوتەن قىزىل گۈلىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، سۈپىتىنىڭ دەمەشق قىزىلگۈلى، بۇلغارىيە قىزىلگۈلى، فىرانسىيە دوگلاس قىزىلگۈلىدىن قېلىشمايدىغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى خوتەننىڭ قاراقاش، خوتەن ناھىيەسى، كېرىيە قاتارلىق بىر قانچە ناھىيەدە نىسبەتەن تار كۆلەمدە تېرىلىدىغان خوتەن قىزىل گۈللىرى پەقەت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغانلىقى ئۈچۈن خام ئەشياسى چەكلىك يەرلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدىكەن.

ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىيۇل ئايلىرىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ھازىرقى مەزگىل خوتەن قىزىلگۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ ھەممە يەر خۇش پۇراققا تولىدىغان ۋە گۈزەل تۈسكە كىرىدىغان بىر پەسىل. ئۇيغۇر دىيارىدىن رادىيومىزغا ئىلگىرى كەلگەن ئىنكاسلاردا خىتاينىڭ «نىشانلىق ياردەم»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن ناملاردا خوتەن يەرلىك مەھسۇلاتلىرىغا خىتايدىن سودىگەر چاقىرىش ئىشىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خوتەننىڭ قىزىل گۈل مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ئاساسەن خىتاي سودىگەرلىرى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانلىقتىن، قىزىل گۈل، چىلان، بادام قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى خام ئەشيا قىلىدىغان ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ئىگىلىكى ۋە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى كەسىپ قىلغان كىچىك تىپتىكى ئۇيغۇر يەرلىك كارخانىلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

قىزىلگۈل يەنە گۈلقەنت قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، خوتەندە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارغا ئىگە بۆلىۋېلىشى ۋە خام ئەشياسى ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان بۇ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى پىلانسىز ۋە ھەددى-ھېسابسىز ئېچىشى بىلەن بۇ ساھەدە خام ئەشيا قەھەتچىلىكى يۈز بېرىشكە باشلىغان. 2015-يىلى قاراقاشتىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك شىركىتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كېلىپ «ھېكىم ئېلى» نامىدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىخانىسىنى ئاچقان ئەلىجان، خوتەندە ئۆزىگە ئوخشاش ئەزەلدىن ئاتا كەسىپ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلەرنىڭ ئىگىلىكى 2000-يىللاردىن باشلاپ خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى:

دائىرىلەر ھازىر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «قىزىلگۈل مەنزىرىسى بايرىمى» ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل يەنە «خوتەن قىزىلگۈل كەسپى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت بايرام ئارقىلىق نام چىقىرىش ۋە قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خوتەننىڭ قىزىل گۈل ئۆستۈرۈلىدىغان يېزىلاردا ھەممە ئائىلە دېگۈدەك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى ئورنىدا قىزىلگۈل ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، پەقەت قىزىلگۈلدىنلا قىلىنغان كىشى بېشى كىرىم 1000 يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى تەشۋىق قىلماقتىكەن.

ھالبۇكى، ئىستانبۇلدىكى بۇ خوتەنلىك تېۋىپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، خوتەندىن چىقىدىغان يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ دېھقانلارنىڭ قولىدىن دائىرىلەر سېتىۋالغان باھا بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە بازارغا سېلىنىش باھاسىدا 10 ھەسسىلەپ پەرق بار ئىكەن. قىممەتلىك بۇ يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ پايدىسىغا دائىرىلەر ياكى خىتاي شىركەتلىرى ئىگە بولماقتا ئىكەن. ئەمما ئۆز قولى بىلەن بۇ بايلىقلارنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا ھازىرغىچە نامراتلىقتا ياشىماقتا ئىكەن.

خىتاي تەشۋىقات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇرقى فىرانسىيە يېمەكلىك كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن تەكلىپ قىلىنغان بىردىنبىر كارخانا «شىنجاڭ خوتەن قۇياش نۇرى قۇملۇق قىزىلگۈلى چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، شىركەت باش مۇدىرى ليۇ تيەنجى زور نەتىجىلەر بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، فىرانسىيەنىڭ بىر زەنجىرسىمان تاللا بازىرىمۇ خوتەن گۈلقەنتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بازىرىغا كىرگۈزۈش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ تيەنجى كۈلۈپ تۇرۇپ شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ مۇخبىرىغا «ئىلگىرى، خام ئەشيالىرىمىزلا ياۋروپا بازارلىرىغا كىرگەنىدى، ھازىر تەييار مەھسۇلاتلاردىن گۈلقەنت، قىزىلگۈل ئىچىملىكى ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشكە باشلىدى، خوتەن مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.

2012-يىلى 11-ئايدىن بۇيان، خىتاينىڭ كېرىيەگە ماكانلاشقان «كېرىيە قىزىلگۈل بىئو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ بىر خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسەن خىتايغا سېتىلىۋاتقانلىقى، توردىمۇ بازىرى بارلىقىنى، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغىمۇ چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن خوتەندىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارغا ساپلا خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «چۈنكى ئۇنىڭغا تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يەرلىكلەر خىتاي شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ، ھازىر سىياسەتتە بازارغا ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئېچىش ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى كۈچلۈك كارخانىلار ئىگىلەيدۇ،» دەپ جاۋاب بەردى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/xoten-mehsulati-06072018150024.html

Share
1648 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.