logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى «قوش تىل يەسلى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش چاقىرىقى دىققەت قوزغىماقتا

a2a2fc94-fc23-4ae2-b7c4-e70270ebf0b0

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىل» مائارىپىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە جىددىي تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پىڭشىن يېقىندا ئاقسۇدىكى زىيارىتى داۋامىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «قوش تىل مائارىپى» نى كۈچلەندۈرۈش كېرەك، ياش ئەۋلادلارنى كىچىكىدىن تارتىپ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى بىلەن چوڭ قىلىش كېرەك دېگەن ئىدى. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت جەنۇبتىكى يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكتە. بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ ۋە خەلق تورلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11-ئاينىڭ 10-كۈنى مەخسۇس ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدا «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «يېزىلاردا «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى جەزمەن تولۇق تونۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەخىرسىزلىك ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، «11-بەش يىل» ۋە «12-بەش يىل» مەزگىلىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى»غا جەمئىي 1 مىليارد 618 مىليون سوم مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن 1700 دىن ئوشۇق «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇلغان ۋە ئومۇمىي قوش تىل يەسلى سانى 2014 كە يەتكەن ۋە بۇ قوش تىل يەسلىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈر بالىلار 343 مىڭ 800دىن ئاشقان.

بىز جەنۇبتىكى مەلۇم بىر ناھىيىدىكى قۇرۇلۇش تارىخى ئۇزۇن بولغان بىر ئۇيغۇر بالىلار يەسلىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئوخشاش نامدىكى ئىككى قوش تىل يەسلىسىدىلا 700 گە يېقىن ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇ يەسلى «قوش تىل يەسلىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان يەسلى باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي باشلىقلارغا ئالماشقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

جەنۇبتىكى يېزىلاردا «قوش تىل يەسلى» قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنچە جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەسلى بالىلىرىغا قارىتىلغان قوش تىل نامىدىكى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان بۇ مائارىپنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىغا ئاساسەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە يېقىندا، يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قىسىم كادىرلارنىڭ «قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشى» خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغانلىقى ۋە ياكى پىكىر جەھەتتە پارتىيە بىلەن بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11 ناھىيە، شەھەردىكى ھاكىم دەرىجىلىك 15 كادىرغا ۋە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك 22 كادىرغا ئايرىم-ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، تەنبىھ بېرىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى قوللانغان ھەم 11 ناھىيە، شەھەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان.

خەۋەردە بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىلگەن : يۇقىرىدىكى بۇ رەھبىرى كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى مەخسۇس «قوش تىل» يەسلىسى تۈرىنى چوقۇم بۇ يىل ئىچىدە تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش يوليورۇقىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئەستايىدىل بولمىغان ۋە پىكىر يولى ئېنىق بولماي خىزمەتلەردە كۈچىمىگەن. شۇڭا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

بىز قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بۇ قوش تىل يەسلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغان كادىرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، قەشقەردىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. ئەمما ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ كادىرلارنىڭ قوش تىل سىياسىتىگە قارشى پىكىردە بولغانلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا «2016-2017-يىللىق جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى» گە ئىمزا قويغان. بۇ مەسئۇلىيەتنامىگە ئىمزا قويۇشنىڭ يۇقىرىدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان ياكى پىكىردە بىردەك بولمىغان كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتىلغان بۇ «قوش تىل مائارىپى» ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا جىددىي ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا. ئۇنداقتا ئانا تىل دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qosh-til-yesli-11222016161708.html

Share
846 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.