logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنى توختاتسۇن

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى

 

يىل-2018 5-يانۋار

 

 

 

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ۋە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھەر خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلەرنى يولغا قويىۋاتىدۇ.  بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئىنسان كىشىلىك ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىغا شۇنى ئىلتىماس قىلىمىز – خىتاي ھۆكۇمىتىدىن ھېلىقى بىر مىليون ئۇيغۇرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا ، ياكى ھېچ بولمىغاندا شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىل بولغان تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىلىپ تۆۋەندىكى مەسىلىلەر تەكشۈرۈلسە

 

خىتاي، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ بولغان «سىياسىي تەربىيىلەش لاگىرلىرى» نى تاقاش.

 

ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىڭ چەت ئەللەرگە چىقالماسلىقى، ۋە چەت ئەلدىكىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارالماسلىقى تىپىدىكى ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش؛

 

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پۇل پروۋۇت، خەت-خەۋەر، پوچتا ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

 

تۇغقانلىرى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان نازارەتنى بىكار قىلىپ، نورمال تېلېفون ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

 

چەت ئەللەردە تۇرىۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە قىلىنغان يىراقتىن كونترول ۋە نازارەتنى بىكار قىلىش، تۇغقانلارنى گۆرۈگە ئېلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛

 

ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆيدىكى كومپيۇتېر ۋە كوچىلاردا تېلېفون تەكشۈرۈشنى، تۈرلۈك مۇراسىملارغا كەلگەنلەرنىڭ سانىغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش؛

 

ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە قاراتقان مەجبۇرى زىيارەتنى، ۋە ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەجبۇرى تۇغقانچىلىقنى بىكار قىلىش.

 

بىز سىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىش يولىدا بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمىز. سىزدىن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشنى، ھەمدە ئۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت

 

https://www.change.org/p/stop-chinese-government-s-inhumane-treatment-towards-the-uyghurs-this-petition-is-also-available-in-the-following-languages-turkish-turk%C3%A7e-german-deutsch-japanese-%E6%97%A5%E6%9C%AC%E8%AA%9E-chinese-%E4%B8%AD%E6%96%87-dutch-nederlands-uyghur-%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1%DA%86%DB%95-spanish-espa%C3%B1?utm_medium=email&utm_source=petition_signer_receipt&utm_campaign=triggered&j=203612&sfmc_sub=8650138&l=32_HTML&u=37539795&mid=7233052&jb=1242235

 

 

 

 

Share
4335 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.