logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقال قويغان بىر ئۇيغۇرنى قاماققا ئېلىشى چەتئەل ئاخباراتلىرىدا مۇنازىرە قوزغىدى

images

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەشقەردىكى بىر سوتنىڭ 38 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەرنى ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خىتايدىكى رەسمىي خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ خەۋەر تۈنۈگۈن خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئورۇن ئالغان ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بارلىق مۇھىم خەلقئارالىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ئاخباراتلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مانا مۇشۇنىڭدەك «چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى» ئىپادە قىلىندى.

يەكشەنبە كۈنى خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 38 ياشلىق مەمتىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئەرنى ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئايالىنى يۈزىنى ئورىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

مەزكۇر خەۋەر ناھايىتى تېزلا چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، مۇھىم ئاخباراتلاردا ناھايىتى كەڭ ئېلان قىلىندى. ۋاشىنگتون پوچتىسى، نيۇيورك ۋاقتى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئەل-جەزىرە، ياخۇ خەۋەرلىرى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر خەۋەر يەنە، ھىندىستان، ياپونىيە، تۈركىيە، تەيۋەن، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاخباراتلىرىدا، شەخسى بلوگلاردا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى. خەۋەرلەردە، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مىسالى، دەپ كۆرسىتىلدى.

ئەل-جەزىرە خەۋەرلەر تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئەر ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى «ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالماي، قەستەن كاشىلا تۇغدۇردى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتە ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇشتا مۇشۇ خىل ئەيىبلەشنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى يازغان.

مەزكۇر خەۋەر، جۇڭگو ياشلار تورىدا ئېلان قىلىنىپ، ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئەڭ ئاۋۋال ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. قىزىقارلىقى، خىتاي دائىرىلىرى خەۋەرنىڭ چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، دەرھال خەۋەرنى يۇيۇۋەتكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى قەشقەر تەشۋىقات ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سورىغاندا تېلېفونغا چىققان خادىم «بىزنىڭ بۇ سوتتىن خەۋىرىمىز يوق، ئۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيمەن» دەپ جاۋابلىغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتايدا ھۆكۈمەت سەزگۈر دەپ قارىغان مەزمۇنلارنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەي تۇرۇپلا يۇيۇۋېتىدىغان ئىشلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتنى ئىنتايىن قاتتىق تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئۇ خەۋەر يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، خىتايدىكى ۋېيشىن يەنى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار دەپ ئاتىلىۋاتقان ئالاقە تورىدا ئۆزىنى مەزكۇر خەۋەرنى يازغان مۇخبىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر كىشى چۈشىنىكسىز بىر ئىقرارنامە ئېلان قىلغان. ئىقرارنامىدە «ئۇ خەۋەر ئالاقىدار كىشىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمەي تۇرۇپ ئېلان قىلىنغان. شۇ سەۋەبلىك پاكىتقا ئۇيغۇن بولماي، خەۋەرنىڭ ھەقىقىي بولۇشىدەك بىر قائىدىنى دەپسەندە قىلدىم. بۇ سەۋەبلىك كەچۈرۈم سورايمەن» دەپ يېزىلغان. بىراق، دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ئىقرارنامە سەيشەنبە كۈنى بولغاندا ئوخشاشلا يوقاپ كەتكەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ئادەتتە ئاخبارات ئەركىنلىكى بولغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئېنىق بەلگىلەنگەن دۆلەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرۈم باياناتلىرى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ ۋە دىققەتكە ئېلىنىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ئاخباراتلىرى چوقۇم كومپارتىيىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك. ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا ھەقىقەتنى «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن نام ئاستىدا دەپسەندە قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بۇنداق تۈزىتىشلەرنى ۋە ئىقرارنامىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ ئىقرارنامىمۇ سەيشەنبە كۈنى توردىن يوقاپ كەتتى. يۇقىرىدىكى خەۋەرگە ۋە بۇ ئىقرارنامىنىڭ يوقاپ كېتىشى خىتايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەقىقىيلىق ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرۈۋالىدىغان ياخشى بىر كۆزنەك. ئەھۋال شىنجاڭ توغرىلىق خەۋەرلەرگە كەلگەندە تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شىنجاڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان، تۈركىي تىللاردا سۆزلەيدىغان ۋە مۇسۇلمان بولغان خەلقنى ئاسىملىياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر جايدۇر.

خەۋەرنىڭ داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن، تىلى، دىنىغا قىلىنىۋاتقان بېسىمدىن، مىليونلاپ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلەردىن شىكايەت قىلىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك رايوندا بولۇپمۇ قەشقەردە نۇرغۇن قېتىم قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
-چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇپ خەۋەر بېرىش بارغانسېرى قېيىنلىشىپ كەتتى. ئۇلار رايونغا بارسا خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئادەملىرى كەينىگە چۈشۈۋالىدۇ، يوللاردا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلىدۇ. خالىغان جايغا بارالمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، سىرتتىكىلەر ئاساسەن بولۇۋاتقان ۋەقەلەردىن دۆلەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق خەۋەردار بولىدۇ… نېمە ئۈچۈن (قەشقەردىكى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ساقىلى ۋە ياغلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەققىدىكى) خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشقا بولمايدىغان سەزگۈر مەسىلە، دەپ قارىلىپ يۇيۇۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇ ئىقرارنامىنىڭمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا چېتىلىپ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقى ۋە ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى داۋاملىق تارقىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى سەۋەبلىكمۇ تۈرمىگە ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر قوزغاپ قويغان دىققەتتىن بىئاراملىق ھېس قىلغان بولسا كېرەك.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىدىكى ئىقرارنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 38 ياشلىق ئەرنىڭ ساقال قويغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ بىر تەھرىرى بۇ خەۋەرنىڭ دۆلەتلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. لېكىن مۇخبىر دۈشەنبە كۈنى ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سورىغاندا مەزكۇر گېزىتنىڭ باشقا تەھرىرى تېلېفونغا چىقىپ، بۇنداق خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالغان.

خىتاي دائىرىلىرى تېخى ئۆتكەن ھەپتە قارامايدا يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتى ھەققىدىمۇ كۆپ خەۋەر تارقىتىشنى ياكى بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى. بۈگۈن تىۋىتتېر تورىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدە بەزى ئىنكاسلار ئورۇن ئالدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق يازغۇچى جوش تىۋىتتىر تورىغا بۇ مەسىلىگە قارىتا «قارامايدا ئوت ئاپىتى؟ نېمە… نېمە ئوت ئۇ؟ ساقاللىق ئەر تۈرمىگە قامالدى؟ سېنىڭ نېمە دەۋاتقىنىڭنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم» دەپ قىزىقارلىق بىر ئىنكاس قايتۇرغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/saqal-yaghliq-03312015132936.html

Share
1856 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.