logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا سىنى توپلاشنى توختاتسۇن

 مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا سىنى توپلاشنى توختاتسۇن

ئۇيغۇر خەلقى 1949ـ يىلىدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقى تۈركىستان زىمىنىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسسىملاتسىيە ۋە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسەتلىرى ئاستىدا ياشاپ كەلمەكتە. شۇندىن بۇيان، خىتاي كوممۇنتسلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ زىمىنىدا تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىدەك مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كۈنلەرنى كۆردى. بۇلار ئاز كەلگەندەك، 2009- يىلىدىكى ئىيۇل ئۈرۈمچى (شەرقى تۈركىستاننىڭ پايتەختى) قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن شەرقى تۈركىستان ئاھالىسىگە قارىتا دۆلەت تېرورلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى باشلىدى. بۇ تېرورلۇق خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەكىلى بولغان قانخور جاللات چېن چۈەنگونىڭ شەرقى تۈركىستان زىمىنىغا يېتىپ كېلىپ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى بىلەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچىيىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى جىنايەت ئوبىكتى، پۈتكۈل دىنىي ئىتىقادى بار ئۇيغۇرلارنى تېرورچى سانايدىغان ھالغا يەتتى. بۇ قانخورلۇقنىڭ تىپىك بىر مىسالى شۇ بولدىكى، چېن چۈەنگو شەرقى تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ توپلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرى يوق  ۋە ھېچقانداق قانۇنىي قوغدىنىش سىياسەتلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ قانۇنسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغان.

 نۇرغۇنلىغان مىدىيالا  ‎ 2017-يىلى ر شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 مىليون قىممىتىدىكى 12 تال د ن ئا ئانالىز ئەسۋابلىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ‘يېڭى ئەۋلاد’ ئانالىز ئەسۋابلىرى بولۇپ، بۇلار د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىدىن  ئەجدادلارنى بايقاش، كۆزنىڭ رەڭگى ۋە باشقا فىزىئولوگىيەلىك خۇسۇسىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش قاتارلىق فۇنكىسىيەلەرگە ئىگە ئىكەن. بىئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسۋابلارنىڭ بارلىق قابىلىيەتلىرى جارى قىلدۇرۇلسا كۈنىگە 10000 كىشىنىڭ د ن ئا نەتىجىلىرىنى ئانالىز قىلالايدىغان بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا بىر يىلدا مىليونلىغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ ئانالىز نەتىجىسى تەييار بولىدىكەن.

يېقىندا خىتايدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ۋە باشقا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئېگەللىنىشىچە، يەرلىك ھاكىمىيەت زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى توپلاپ بولغان ۋە بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى پىلانلىغان.

‎ كۆپىنچە دۆلەتلەر د ن ئا بارماق ئىزىنى جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ۋە دىلو بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىدۇ، بىراق چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكلىرىنىڭ توپلىنىش ئۇسۇلىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا. 2017- يىلى مارتتا، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تۆت ئاينىڭ ئىچىدە 17.5 مىليون نوپۇسنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن قان ئېلىنغانلىقنى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۆتكەن يىلى يەنە بۇ خىل سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ مەجبۇرى يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغانلىق خەۋىرىمۇ بېرىلدى.

‎ نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولسا شەرقى تۈركىستان خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ‘بىر بەلباغ، بىر يول’ سىياسىتىدە سىتىراتىگىيىلىك ۋە ھەل قىلغۇچ ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ مۇھىم ئورۇن ئۇيغۇرلارغا پايدا بولماستىن بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە سانجىلغان مىق بولۇپ، ئۇلارنى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچار قىلماقتا، بۇ قىسمەتنىڭ قاچان ئاخىرلىشىشى ياكى ئاخىرلىشىش ئاخىرلاشماسلىقى يەنە بىر مەسىلە. نۆۋەتتە ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10% تىن كۆپرەكى ناتسىت لاگىرلىرىغا ئوخشاش قايتا تەربىيلەش مەركەزلىرىدە قاماقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىك يېتىم قالغان پەرزەنتلىرى مەجبۇرى يوسۇندا دارىلتاملارغا سولانغان. (http://chn.ge/2CAIJFR , http://chn.ge/2Dw8YAU ). ئىگەللىشىمىزچە ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا غايەت زور كۆلەملىك يېڭى تۈرمە ۋە ئەمگەك لاگىرلىرى قۇرۇلماقتا ئىكەن. (http://www.xjjsxx.com/zhaobiaogonggao/2017/0914/2032.html ).  بەزى خەلقئارالىق ئورگانلار، مەسىلەن، ئىنسان ھەقلىرى نازارىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇرلاردىن  كەڭ كۆلەمدە يىغىۋىلىنغان د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئۇلارغا سىياسى زۇلۇم يۈرگۈزۈشكە ئىشلىتىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىنىش ھوقۇقى ۋە ئۇلارنى تەشكىللىك قوللايدىغان ھېچقانداق ئورگانلارنىڭ مەۋجۈت بولماسلىقى تۈپەيلى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچبىر توسالغۇسىز ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق سىناقنىڭ ئوبىكتى قىلالايدۇ. بۇلارنى ئىگەللىگەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۇيغۇرلاردىن مەجبۇرى توپلانغان د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان تەرىقىدە قورقۇنچلۇق ئىشلارغا ئىشلىتىشىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇنىڭغا مىسال ئالساق، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تاللاپ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئەتكەس قىلىش. بۇ خىل ئەھۋال ئاللىقاچان ‘قارا دەرۋازا’ نىڭ ئارقىسدا ئىز ـ دېرەكسىز غايىپ بولغان ۋە قاماقخانا مەھبۇسلىرى بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەرقايسى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە بارلىق خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكلىرىنى توپلاشنى دەرھال توختاتسۇن، ئۇندىن باشقا بارلىق بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلەرنى مىللەت خاراكتىرلىك يىغىشنى دەرھال توختاتسۇن، پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا لىرىنى قايسى يوسۇندا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارە ئىلان قىلسۇن

‎ بىز ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەڭسىز زۇلۇم ۋە خورلۇققا ئۇچراپ ياردەمچىسىز ۋە كۈچسىز قالدۇق. بىز بۇ ئادالەتسىزلىكلەرگە يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ بولالمايمىز . بىزگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ياردىمى كىرەك. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئىنسانلار بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ

‎ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويىشىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋازى بولۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز. رەھمەت

Share
2382 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.