logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش» نامىدىكى نازارەت خىزمىتىنى باشلىغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر رايوندىكى ھەربىر كىشىگە ئائىت سانلىق مەلۇمات ئارخىپىنى تولۇقلاش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئاقسۇ خەۋەر تورىنىڭ-30 ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى دائىرىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ سانلىق مەلۇماتلارنى تەڭشەش، يەنى «ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش» بويىچە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى چاقىرغان.

خەۋەردە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «ناھىيە (شەھەر) لەر يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن بۇ قېتىمقى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىش، ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلارنى تەڭشەش ۋە تولۇقلاپ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسى، تېگى تەكتى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل  كېسىل ھەل قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، يوللانغان سان  ساناقلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ ۋە توغرىلاپ، دەپتەردىكى ئۇچۇر مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىشى كېرەك. ‹ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش›، يەنى ‹ئارقىغا قاراش› نى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك».

يۇقىرىقى خەۋەردە بۇ قېتىملىق قايتا ئۇچۇر يىغىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى نامراتلارنىڭ سانىنى تولۇق ۋە توغرا ئىگىلەش دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھەربىر ئۇيغۇر ھەققىدە تولۇق سىستېمىلاشقان ئۇچۇر ئامبىرى شەكىللەندۈرۈپ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا يوللاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئۇيغۇر ئېلىدا قوللىنىلىۋاتقان «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇر ئامبىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا ئالدىن مۆلچەرلەش ئاساسىدىكى سىياسەتنى، يەنى «كاشىلا پەيدا قىلغانلار» دىن ھالقىپ «كاشىلا پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلار» نى بەلگىلەپ چىقىپ، ئۇلارنى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە مۇددەتسىز سولاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/arqigha-yandurup-tekshurush-08022018235830.html

Share
1568 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.