logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا 181 «تېررورلۇق گۇرۇھى» نى تارمار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان

 

دۈشەنبە كۈنى ، يەنى 25-ماي خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇرۇھى» دىن 181 نى تارمار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «‹تېررورلۇق گۇرۇھ› لىرىنىڭ 96% ئى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا بېتى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ساننىڭ ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى 22-مايدا ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونىدا ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن. دائىرىلەر شۇ كۈنى كېچە سائەت 1:00 دىن باشلاپ بىر يىلغا سوزۇلىدىغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.

خىتاي ئالىي سوتىنىڭ بۇ يىل خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆتكەن يىلى 712 نەپەر كىشىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار يۇقىرىقى ساننىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ئەمەلىيەتتە «تېررورچى» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/terrorgha-qarshi-05252015151659.html

Share
1692 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.