logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەن» دىكى خىتايلارنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ، «پىلانلىق تۇغۇت» نى بىكار قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» دە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىڭتۇەنلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى مەزكۇر سىياسەتنى پائال ئىجرا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «بىڭتۇەن» سىستېمىسىدا ۋەكىللىك نۇقتا بولغان شىخەنزە شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى يېڭىدىن بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولغان ئانىلارغا بېرىلىدىغان دەم ئېلىشنى 128 كۈنگە ئۇزارتىش، شۇنىڭدەك ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاشنى يولغا قويغان.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسى سان جەھەتتە ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا «بىڭتۇەنلەر» دىكى خىتاي نوپۇسى مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدىكەن. خەۋەرلەردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «بىڭتۇەن» نى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئۇنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلاردا كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە نوپۇسىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئاخبارات خەۋەرلىرى بولسا نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە تۈرلۈك تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مىليونلاپ نوپۇس كۆچۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۇ جايدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش چارىسىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىغا ماكانلىشىۋالغان خىتاي ئائىلىلىرىنى ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ھەققىدە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يۈز مىڭ قاۋۇل ئۇيغۇر ئەرلىرىنى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال كۆپىيىشىنى چەكلىمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىر بىڭتۇەنلەردىكى خىتايلارنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئارقىلىق شۇ جايلاردا تۇغۇلغان خىتاي نوپۇسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-bingtuen-07192018164052.html

Share
1166 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.