logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئاۋام ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەن تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئاۋام ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەن
تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى
( 2017- 01 — 2019- 03 )
تارىم تورغاق

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكىسى شەرقىي تۈركىستاندا تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە 2017- يىلدىن باشلاپ 2- دۇنيا ئۇرۇشدىن كېيىن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قول سالدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاسمىنىنى ئاق تېررورلۇق قاپلىدى. مىليونلىغان ئاۋام تۈرك مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ماقالىدە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي تۇتقۇن قىلىنغان ئاۋام ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىسنمەن تېزىملىكى ۋە قىسمەنلىرىنىڭ تۈرمىدە ئۆچرىغان قىسمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.
ئامېرىكانىڭ بوستۇن شەھىرىدە «يىپەك يولى رېستورانى» ناملىق ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى ئاچقان مارىيە مۇھەممەتنىڭ ئائىلىسى «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ ( جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن، ئسلام دىنى ئالىمى ) يېقىن تۇغقانلىرىدىن ھېسابلىنىدىكەن. ئاتۇشتا خەلق ئىچىدە « دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم، تەقۋادار جەمەت » دەپ قارىلىدىغان بۇ جەمەتتىنلا 2 يىل ئىچىدە 60 تەك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان.
ھازىر تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلۋاتقان ئۆمەر بېكئالىنىڭ (ئۆزى جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان) ئاتا- ئانىسى ۋە قېرنىداشلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. دۆربىلجىنلىك جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەت بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بولۇپ، جەمەتىدىن جەمئىي 44 كىشى تۇتقۇن قىلىنىغان.
مۇيەسسەر مۇھەممەت 13 يىل بۇرۇن مىسىردا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپتە قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازا لاگېرغا كېيىن تۈرمىگە قامالغان ۋە مۇيەسسەرنىڭ ئاتۇشتىكى بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىلگىرى- كېيىن قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
ئاتۇش ئازاق يېزىلىق ئوقۇغۇچى ئىلھام قارى مىسردىن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئاتا- ئانىسى جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆزى قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغان ( جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن). ئىلھام قارىنىڭ ئانا تەرەپتىن ئابدۇغىنى، ھېكىمجان ۋەلى قاتارلىق قىرىنداشلىرى ئائىلىسى بۇيىچە قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتۇن قىلىنغان. يەنە مىسردا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن كورلالىق ئابدۇسالام ،ياسىنجانلار قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان.
تارقاق ھەج قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن غۇلجىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئايالى مەرھابا خانىم (جازا لاگېردا جان ئۈزگەن، جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمىغان)؛ ئىنىسى ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئايالى؛ ئابدۇغاپپارنىڭ بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن، تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئوغلى ئابۇزەر تۇتقۇن قىلىنغان.
پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئايالى جەمىلە خانىم، قەشقەر سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ئىبراھىم مۇسانىڭ ئايالى دىلنۇر ھۈسەيىن ۋە بىر ئوغلى، قەشقەرلىك تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراھمان ھەسەننىڭ 30 ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، پىنسىيەگە چىققان 69 ياشلىق ئانىسى ۋە ئايالى، قەشقەردىكى تېرە مەھسۇلاتلىرى شىرىكىتىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇنجان بەكرىنىڭ ئايالى، خوتەنلىك تىجارەتچى ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئائىلە ئەزالىرى،قەشقەردىكى تېرە مەھسۇلاتلىرى شىرىكىتىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇنجان بەكرىنىڭ ئايالى، موسكىۋادا ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتاننىڭ ئاپىسى ئايگۈل سۇلتان قاتارلىقلار قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازا لاگېرغا سۇلانغان.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان، 1988- يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، بېيجىڭدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن بىر خىتاي ئەرگە تېگىپ ئائىلە قۇرغان زۇلخۇمار ئىسھاقنىڭ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغاندىن كېيىن قۇمۇلدا بىر ئۆمۈر ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلغان، 2017- يىلى پېنسىيەگە چىققان زۆھرەم تالىپ ۋە دادىسى ئىسھاق پەيزۇللا ھەر ئىككىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان.
تۈركىيە پوقراسى، تۇتقۇن قىلىنغان خوتەنلىك تىجارەتچى ئۆزگۈر ئايدىن كېسلىپ گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرىدىكى تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن.
ھازىر چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلۋاتقان كورلىق ئىمىن ياقوپنىڭ ئۇرۇق- تۇغغان قېرىنداشلىرى ۋە قۇدا- باجالىرى ۋە پاكىستانلىقلارغا نىكاھلانغان ئەللىك نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئايال ۋە سەئۇدى ئەرەبسىتانلىققا نىكاھلانغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال قاتارلىقلار قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان.
بۇ يىل ئا قى شى كونگرىسنىڭ يوقىرى پالاتاسى « خىتاي ئىشلىرى ئىجىرائىيە كومىتېتى» نىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن، ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىكتورى گۇلچېھرە قىيۇم خوجانىڭ ئۇرۇق- جەمەتىدىن 23 ئادەم ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە ھاممىسى ماھىنۇر ئابلىزلارنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۇمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە : « مېھرىگۈل 2015 يىلى 3- ئاينىڭ 15 كۈنى، قاھىرەدە ئىككى ئوغۇل، بىر قىز، جەمئىي 3 كېزەك بالا تۇغقاندىن كېيىن، 2 ئايلىق بولغان بالىلىرىنى ئېلىپ ئىپتىخارلىقتا ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن مىسىردىن يۇرتى چەرچەنگە قايتىدۇ، ئۇ 2015- يىلى 5- ئاينىڭ 13 -كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. تېلېفونلىرى تارتىۋېلىنغان مېھرىگۈلنىڭ مىسىردا قالغان ئېرى بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇتتىن قوپقان، 3 كېزەك بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان مېھرىگۈل خېيجاسەن تۈرمىسىگە 3 ئاي قامىلىپ، بۇ جەرياندا قايتا- قايتا ئېغىر قىيىن- قىستاق ۋە سوراقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن پەيتتە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئانا سۈتىدىن ئايرىۋېتىلگەن بوۋاقلار بولسا تەڭلا قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ، 3 ئايدىن كېيىن، يەنى، 8- ئاينىڭ 25-كۈنى مېھرىگۈل تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ بالىلىرى داۋالىنىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا- بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن مېھرىگۈل 3 كېزەكنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئوغۇل مۇھەممەتنىڭ مۇزلىغان جەسىتىنى قولىغا ئالىدۇ. بىر بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئېغىر ئاغرىپ قېلىشى سەۋەبلىك مېھرىگۈل كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، مىسىرغا قايتىشى تۇرماق بىر يەرگە بېرىشى چەكلىنىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىدۇ. ئۆمرىدە ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ئالىي مەلۇماتلىق مېھرىگۈلنىڭ بۇ ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز مۇئامىلىلەرگە، بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە ئۇچرىشىغا پەقەت ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇغان ۋە ياشىغانلىقى سەۋەب بولغان. مېھرىگۈل چەرچەن ناھىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017- يىلى 4- ئايدا تۇتۇلۇپ، لاگېرغا قامىلىدۇ ۋە 3 ئاي جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلارغا ئۇچراش سەۋەبلىك تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2018- يىلى 1- ئايدا ئۇ 3- قېتىم بۇ قاباھەتلىك لاگېر ھاياتىنى يەنە قايتىلايدۇ. …. مېھرىگۈل تۇرسۇن، 29 ياش، بۇندىن 6 ئاي بۇرۇن چەرچەندىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. مېھرىگۈلنىڭ ئىككى ھايات قالغان بالىسىنىڭ مىسىر گىراژدانى بولغانلىقى ئۇلارنىڭ خىتايدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. چەرچەندە قالغان ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى گۆرۈگە ئېلىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن مېھرىگۈل قوش كېزەك بالىلىرى بىلەن مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ھىمايىسىدە 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى قاھىرەگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىدۇ. ».
« 20 ياشقا كىرگەن دېھقان بالىسى جەسۇرنىڭ 2014- يىلى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنلا يەكەن<< ئېلشقۇ ۋەقەسىى>> يۈز بەرگەن،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن يەكەن بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ بارلىق ئۈچۈر ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشى سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۆزى تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان جەسۇر،4 يىلدىن بۇيان چەت ئەلدە ئۆزىنى ئۆزى قامداش جەريانىدا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن چاغلاردىمۇ، يېقىنقى كۈنلەردە قارانچۇقسىز قالغان كىچىك ئىنلىرىنىڭ قورقۇپ كەتكن غېرىبانە، بىچارە ھالىتىنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرگەندەك ئازاپلانمىغان ئىكەن. يەكەن ناھىيىسىدىن تونۇش- بىلىشلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ئۇنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيە، كاچۇڭ يېزا تاختاكۆۋرۈك كەنتى، 2- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، 45 ياشلىق دادىسى مەخمۇت سايىم، 43 ياشلاردىكى ئانىسى بۇخەلچەم تۇرسۇن، قېرىنداشلىرىدىن 25 ياشلاردىكى بۇرانەم مەخمۇت، 20 ياشقا كىرگەن ئىنىسى نۇرئېلى مەخمۇت، ئابدۇجاپپار مەخمۇت، تاغىلىرىدىن قاسىم سايىم، ھېكىم سايىم، ئابلىمىت سايىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولۇپ 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇق- تۇغقىنى ئىلگىرى- ئاخىر بۇ يىل ئىچىدە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. ئۇ، دادىسى ۋە يەنە 3 تاغىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما ئۇلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق بولۇپ، ئاپىسى بۇ يىل 3 ئايلاردا تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ دادىسىنى پىلاندىن ئارتۇق يەنە 2 پەرزەنت كۆرگەن ۋە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانىنى تاپشۇرمىغان دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، باشقا تاغىلىرىنىڭمۇ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تونۇشلار ئارقىلىق ئاڭلىغان. ».

ئەسكەرتمە: مەزكۈر ماقالىدىكى « ×× × » ئىچىدىكى تېكىستلار ۋە مەلۇماتلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى.
2019- يىلى مارت

Share
6787 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.