logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تېررولۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى

harita_orta_asya

خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستانلار بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقداشلىقى قۇرغان. رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيە باش شىتاب باشلىقلىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇلاردىن تېررورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېرروررلۇق ۋە رادىكاللىقنى رايون بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تەھدىت، دەپ تونۇپ، «تۆت دۆلەت مىخانىزىمى» ئارقىلىق بۇ كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ھەرقانداق بىر ۋەقەنى تېررولۇق دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادا خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەيدىغان تېررولۇق تەشكىلاتى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە خوشنا بولغان يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، پاكىستان ئارمىيىسى گېنېرالى شېرىفنىڭ خىتاي گېنېرالى فاڭغا ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا چېتىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

رويتېرس بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بۇ يىغىن، دەل بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن ئافغانىستان ئارمىيىسى گېنېرالى قەدەم شاھ شاھىمگە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىنگە توغرا كەلدى، دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-hokumiti-08042016195129.html

Share
1271 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.