logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى: تۈركچە ئىسىمدىكى گېرمانىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىلمەيدۇ

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خىتايغا بېرىش ۋىزىسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان گېرمانىيە پۇقرالىرىدىن تۈركچە ئىسمى بولغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. گېرمانىيەدىكى سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىشى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

گېرمانىيەدىكى «سودا ھەپتىلىكى» گېزىتى 11-نويابىر كۈنى مۇشۇ ۋەقە توغرىلىق مەخسۇس بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە گېرمانىيەنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى 70 مىليارد ياۋرودىن ئاشىدىغان بولۇپ، گېرمانلار خىتايدا قۇرغان زاۋۇت ۋە شىركەتلەر بەش مىڭدىن ئاشىدىكەن. مۇشۇنداق زور ھەجىمدىكى سودا مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا خىتاينىڭ بىر قىسىم گېرمانىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بەرمىگەنلىكى «قەستەن ئىرقچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ۋىزا ئىلتىماسى رەت بولغانلار ئارىسىدا يەنە ئىلگىرى ئۇزۇن ۋاقىت تۈركىيەدە ياشىغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. ئالاقىدار زاتلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن جىددىيلىك ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن زور ساندىكى كۆچمەنلەرنىڭ 2015-يىلى گېرمانىيەگە ماكانلىشىشى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ زىيادە ئەندىشىلىرىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ھالبۇكى بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە: «بىز تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ھەرقانداق پائالىيەتكە يول قويمايمىز»، دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.