logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئائىلىلەرگە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئائىلىلەرنىڭ 1‏-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۆيىگە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىشىنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان بىر خىل يېڭى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تەدبىرى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا-كەنتلىرىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمغا پۇقرالار مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلغان.

ئالتاينىڭ بۆرىتوقاي ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قازاق پۇقراسىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 30‏-سېنتەبىر مەزكۇر ناھىيەگە قاراشلىق ھەر قايسى باشقارما، ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەر ئائىلىلەرگە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى تارقىتىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ رەسىمنى ساراي ئۆيىنىڭ كۆزگە چېلىقارلىق بىر يېرىگە ئېسىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋالنى 1‏-ئۆكتەبىر ئالتاي ۋىلايىتىدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر قازاق پۇقراسى رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا دەلىللىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتايدىن باشقا ۋىلايەت-ئوبلاستلىرىدىمۇ يەرلىك ئاھالىلەردىن ئۆيىگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا «ھەر بىر يەرلىك مىللەت ئائىلىسىنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىشى تەلەپ قىلىندى» دېگەن. ئۇ، 1‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال ھەممە ئۇيغۇر مەجبۇرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە خىتاي دۆلىتىگە ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يېقىنقى 40 يىل مابەينىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسىي ھەرىكەت» دەپ تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/shi-jinping-resim-10022017171440.html

Share
1310 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.