logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ ـ سېتىشنى توختاتسۇن

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

 

https://www.change.org/p/united-nations-china-stop-organ-harvesting-from-the-uyghur-people

 

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بۈگۈنگە قەدەر 5 پارچە مۇراجىئەتنامە يېزىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ئىدۇق. بۇ قېتىم بىز ئالدىنقى مۇراجىئەتنامىلىرىمىزدە ئوتتۇرىغا قويغان جىنايەتلەردىنمۇ ئېغىر ۋە قەبىھ بولغان يەنە بىر جىنايەتنى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئېلىش، سېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئورگان سودىسىنىڭ قۇربانى قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى  جىنايى قىلمىشلىرىنى دۇنياغا جاكارلايمىز!

 

ئورگان كۆچۈرۈش بولسا خىتايدا 1960-ـ يىللاردىن باشلانغان بولسىمۇ، تاكى 2015-ـ يىلىغىچە ئورگان كۆچۈرۈش خىزمەتلىرى سىستېمىلاشمىغان. شۇنداقتىمۇ يىللاردىن بۇيان قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ھازىرغىچە مۆلچەرلەش ئىنتايىن مۈشكۈل. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ئون مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئەزاسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەخمىنەن قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ساننىڭ 60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئىكەنلىكى مۆلچەرلىنىدۇ. «ئون يىللىق ئورگان كۆچۈرۈشنى تەكشۈرۈش» ناملىق دوكلاتتا (www.youtube.com/watch?v=0s84avaf0l4&t=903s) مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتايدا ھەر يىلى مىڭلىغان ئادەملەر مەخپىي ئۆلتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن سۇغۇرۇۋېلىنىدۇ. ئۇنداقتا كىملەر ئۆلتۈرۈلىدۇ؟ بۇلار ئاساسەن دىنىي ۋە مىللىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، مەخپىي خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە خىتايدا مەنئى قىلىنغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىدۇر». دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە يەنە خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈش ھەرىكىتىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشى ۋە قانۇن، تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئىچىدە 1999-ـ يىلدىن كېيىن ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىغا ئوخشاش ئورۇنلار قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئىنتايىن كۆپ ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋە باشقا دىنىي ۋە سىياسىي مەھبۇسلار قامالغان. بۇ لاگېرلاردىكى مەھبۇسلار خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېلىنىدۇ.

 

خىتايدا ئورگان ئەتكەسچىلىكىدىن ئىبارەت مۇنداق بىر جىنايى قىلمىشنىڭ بارلىقى 2006-ـ يىلى 3 ـ ئايدا ئەننى ۋە پىتېر ئىسىملىك ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن (www.epochweekly.com/b5/271/10685.htm) خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي قاتارلىق مىللەتلەرنى دىنىي ئېتىقاد، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر سەۋەبى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى قانۇنسىز ئېلىش ۋە سېتىش مەقسىتىدە قەبىھلەرچە ئادەم ئۆلتۈرلۈۋاتقانلىقىدەك جىنايەتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانغان ئىدى.

(www.youtube.com/watch?v=OpHz9RUgp-c&t=3425s)

 

دەرۋەقە، بۇرۇن خىتايدىكى 4-ھەربىي تىبابەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تىبابىتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ھەربىي تىبابەت ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان ۋە 1995 ـ يىلى ئامېرىكىغا كەلگەن دوختۇر ۋاڭ جىيۈەن مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 10 يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈپ ئىسپات توپلاش نەتىجىسىدە 2 قىسىملىق «پولاتتەك پاكىتلار» نامىدىكى خىتاينىڭ ئورگان سودىسى ۋە بۇنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان كىشىلەر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ، پۈتكۈل دۇنياغا كۆپ خىل تىللاردا تارقىتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

 

ھازىر ئەنگلىيىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەنۋەر توختى ئەپەندى بۇرۇن ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ،  ئۇ شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم تىرىك ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ 1998-ـ يىلى چەتئەلگە چىقىپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن شۇ يىلى يازدا  ئەنگلىيە 4-ـ قانال تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۇركىستانغا مەخپىي بېرىپ، خىتاينىڭ لوپنۇردا 30 يىلدىن ئارتۇق ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ تەكلىماكان بويلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تېما قلغان «يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم»

(Death on the Silk Road) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئىدى: www.youtube.com/watch?v=-PRb8Xcdxp8

 

ئۇ 1999-ـ يىلى ئەنگىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتى، كانادا، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئەنۋەر توختى  ئەپەندى يېقىندىن بۇيان يەنە ھەرقايسى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئورگان كۆچۈرۈش ئارقىسىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىچكى ئورگانلار خىتاينىڭ ئورگان تىجارىتىنى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئورگان مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاۋىئاتسىيە لېنىيىلىرىدە ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن مەخسۇس چېگرىدىن ئۆتۈش ئىشىكلىرى ئېچىلغان. دوختۇرخانىلاردا جىددىي ئورگان كۆچۈرۈش بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغان. ئورگان يۆتكەش ئۈچۈن بىمارلارنىڭ كۈتۈش ۋاقتى 1ـ2 ھەپتىگىچە بولغان. ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا ھەتتا ھەقسىز ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقاتلارمۇ كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان.

 

ئەنۋەر دوختۇر ئەينى ۋاقىتتا يېرىم ھەربىي تۈزۈم شەكلىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىغا يېڭىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان مەزگىللەردە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان بىر قېتىملىق ئىچكى ئەزا سۇغۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالماي كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئېتىۋېتىلگەن ئۇ كىشى تېخى تولۇق ئۆلمىگەن بولسىمۇ، مەسئۇل دوختۇر ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا تېزدىن شۇ مەھبۇسنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىشنى بۇيرۇغان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغدا، يەنى 1990-ـ يىللىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار مەلۇم مەزگىل تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلغان ياش پەرزەنتلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بالىلىرىنىڭ بىنورمال جىسمانىي ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ، بىزدىن ئۇلارنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورىغان. نەتىجىدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ بەدىنىدە ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بولمىغان ئوپېراتسىيىدىن كېيىن قالغان تارتۇق ئىزلىرى بايقالغان».

 

ئەنۋەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل تۈردە قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ رەزىللىكى ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە ئوبېكتى قىلىش بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، خەلقئاراغا دۆلەت نامى بىلەن تونۇلماسلىقى، شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ھەممىلا ئادەم بىلىدىغان چوڭ مىللەت بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ھەرقاچان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىسمەتلەر خىتاي دۆلىتىدىكى ۋەقەلەرگە باغلاپ قويۇش بىلەنلا خۇلاسىلەنگەن. يەنە بىر ياقتىن خىتايدا فالۇنگوڭچىلار باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئۇلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ خەۋەرلەر بېرىلىپ، شۇ قاتاردا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىچكى ئەزا تىجارىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئادەم ئورگانلىرى سودىسىدا مۇپتىلا بولغان تراگېدىيىلىرى كۆمۈلۈپ قالغان. 2011-ـ يىلى 12-ـ ئاينىڭ 4-ـ كۈنى  ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» (Weekly Standard) دە  «شىنجاڭ كەڭ كۆلەملىك ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشنىڭ باشلىنىش نوقتىسى» نامىدىكى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
http://www.weeklystandard.com/the-xinjiang-procedure/article/610145
ئۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ 1949-ـ يىلىدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ۋە 1960-ـ يىلىدىن كېيىنكى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ كەلگەن مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ راك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى، 1997-ـ يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى گۇمانىي قاراشلار ۋە بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، ئىز ـ دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ قىسمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە بىر ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ 1991-ـ يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ئېتىلىپ تېخى تىنىقى توختىمىغان بىر مەھبۇسنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېلىنىشىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىدەك قەبىھ قىلمىشلار دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلارنى ئېلىۋېلىش جىنايى ھەركەتلىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن خېلى يىللار بۇرۇنلا باشلانغانلىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان .

 

«پولاتتەك پاكىت» ناملىق ئادەم ئىچكىي ئورگانلارنى كۆچۈرۈپ ئېلىش، سېتىش جىنايەتلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە

www.youtube.com/watch?v=OpHz9RUgp-c&t=3409s

خىتايدىكى ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈش قىلمىشىنىڭ 2000-ـ يىللىرىدىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى سودىسىنىڭ سىناقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئادەم ئورگان سودىسىنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا كېڭىيىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى دۇنياغا سىر بولۇپ قالغان ئىدى.

 

بۇ فىلىمدىكى ستاتىستىكىدا تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار بايان قىلىنىدۇ: 2000-ـ يىلىدىن كېيىن خىتايدا ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلغان. «خىتاي تورى» نىڭ 2004-ـ يىلى 9- ـ ئايدىكى بىر پارچە ماقالىسىدا 2000-ـ يىلىدىن بۇيان ئورگان يۆتكەش نىسبىتى يىلىغا 5000 قېتىمدىن كۆپرەك نىسبەتتە ئېشىپ بارغان. 2000-ـ يىلىدىن تاكى 2006-ـ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىكى ئادەم ئورگان تىجارىتى كۆلەملىشىپ، داڭلىق دوختۇرخانىلاردىن تارتىپ تاكى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلارغىچە ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى قىلالايدىغان، ھەممىلا يەردە ئورگان كۆچۈرۈش ئېلان تەشۋىقاتلىرى تارقالغان، تەشۋىقاتلارغا يېتەرلىك ۋە سۈپەتلىك بولغان ئادەم ئورگانلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن؛ ئورگان كۆچۈرۈشنى ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئارانلا 2 ـ 1 ھەپە ئىچىدە بولىدىغانلىقىدەك ئاجايىپ ئېلانلار كوچىلارنى قاپلىغان.

 

2006-ـ يىلى 3-ـ ئاينىڭ 26-ـ كۈنى شۇ ۋاقىتتىكى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ جېفۇ 2-ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك جىگەر كۆچۈرۈش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا، «نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە 500 دىن ئارتۇق دوختۇرخانىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 3500 قېتىمدىن ئارتۇق جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىدۇ» دېگەن. 2006-ـ يىلى 11-ـ ئايدا خۇاڭ جېفۇ «مەملىكەتلىك ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى كىلىنكىلىق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش يىغىنى» دا  سۆز قىلىپ، 2004-ـ يىلىغىچە بولغان ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ستاتىستىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلار بار:

بىرىنچى جەدۋەلدە:  خۇاڭ جېفۇ 2006-ـ يىلى 11 ـ ئايدا تەمىنلىگەن 2000 ـ 2004-ـ يىلىغىچە ئېلىپ بارغان چوڭ ئەزالارنى ئالماشتۇرۇش ئومۇمىي سانى بولۇپ، يىللىق مۆلچەر سانى بويىچە ھېسابلىغان.

 

2009-ـ يىلى 9-ـ ئايدا «خىتاي تىبابەت ئىلمى نەزەرىيىسى ژۇرنىلى» دا  «ئادەم ئورگانلىرى تەقدىم قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتى» نامىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدا 2000  ـ 2008-ـ يىلىغىچە بولغان ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ئومۇمىي سانى ستاتىستىكىلانغان. (ئىككىنچى جەدۋەلگە قاراڭ!)

 

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جەدۋەلگە قارايدىغان بولساق، گەرچە ئىككى جەدۋەل ۋاقىت جەھەتتە قايتىلىنىپ كەتكەندەك تۇرسىمۇ لېكىن يىللىق مۆلچەر سانى جەھەتتە روشەن پەرقى بار. خۇاڭ جېفۇ 2006-ـ يىلى تەمىنلىگەن مەلۇماتتىكى سان ئېنىقكى «خىتاي تېبابەت ئىلمى نەزەرىيىسى» ژۇرنىلى 2009-ـ يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى مەلۇماتتىن تۆۋەن بولۇپ، ئەگەر خۇڭ جېفۇ تەمىنلىگەن سانلىق رەقەملەر توغرا بولسا ئۇنداقتا 2005-ـ يىلىدىن 2008-ـ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئورگان كۆچۈرۈش مىقدارى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولغانلىقتىن ئىككىنچى جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىرىنچى جەدۋەلدىكىدىن يۇقىرى بولىشىدەك ئەھۋال شەكىللەنگەن. خۇاڭ جېفۇ 2007-ـ يىلى 5-ـ ئايدا ئىككى ئوخشىمىغان مەتبۇئاتتا 2005-ـ يىلىدىكى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسىنىڭ سانىنى بىر قېتىمدا 2500، يەنە بىر قېتىمدا 3500 قېتىم دەپ تىلغا ئالغان بولۇپ، دەرۋەقە، ئۇ خىتايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ زادى قانچىلىك ئادەم ئىچكىي ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئالغانلىقىنىمۇ ئېنىق دەپ بېرەلمىگەن.

 

خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل تۈردە خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش جىنايى قىلمىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتايدىكى ئىچكى ئورگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. ئەمما 2013-ـ يىلى 3-ـ ئاينىڭ 7-ـ كۈنى خۇاڭ جېفۇ «جەنۇبىي ئاستانە گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگودىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلار سانىنىڭ يىلىغا %10 بىلەن تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلارنىڭ بەكمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز ئاغزى بىلەن ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش مەنبەسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارلا ئەمەس بەلكى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان ئەمما ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان كىشىلەر توپى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

http://www.ntdtv.com/xtr/gb/2017/10/07/a1345629.html
http://www.china.com.cn/chinese/health/666587.htm

 

بۇ ھەقتە يەنە شىنخۇا تورىنىڭ 2006-ـ يىلى 10-ـ ئاينىڭ 26-ـ كۈنىدىكى بىر پارچە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلغان «2006-ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش تېخنىكىسى يىغىنى» دىن تارقالغان خەۋەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنىدۇ: «خىتاينىڭ يىللىق ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇپ، ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش سەۋىيىسى يىلسېرى ئېشىپ، بەزى ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىشقا باشلىدى. تۇنجى قېتىملىق ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشتىن باشلاپ خىتاي بۈگۈنگە قەدەر 40 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئادەملەرنىڭ ئورگانلىرىنى  يۆتكەش ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئادەم ئورگانلىرىنىڭ زەئىپلىشىشكە گىرىپدار بولغان بىمارلارنى ئۈنۈملۈك داۋالاشتىكى ئاساسلىق تەدبىرگە ئايلاندى. يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، خىتاينىڭ ئورگان كۆچۈرۈش كەسپى نۆۋەتتە ساغلام يول بىلەن تېز تەرەققىي قىلماقتا، بىراق ھازىر جىددىي ھالدا قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزۈمگە كىرگۈزۈش ۋە ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق، چەكلىك بولغان ئادەم ئورگان مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش كەسپىنىڭ ساغلام، تېز ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم».
http://health.sohu.com/20061026/n246010278.shtml

 

2015-ـ يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش چەكلەنگەندىن كېيىن، خىتاي پۇخرالىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكى ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىشى 2776 نەپەر بولۇپ، 10057 قېتىملىق ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. 2016-يىلى ئادەم ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش مىقدارى يەنە %50 ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 319 مىليون بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقانلار 120 مىليوندىن ئاشىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدا ئورگان يۆتكەشتە جىگەر يۆتكەش ئۈچۈن 2 يىل، بۆرەك يۆتكەش ئۈچۈن 3 يىل ساقلايدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى ئۇچۇرغا قارايدىغان بولساق، گۇاڭشىدىكى 303-ـ دوختۇرخانىسىنىڭ جىگەر يۆتكەش دوختۇرى لىئاۋ جىشياڭ تەكشۈرۈش داۋامىدا مۇنداق دېگەن: «دوختۇرخانىمىز ھەر ئايدا جىگەر يۆتكەش ئۈچۈن 15-ـ 20 كىچە بولغان مۇقىم ئورگان تەمىنلىگۈچىگە ئېرىشىدۇ. ئورگان كۆچۈرۈشنى ساقلاش مۇددىتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ.»

 

2017-ـ يىلى 12-ـ ئاينىڭ 27-ـ كۈنىدىكى بۇ خەۋەرگە

http://news.sina.com.cn/c/2017-12-17/doc-ifyptfcn1510600.shtml

قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-ـ يىلىغا بارغاندا ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەشتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئۇنداقتا ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش خىزمىتى ئامېرىكىدەك كۆلەملىشىپ كەتمىگەن، ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلىرىنىڭ سانى جەھەتتىمۇ ئامېرىكىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىغان خىتايدا يېتەرلىك بولغان چوڭ تىپتىكى ئورگان تەمىنلەش ئامبىرى بولمىسا، ئورگان يۆتكەشتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا قانداق ئېرىشەلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇنچە ئىشەنچ بىلەن بۇنداق دېيىشى ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۈركۈملەپ قۇرۇلىۋاتقان تەربىيىلەش لاگېرلىرى سەۋەبلىكمۇ؟ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، 2016-ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغانلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە DNA ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرى يىغىۋېلىشنىڭ كەينىدە زادى قانداق سۈيقەستلەر يوشۇرۇنغان؟

 

ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىچىدىكى پارىخورۇق، قارا قول ۋە ھۆكۈمەت چىرىكلىكىنى پاش قىلىش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان خىتاي باي گو ۋېنگۈي ئەپەندىممۇ https://www.youtube.com/watch?v=4x9s9-6Ueqg  ئۆتكەن يىلى كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز كۆچۈرۈلۈشى قىلمىشىغا دائىر ۋەقەلەرنى پاش قىلغان بولۇپ، 2017-ـ يىلى 9-ـ ئاينىڭ 1-ـ كۈنىدىكى پاش قىلىش فىلىمىدە، خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئوغلى جياڭ مىيەنخېڭغا بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈنلا 5 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، مېڭ جيەنجۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە ئاشنىلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئىشلىتىلگەنلىكى، ھەتتا 21 ياشلىق بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا ساختا كىملىك بىلەن ياتاق ئاچقانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە قامىلىپ، ئاقىۋەتتە ئىچكى ئەزالىرى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۈچۈن تەقسىملەپ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ۋەھشىيانە قىلمىشلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. گو ۋېنگۈي ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ قولىدا بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسپاتلىرى بار ئىكەن:

https://freedomsherald.wordpress.com/2017/11/22/chinese-exiled-billionaire-guo-wengui-exposes-chinas-abuse-of-the-uyghurs

 

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى خىتايدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ – سېتىشنى ھۆكۈمەت، سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى قاتارلىق ئورۇنلار تىل بىرىكتۈرۈپ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېرورلۇق ھەرىكىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ چۈشىنىمىز! شۇ سەۋەپتىن بىز پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىغا، ئۇ يەردىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ يىغىۋېلىنپ، ئۇلارنىڭ  ھەر ۋاقىت ئادەم ئورگان سودىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتەك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى، ئىنسانىيەتكە  قارشى بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى چاقىرىق قىلىمىز. ئىنسانپەرۋەرلىكنى ، تېنىچلىقنى ۋە ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغان پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق دۆلەت تېرورلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىمىز!

 

https://www.change.org/p/united-nations-china-stop-organ-harvesting-from-the-uyghur-people

 

Share
1463 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.