logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن يوشۇرۇن دوستلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

يېقىندا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىچىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مەخپىي ئۇچراشقانلىقى ۋە ئۆزئارا دوست تارتىشىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى پاكىستان ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقان بىرنەچچە كىشى «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە ئاشكارىلاپ قويغان.

مەزكۇر گېزىتنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى بېيجىڭ تەرەپنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تالىبان تەرەپدارلىرىغا يېقىنلىشىشى ئاساسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك ئىسلام گۇرۇھلىرىغا مەنسۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرنەچچە تالىبان ئەمەلدارى بېيجىڭغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنداق سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان پاكىستان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ سۆھبەتلەر جەرياندا «كۆۋرۈك» لۈك رولىنى ئوينىغان، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەردە كېلىشتۈرمىچىلىك قىلغان. پاكىستان ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ سۆھبەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن» دېگەن.

تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىگە ھەمراھ بولغانلاردىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۇلار (تالىبان رەھبەرلىرى) بېيجىڭدا مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلدى، ھالال يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇلارغا تولۇق كۆرسەتتى» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان. شۇنىڭدەك «خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئۆزىگە ئۆزى ھۆكۈمران بولۇشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. بۇ ئافغانىستاننىڭ رايون تىنچلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان بۇ خىل ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇ سۆھبەتلەرگە قاتناشقان پاكىستان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بۇنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق قارارلار ئېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بىريۇسسېلدىكى «جەنۇبىي ئاسىيا دېموكراتىك مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى، خەلقئارا ئانالىزچى سېگفرېد ۋولف بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرماقچى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئافغانىستانغا ئۆتۈپ تالىبانلار باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ‹جىھادچىلار› سېپىگە قوشۇلغان» دېگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-taliban-dostluqi-08072018220336.html

Share
924 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.