logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش جەھەتتىكى جىنايەتلىرى

 

 

تارىم توغراق

نۆۋەتتە خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى ھازىرقى زاماندىكى مۇستەملىكىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك ئۆزىنىڭ زىمىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك  مىللەتلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغان ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت بىلەن جىددى ۋە ۋەھشىلارچە شۇغۇللانماقتا. خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ جىنايىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا سولاش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ تۆگىتىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۇلارنى خىتاي مىللىتىگە ئوخشىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت. جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ ئاسسىمىلياتسىيىسى كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.

دىن بىلەن تېررورلۇق ھەركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھىچ قانداق «  قانداشلىق » مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلام دىنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىسلام دېگەنلىك تېررورلۇق دېگەنلىك ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سادىر بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىر قۇر تەتقىق قىلىنسا، تىررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ھەر خىل مىللەت ۋە ھەر خىل دىن ياكى دىنسىز ئادەملەر ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ مەلۇم بۇلىدۇ.  ئەملىيەتتە « ئىسلام » دېگەن بۇ ئەرەپچە سۆز « ئىتائەت » قىلىشتىن ئىبارەت لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى « تىنچلىق يولى بىلەن بىردىنبىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە  بويسۇنۇش » دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، ئەسىرلەر داۋامىدە دۇنيادىكى مىليون –  مىليونلىغان  مۇسۇلمانلار تىنچ يول بىلەن بىردىنبىر خۇداغا — ئاللاھغا ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بۇيسۇنۇپ كەلگەن.

ئىسلام دىنى « تىنچ يول بىلەن ئاللاھقا بويسۇنۇش» دىن ئىبارەت ماھىيەتلىك مەنە بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقتىن ھەتتا ئامېرىكىدا « 11- سېنتەبر » ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كېيىن بەزى كىشلەر بۇ يەردىكى مەلۇم مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ ئۇرۇنغاندا  ئىسلام دىنىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نېگىزلىك ماھىيىتىنى چۆشەنگەن خرىستىئانلار كۆكرەك كېرىپ  چىقىپ، پىدائىيلىق بىلەن جەمىئەت تىنچىغىچە بىر مەزگىل كېچە- كۈندۈزلەپ، ھەر قايسى مەسچىتلەرنى مۇھاپىزەت قىلغان.  ھەي، شى جىنپىڭ، چېن چۋەنگو، سەنلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى دېمەي تۇرايلى، ئۆزەڭلەرنىڭ خىتايلارنىڭ داۋجاۋ ى( 道教)  دىنى توغرۇلۇق ئاز- تولا بىلىمىڭلار بارمۇ- يوق؟

دۇنيادىكى بارلىق دىموكىراتىك دۆلەتلەر ئەگەر مەملىكەتلىرىدە تېررورلۇق ۋەقەلىرى سادىر بولسا،خىتاي ھۆكۈمىتىدەك ئاللاق- جاللاق بولۇپ، نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قىلىپ، تەلۋىلەرچە ئىش قىلماستىن، شۇ ۋەقەگە چېتىشلىك كىشلەرنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلماقتا، دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قابىلىتىنى ئۆستۈرمەكتە ۋە پۇقرالىرىنىڭ تېررورلۇق قارشى تۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرمەكتە. بۇنىڭ ئەكىسچە، مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتكە « شىنجاڭ » دا يۈز بەرگەن ئانچە- مۇنچە « تېررورلۇق » ۋەقەلىرىنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشقا كۆرسەتمە بېرىشنىڭ ئورنىغا، قىنى- قىنىغا پاتماي « ياخشى بولدى، ھەممسىنى بىر يولىلا جايلايمىز» دېيىشىپ، قاقاقلىشىپ،گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ، غەرەزلىك ھالدا بۇ ۋەقەلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە يەنە يەرلىك خىتاى ھۆكۈمىتى دائىرلىرىنىڭ « شىنجاڭ » دىكى « تېررورلۇق »  ۋەزىيىتىنىڭ  « ئېغىر ۋە جىددىيلىقى » نى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە كۆرسۈتۈپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۇيىقەستلىك بىلەن پىلانلىغان « تېررورلۇق » ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىپ،« ئىسلام دىنىغا بارلىق تېررورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ تۈپ ئىدېئولوگىيە مەنبەئەسى، < شىنجاڭ > غا تېررورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ ماكانى، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى » دەپ دىئاگنوز قۇيۇپ، ئىسلام دىنىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يوقۇتۇش ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن يوقىتىش، بىر تەرەپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت سۇيىىقەستلىك شۇم نىيىتىگە يەتمەكچى بولدى . قىسقىسى، « جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا » دېگەندەك، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى «  تېررورلۇق » نى تۈپ يىلتىزىدىن قىرقىشنى باھانە قىلىپ، « بىر چاممىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق» نى پىلانلاپ خىتايدا ئىسلام دىنى ۋە بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرى ، تۇڭگان   ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقاتماقچى.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ 2018- يىل 4- ئاينىڭ 19- كۈنى تارقاتقان « < نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى >> دەپ ئاتالغان 24- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ھەرقايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىن << خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلام دىنىي ئېتىقاد رايونلىرىدا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش ياكى يوقىتىش خاھىشى >> چەكلەش ياكى تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان. ھۆججەتتە بولۇپمۇ ئىسلام دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بولغان مەسچىتلەر قۇرۇلۇشى، دىنىي ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش، دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى، دىنىي تەلىم- تەربىيە ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشى قاتارلىقلاردا <<  ئەرەبلىشىش  >> كە چەكلىمە قويۇش تەلەپ قىلىنغان. > دېيىلگەن. ».

ھەي، خىتاي دائىرلىرى ئۆزەڭلەرنىڭ نىمە ھەققىدە سۆزلەۋاتقىنىڭلارنى ئۆزەڭلەرنىڭ قولۇقىڭلار ئاڭلاۋاتامدۇ- قانداق؟ ئۆزەڭلەر سۆزلەۋاتقان تېمىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەنتىقلىق مۇناسۋەتنىڭ بار- يوقلىقىنى بىلەمسىلەر- قانداق؟  ئىسلام دىنى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئارىسىدا قانداقمۇ مۇناسىۋەت بولسۇن؟ ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ دىنى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئارىسىدا مۇئەييەن مۇناسىۋەت مەۋجۇت.  مەسىلەن، خىتايلارنىڭ داۋجاۋ دىنىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. ئىسلام دىنىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋېتى مەۇجۇت.  ئىسلام دىنى ئەرەپ  ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل دىن.  ئەرەپ مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن  ئسلام دىنىنىڭ ئاساسىدا بۇ دىنغا ئۆز مىللتىنىڭ بەزى ئۆرپە- ئادەتلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، ئۆز مىللىتىگە خاس بولغان يەرلىك تۈسنى ئالغان ئىسلام دىنى ئېتىقادى ۋە مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۇرگەن. شۇڭلاشقا، قانداق قىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ « خىتايدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش » دىن گەپ ئېچىش مۇمكىن؟ گەپنىڭ پوستكاللىسى، سەنلەرنىڭ بۇنداق گەپلىرىڭلار « بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتايدا ئسلام دىنىنى يوقىتىش » دېگەن گەپنىڭ  ھازىرچە ۋارىيانتى،خالاس.

گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرۇقلۇق، خىتاي دائىرىلىرى تۈرك مۇسۇلمانلىرى ، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامىي پەرزلەرنى ئادا قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلماقتا  ۋە چەكلىمەكتە. ئىسلام  دىنىنىڭ   ئىبادەت سورۇنى–  مەسچىتلەر«  مەسچىتلەرنى ئىخچاملاشتۇرىش » باھانىسى بىلەن  چاقتۇرۇ لماقتا. « <<  ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى >> نىڭ خەۋىرى بۇيىچە ئېيتقاندا خوتەن شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدا چېقىۋېتىلگەن قەدىمىي مەسچىتلەردىن ئاۋرال مەسچىتى، نۇرلۇق جامەسى، ھېيتگاھ مەسچىتى، بەيتۇللاھ مەسچىتى، بەيتۇلمەمۇر مەسچىتى، جۇجان دەرۋازا مەسچىتى ۋە ئاتبازىرى مەسچىتى قاتارلىق 13 مەسچىت ئىكەن. »،« ئاقسو توقسو ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇز باغ بازىرىدىكى20 مەسچىتتىن11چېقىۋېتىلگەن. ».  ئەركىن رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، قومۇل شەھەرىدىكى 800 دىن ئارتۇق مەسچىتدىن 80 نەچچىسى ساقىلىنىپ قىلىپ، قالغانلىرى چېقىۋېتىلگەن. ساۋان ناھىيىسىنىڭ شۇمۇگو دېگەن جايدىكى تۇڭگانلارنىڭ بىر مەسچىتى ئۇقتۇرۇشسىز چېقىپ تاشلانغان. »، « يېقىندا ئەنگىليەدىكى بىر تور بەتنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى 800 يىللىق ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ». خىتاى دائىرلىرى  رەزىللىكتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، نامازخانلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەسچىتلەرنى چېقىپ، چىرايىدا ئۆزگۈرۈش بولغان نامازخانلارنى جازالىغان. خىتاي چىقىلماي قالغان مەسچىتلەرنى قەدەممۇ قەدەم ھەر خىل تىجارەت قىلىش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتمەكتە. ئاز ساندىكى ساقلىنىپ قالغان مەسچىتلەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كېچە- كۈندۈز قاتتىق نازارىتى ئاستىدا تۇرماقتا. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى مەخسۇس كادىرلارنى بەلگىلەپ، مەسچىتلەردە تۇغۇزۇپ، نامازخانلارنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى كۆزەتمەكتە. ناماز ئوقۇش ئۇچۇن مەسچىتلەرگە كېرىشتە نامازخانلارنىڭ قوللىرىدا ناھىيىدىن يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن تارقىتىلغان كىنىشكا ھازىر بولۇشى شەرت. « خىتاينىڭ <<  يەر شارى ۋاقتى گېزىتى >> نىڭ 10- ئىيۇندىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە بۇ يىللىق روزا ھېيت ھارپىسىدا پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 1‏- ئىيۇن چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل ئېلىنىپ، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ چوقۇم كىنىشكا ئېلىشى كېرەكلىكى، كىنىشكىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگاننىڭ تەستىقلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ».

دىنى تەلىم تەربىيە قەتئىي چەكلەنگەن. كىمكى بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانسا، تۈرمىگە تاشلانغان. «  ئاتۇشنىڭ ئازغان كەنتىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەت لاگېردا جان ئۈزگەن.  ۋەلى مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋەلى مەمەت 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىرىنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەھەللىدىكى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. بۇ قىلمىش ئۆتكەن يىلغا كەلگەندە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. »، « قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى مەمەتجان ئېلىنىڭ ئاتۇشتا بۇنىڭدىن 15 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر دىنىي زات رۇستەم قارىھاجىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىدا شاھادەت بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئىشارىتى قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولانغان. ».

ئىسلام دىنىغا ئائىت  ھەر قانداق كىتاب- ژورناللار ۋە بۇيۇملارنى ئىشلىتىش چەكلەنمەكتە، ھەتتا بۇ كىتاب- ژورنال ۋە بۇيۇملار يىغىشتۇرۇلماقتا ۋە كۆيدۈرلمەكتە؛ بۇ بۇيۇملارنى ساقلىغانلار جازا لاگېرىغا سۇلانماقتا. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى– « قۇرئان كەرىم » نى ئويدە ساقلاشقا رۇخسەت قىلماي، تەشكىلگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا. ھاتتا كىشلەردىن مەجبۇرىي يىغىپ ئېلىنغان « قۇرئان كەرىم » باشقا دىنىي كىتابلار بىلەن بىرگە قوشۇپ دۆۋە- دۆۋە قىلىپ كۆيدۈرمەكتە. خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساۋان ناھىيىسىدە  « قۇرئان كەرىم » نى دۇۋىلەپ كۈيدۈرۈشى ئۇلارنىڭ جىناىي قىلمىشىنىڭ  تىپىك  مىسالى. بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلنىڭ لېكسىكىسىدىكى ئەرەپچە – فارىسچە سۆزلەر بىلەن قۇيۇلغان ئىسملىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا. نۆۋەتتە ھەر قايسى جايلاردىكى مېيىت يۇيىدىغان ئەر- ئاياللار تۇتۇن قىلىنىپ كەتكەنلىكتىن مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىت چۈشۈرۈش ۋە دەپىن قىلىش ئىشلىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.  قەبرىستانلاردا قەبرلەرنى سېمونتتن نەچچە قەۋەتلىك قىلىپ قورۇشقا كېرىشتى. تۇراقلىق ئاھالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۇيغۇرلار بار يەرلەردە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قورۇپ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆرپە- ئادەتلىرىغا زىت ھالدا مېيىتلارنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا ھەدەپ تەييارلىق قىلماقتا.

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورگانلىرىدا مۇسۇلمان خىزمەتچىلەرنى ئاتېئىزمچى بولۇش، ھالال- ھارامنى پەرقلەندۈرمەسلىك ۋە ھەر ۋاقىت خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرىي قەسەم قىلدۈرماقتا. خىتاي مەمۇرىيەتلىرى خىتاي ئاشخانىلىرىدا زىياپەت  تەييارلاپ، ئۇيغۇر كادىرلارنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا  توڭگۇز گۆشنى يېگۈزمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئسلام دىنىغا قارشى بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلماسلىك ئۈچۈن قەسەم قىلدۈرماقتا. يېزىلاردا دېھقانلارغا مەجبۇرىي ھالدا چوشقا باققۇزماقتا. رامازان ئىيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىمەكتە. رامازان ئىيى مەزگىلىدە خىتاي دائىرلىرى زىياپەتلەرنى تەييارلاپ مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرلاپ چۇشقا گۆشى يېگۈزمەكتە، ھاراق ئېچكۈزمەكتە.

« چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەمۇرىي خىزمەت ئىشلەۋاتقان يۈسۈپ رىشىت ئۆزىنىڭ << دوستۇم، سەن ماڭا مۇسۇلمانچە ئاشخانا كۆرسىتىپ، ئاۋارە بولما >> سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھالال يېمەك ئادىتىنىڭ نۇرغۇن قۇلايىسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، يېمەك- ئىچمەك پەرھىزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ << ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش >> كە ئالاقىدار زور مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۆزىنىڭ << ھارال- ھارام >> دەپ ئايرىپ ئولتۇرماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان. ».  « ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە چوشقا گۆشى يېيىشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن 400 دىن ئارتۇق قازاق ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى…. ئالتاي شەھەرلىك 1‏- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بۇرچىن ناھىيەلىك 1‏- ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلاردىن 20 نەچچە نەپىرىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قولتۇق بازىرىغا تەۋە ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ».

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئاتالمىش « قايتا تەربىيەلەش مەركىزى » دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى ئېسۋالغان  يېپىق جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار– ئۇيغۇر، قازاق ،قىرغىز،  ئۆزبېك، تاتار،سالار، تاجىك ۋە توڭگان قاتارلىق  مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئاتالمىش « دىنىي ئەسەبىلىك» ۋە « دىنىي ئاشقۇنلۇق » دېگەندەك يوقىلاڭ گۈناھلار بىلەن ئەيىپلەپ، قانۇنىي رەسمىيەتسىز ھالدا  ئۇلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ، بۇ مۇدھىش جازا لاگېرلارغا سۆلاپ،« مىڭە يۇيۇش » يەنى « قىزىللاشتۈرۈش » تەربىيىسىنى ئېلىپ بارماقتا.  « قىزىللاشمىغانلار » نى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشتەك جىنايەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.  رۇقىيە پەرھاتنىڭ تۈرمىدىكى قىسمەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. رۇقىيە پەرھات ئىسلام دىنى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 9 ياشتىن 16 ياشلاردىكى ئۇن نەچچە بالىلارغا دەرىس بىرېۋاتقاندا  ساقچىلار تەرىپىدىن بالىلار بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ، 9 يىلغا كېسىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان.  ئۇ بالىلار بىلەن بىرگە قېيىن- قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا ئۆچرىغان. ئۇلارنى ئىتلارغا تالاتقۇزغان. كىچىك بالىلاردىن تۆت- بەشى قۇرقۇپ كېتىپ، نەق مەيداندا جان ئۆزگەن.  « < قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسى تۆگەتوغراق كەنتىدىكى بانۇخان روزىمەمەت ئىسىملىك 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەن. > ،<  بۇ يىل 40 نەچچە ياشلارغا كىرگەن، 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان بانۇخان روزىمەمەت قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش بوستانكۆل << تەربىيىلەش مەركىزى >> بىلەن يانمۇ يان جايلاشقان بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. > ، < بانۇخان روزىمەمەت << توپلىشىپ تەبلىغ ئاڭلاش >> جىنايىتى سەۋەبلىك 11 يىللىق كېسىلگەن ئىكەن. > ».

ھەي، خىتاي ھۆكۈمىتى، سەنلەر باستۇرۇش ۋاسىتلىرىنى ئىشلىتىپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جىنايى قىلمىشڭلارنىڭ چارروسىيەنىڭ ئايال پادىشاھىII يېكارتېرنانىڭ  XIX ئەسىردە 200 مىڭ مۇسۇلمان تاتارنى مەجبۇرىي خرىستىيان قىلغانلىقىدىن نىمە پەرقڭلار قالدى؟   ( ئامېرىكا، گاۋىن ھامىلى : « ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزسلىرى »  دىن،2008- يىل نەشرى)

گېرمانىيەلىك ئىسلامشۇناس  پروفېسسور پائۇلا شرودې « بۇنداق بىر خەۋەرگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.  ئەسلىدە چوقۇم قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر سەۋەب ئېنىق بولغان بولسا ئىدى ياكى بىر گۇناھ سادىر قىلغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى.  بۇنداق بىر مەلۇمات بولغاندىلا باشقىلار ۋەقەنىڭ جەريانىنى كۆزىتەلەيتتى.  قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى بىلەلەيتتى. ئەپسۇسكى، ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولماستىن، ئۇنىڭ ئىز- دېرەكسىز غايىب بولۇشى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. ».

ھەي،خىتاي كوممۇنىستلىرى، سەنلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قانداقتۇر « دىنىي ئەسەبىلىك » ۋە « دىنىي ئاشقۇنلۇق » دېگەندەك بولمىغۇر گۈناھلارنى چاپلاپ، ئۇلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتىسىلەر. ئەندى كېلىپ گەنسۇ، نىڭشا، يۇننەن ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار ۋە تۈرك سالار مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نورمال ئىسلام دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ چەكلەۋاتىسىلەر. ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگە  قاريتا بۆزغۈنچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنۋاتىسىلەر. يۇننەن ئۆلكىسىدىكى 1600- يىللىرى سېلىنغان قەدىمىي تارىخىي مەسچىتنى يەرلىك مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن چاقماقچى بولىۋاتىسلەر؟ ئەندى سەنلەر گەنسۇ، نىڭشا ۋە يۇننەنلىك مۇسۇلمان تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئىتقادىغا بۆزغۈنچىلىق قىلىۋاتقىنىڭلارنى قانداق چۆشەندۈرۈسىلەر؟ ئۇلارمۇ سەنلەر « شىنجاڭ » دا تۆقۈپ چىقارغان قانداقتۇر « دىنىي ئاشقۇنلۇق »، « دىنىي ئەسەبىيلىك »، « بۆلگۈنچىلىك » ۋە « ئىككى يۈزلىمىچىلىك » لەر بىلەن ھەپلىشۋېتىپتىمۇ؟ سەنلەرنىڭ گەنسۇ، نىڭشا، يۇننەنلىك مۇسۇلمان تۇڭگانلار ۋە مۇسۇلمان تۈرك سالارلارغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان جىناىي قىلىمىشڭلار شۇنى ئېنىق ئاشكارلاپ بېرىدىكى، سەنلەرنىڭ شۇم نىيتڭلار پەقەت « شىنجاڭ » دىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي مىقىياسىدا ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى ۋە خەلقلەرنى يوقىتىشتىن  ئىبارەت.

«  فىرانسىيە ئاۋازى » نىڭ 7- يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 5- يانۋار كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى 8 ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرى خادىملىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 5 يىللىق «  ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش » پىلانىنى ماقۇللىغانلىقى ئېلان قىلىنغان . ».

« بۇ يىل ياز پەسلىدىكى ساياھىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بېقىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، جوئاننا سىمىس باشقا چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە قادىر بولالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: < قەشقەردە مەن نۇرلان مېھمانخانىسىغا چۈشتۈم. ئەسلىدە بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىسمى <<  سۇلتان مېھمانخانىسى >> ئىكەن. بۇ نام بەك سەزگۈر دەپ قارالغاچقا ئۇنىڭ نامى ئاشۇنداق ئۆزگەرتىلىپتۇ. بۇنىڭدىن ئازراقلا ماڭساق ھېيتگاھقا بارغىلى بولىدۇ. ھېيتگاھقا كىرىپ قارىسام تاملارغا نەقىش قىلىپ ئويۇلغان ئەرەبچە تېكىستلەر ئۆچۈرۈلۈپ، ئورنىغا << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت >> دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئېسىپ قويۇلۇپتۇ. مەن ئىلگىرى زىيارەت قىلغان بىرنەچچە مەسچىتكە بېرىپ باقسام ھەممىسىگە پېچەت سېلىپ قويۇپتۇ. يول بويىدىكى ئايالدىن بۇ مەسچىتكە كىرىدىغانلار نەدە، دەپ سورىسام << ھەممىسىنى ئەكەتتى >>  دېدى. نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى سورىسام ئۇ ئايال ئۈندىمىدى. بىز بۇ يەردە لاگېرلار ھەققىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشقان بىلەن ئۇ جايدا كىشىلەر لاگېر ھەققىدە سۆز قىلىشتىنمۇ قورقىدىكەن. مەن يول بويىدا گۈللەرنى سۇغىرىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگە ئۇ << ئارقىڭىزغا يېنىڭ. ماڭا سۆز قىلماڭ. سىز بىلەن گەپلەشسەم تۈگىمەس بالاغا قالىمەن>>، دەپلا گەپنى ئۈزۈۋەتتى. ».

30  يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم مۇنداق دېدى: « < ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېتىقادى بار كىشىلەرنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېتىقادتىن قورقىدۇ. ئۇلار كاتولىك مۇخلىسلىرىدىن، خرىستىئان مۇخلىسلىرىدىن، مۇسۇلمانلاردىن، فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىدىن قورقىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلاردا ئېتىقاد بولغىنى ئۈچۈن. چۈنكى، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، يەر ئاستى خرىستىيان مۇرىتلىرى بولسۇن، ياكى فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى بولسۇن ئۇلار كوممۇنىزىمغا ئىشەنمەيدۇ، كومپارتىيەگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كومپارتىيە كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئىشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئېتىقادى بولغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كومپارتىيەگە ئىشەنمەيدۇ. مانا بۇ مەسىلىنىڭ ھالقىلىق يېرى. مەن بۇنى ئەينى چاغدىلا ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. كومپارتىيە ئېتىقادى بولغان كىشىلەردىن بەك قورقىدۇ. >، < ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىغا 1000 يىللاردىن ئاشقان مىللەتلەر. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك تارىختا ھېچقانداق خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى باشقۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا كاشىلا قىلغان ئەمەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى يوق ئىدى. ئۇلار ناھايىتى تىنچ ئىناق ھالدا ئۇ جايلاردا ياشايتتى. كېيىنكى چاغلاردىكى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىمۇ يەرلىكتىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئارىلاشمىغان ئىدى. پەقەت كومپارتىيە دەۋرىدىلا بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى پەيدا بولدى. > ».

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خالىد بەيدون تەرىپىدىن يېزىلغان « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىسلام دىنى چوقۇم داۋالاش كېرەك بولغان << روھىي كېسەل >> » ناملىق ماقالىدا « ئاپتور << ئاتلانتىك >> ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى سىگال سامۇئەل خانىمنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى دوكلاتىمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا تۇتقۇنلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەيىبلەشكە زورلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەر كۈنى نەچچە سائەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەدھىيىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى يادلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى بىرمۇ بىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە ئەر تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىپ، ئىسلام دىنىدا ھارام بولغان چوشقا گۆشى ۋە ھاراق- شارابنىڭ مەجبۇرىي يېگۈزۈپ- ئىچۈرىلىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. >، < ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ << مېڭە يۇيۇش >> پروگراممىسىدىن كىچىك بالىلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان. لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت ئېچىۋالغان دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ قويۇلغان. ئاپتورنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ۋە مىللىي كىملىكىنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلاش ئىكەن. بۇ خىل دارىلئېتاملار تاشقى دۇنياغا << مەكتەپ >> دەپ تونۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى بالىلار دىنسىزلىق ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا، خىتاي كىيىم- كېچەكلىرىنى كىيىشكە شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋاز كېچىشكە قاراپ يۈزلەندۈرۈلۈۋاتقان ئىكەن.> ».

قىسقىسى، خىتاي جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا ئەبەدىي ئىگە بولۇش  مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سۆلاپ قىيناپ ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قالغان ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىملىكىدىكى  ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى  سىستېمىلىق ھالدا يوقاتماقتا.

Share
2370 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.