logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق شەرت-شارائىت ۋە ئامىللار

 

تارىم توغراق

 

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكى گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ يەھۇدىيلەرگە قاراتقان ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى «يەنە قايتا تەكرارلانمىسۇن» دېگەن بولسىمۇ، ئارىدىن 70 يىل ئۆتەر-ئۆتمەي بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قەبىھ ۋە دەھشەتلىك تۈردە يۈرگۈزۈلۈشكە باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق شەرت-شارائىت ۋە ئامىللارمۇ مەۋجۇت.  تۆۋەندە بۇ شەرت-شارائىت ۋە ئامىللار ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلىدۇ.

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىشى

 

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا «11- سېنتەبىر ۋەقەسى» سادىر بولغاندىن كېيىنكى دۇنيادا شەكىللەنگەن خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نى «خەلقئارالىق تېررورلۇق تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەنلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»دا پەقەت مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئاز ساندىكى بىر قانچە ئادەملەرنىڭ مەسىلىنى توغرا ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمەي، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچىلىقسۆيەر ئەنئەنىسى ۋە ئىرادىسىگە يات بولغان ناتوغرا يولنى تاللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشىغا بەرگەن جاۋابىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، 1949- يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى يەرلىك مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك رەزىل پىلانىنىڭ يىرتقۇچلۇق ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلاپ، دۆلەت دىكتاتورىسىنىڭ كۈچى- تۈرمە ۋە جازالىرى لاگېرى قاتارلىق ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى بىر يولىلا قىرىپ تۈگىتىشنى قارار قىلدى.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولماسلىقى

 

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت مۇنداق ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل ئىشقا قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىشىدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەب شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولىدىغان مۇستەقىل دۆلىتى بولماسلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە ئەينى زاماندا ئېيتقاندەك «مىللەتنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى ئۆز قولىدا بولمايدىكەن، قويچىسى يوق بىر پادا قويغا ئوخشاش يىرتقۇچ بۆرىلەرگە يەم بولۇپ، ئاخىرى ئىنقىزارغا ئۇچراپ يوقىلىدۇ.» (ئېلىخان تۆرە ساغۇنى: « تۈركىستان قايغۇسى» (1) دىن، 2007-  يىل نەشرى) 1949-يىلىدىن تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بۇ يىرتقۇچ بۆرىلەرگە  يەم بولماسلىقى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا ئىدى، خالاس.

گەرچە ئۇيغۇر خەلقى 1944- 1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا ھەرقايسى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قانلىق جەڭلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇستەقىل دۆلەت قورغان بولسىمۇ، بۇ جۇمھۇرىيەت 1945- يىلى فېۋرالدىكى خەلقئارالىق سىياسىي سودا- يالتا يىغىنىدا ئىتتىپاقداش ئۈچ دۆلەت- سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى  ئىستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىللارنىڭ بىر تەرەپتىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تۈپتىن زىت بولغان «يالتا كېلىشىمى»نى ئىمزالىشى تۈپەيلى ئىستالىننىڭ قولى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدا تاشقى ئامىل جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت نۆۋەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى بولغاچقا، بۇ ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ب د ت دا مەخسۇس يىغىن چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ،«ئۇيغۇر مەسىلىسى»نى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىق سالاھىيىتى

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىق سالاھىيىتى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قول سېلىشىقا جۈرئەت قىلىشىدىكى بىر ئامىل. ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئادەتتە ھەرقانداق  ئىشتا «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە تارتىدۇ.» بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارىتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

 

خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا قۇدرەت تېپىشى بىلەن

بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ھەمتاۋاق قىلىۋالغانلىقى

 

خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تېپىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا شۇغۇللىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماددىي ئاساسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ھەمتاۋاق قىلىۋالغانلىقى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىللىككە جۈرئەت قىلىشىدىكى يەنە بىر ئامىل.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا خوجا بولۇش، خەلقئارادا بازار تېپىش ۋە ئۆزىگە بېسىم بولۇۋاتقان «ئېشىنچا نوپۇسى» ئۈچۈن زېمىن تەييارلاشتىن ئىبارەت شۇم نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ بىر يول»دىن ئىبارەت دۇنياۋى خاراكتېردىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بىكارغا قۇرۇلۇش قىلىپ بېرىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەقسىز پۇل بېرىش ياكى تۆۋەن ئۆسۈمدە قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن بىر مۇنچە  دۆلەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلىدىغان قىلىۋالدى. بۇنىڭ روشەن ئىپادىسى 2018- يىل 6-يانۋاردا جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى»دا ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈلدى. خىتاي بىلەن ھەمتاۋاق بولۇۋالغان دۆلەتلەر«شىنجاڭ»دىكى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغاندەك، ھېچ نەرسىدىن خەۋىرى يوقتەك، بەز يېگەن مۈشۈكتەك لام- جىم دېمەي، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرۇۋالدى.  ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېيىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن دۇمباق چالدى.

 

كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىپ بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلىنىشى،

ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قانچە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى

 

1990-يىللاردىكى دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى  ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى چوڭ ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان غەربىي تۈركىستاندا تۈركلىرىنىڭ بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ بەرپا بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ چوڭ ۋەھىمىگە سېلىپ بىئارام قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇ رايونلارغا بولغان كونتروللۇقنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ باردى. ئاخىرى كېلىپ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتمىسا، كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ تۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى.

بەزى دۆلەتلەر ۋە بەزى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى

 

       بەزى دۆلەتلەر ۋە بەزى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىست ۋە مۇتەخەسسىس نىتىن كوكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ،2008-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خىتاينىڭ ئەركىنلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن. 2008‏-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن «ئولىمپىك خىتايدا ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن بۇ نارازىلىققا سەل قارالغان. نىتىن كوكانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاممىۋى گۇرۇھلار، ئاخبارات ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كېڭەيتمەيلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مۇسابىقە: «تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن دەۋر بۆلگۈچ نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ، ئۇلارغا خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە باستۇرۇشنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندەك سىگنال بەردى› دېگەن. ».

خالىد بەيدون تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ماقالىدە « نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر رايونىغا پەرۋاسىز قارىغانلىقى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق ب د ت بۇ مەسىلىنى سەھنىگە تاشلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ».

 

دۇنيادا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى

 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زاماندىكى مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى 1949- يىلى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئالىپتېكىن قاتارلىق بىر قانچە كىشىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى بىلەن باشلانغان. بۇ زاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلىرى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.

ھازىر چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش قوشۇنى زورايدى، مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇلغايدى. بۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان زور مۇستەقىللىق قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي سىياسىي پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاننى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت پەيدا قىلدى.  خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارالىشىپ كېتىشىدىن ئەۋەل شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك قوۋملىرىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىبارەت رەزىل نىيىتىگە كەلگەن. نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈرك قوۋملىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

 

خەلقئارادائۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى

 

گەرچە ئۇيغۇرلار تارىخى ئۇزۇن،پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە؛ تارىختا كۆكتۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىغا (قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى)، قاراخانىيلار دۆلىتى ۋە سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قورغان قەدىمىي بىر مىللەت بولسىمۇ،لېكىن دۇنيادا يېڭى سۇ يولى قاتنىشىنىڭ ئېچىلىشى تۈپەيلى ئاسىيا كىندىكىدىكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن ئاسىيانىڭ مەركىزىدە- شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىدىن يىراق بولۇپ قالدى. «بىر نەچچە ئەسىر جىمجىتلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن 17-ئەسىردىن باشلاپ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكە زېمىنىنى كېڭەيتىش رىقابىتى كەسكىنلىشىش چوڭ ۋەزىيەت ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارى ۋە نەزىرىنى يېڭىباشتىن جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوخشاش بولمىغان، دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئېكسپېدىتسىيەچى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ» خىزمەتلىرى (شىۋېتسىيە، نىلىس ئامبوت : «كارۋان»،2012-يىل نەشرى) ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار دۇنياغا قايتىدىن تونىلىشقا باشلاندى.

ھازىرقى كۈندە دۇنيادا كۆپلىگەن مەملىكەتلەردىكى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىملىرى بولسىمۇ، لېكىن يېتەرلىك ئەمەس. تا ھازىرغىچە بىر مۇنچىلىغان مەملىكەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتى يوق دېيەرلىك. ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ  ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېگەندەك مەلۇماتى يوق. شۇڭلاشقىمۇ بۇ يىل 6 – يانۋاردا  جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ « خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بەزى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولمىغاچقا سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى. خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تۆنىلىش دەرىجىسىنىمۇ ئويلاشقان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنى بىلىپ بولغىچە ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن.

 

ساختا تەشۋىقاتقا تايىنىش

 

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلغاندىن باشلاپ، خەلقئارالىق تەرغىب-تەشۋىقاتقا تايىنىپ،ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق، زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيەسى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپلا قالماستىن يەنە «شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دائىر  مەسىلىلەر» دېگەندەك ئاق تاشلىق كىتاب قاتارلىق مەخسۇس تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىپ،«شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باياشات ياشاۋاتىدۇ» دەپ جار سېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە قەرزگە بوغۇلغان «تەخسىكەش دۆلەتلەر»دىن «ئېكسكۇرسىيە ئۆمەك»لىرىنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئالدىن ياساپ قويغان «قايتا تەربىيەلەش مەركەز»لىرىنى «تاماشا» قىلدۇردى. تەخسىكەش «ئىكسكورسىيە ئۆمىكىدىكىلەر»نىڭ كۆپچىلىكى خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات جەھەتتىكى بۇ ساختىپەزلىكىنى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئېچىپ تاشلاش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ  كۈنتەرتىپىدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ خىل مۇدھىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ قىلىشىدا يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلىنغان تەرەپلەردىن ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولماسلىقى. ئۇيغۇرلارنىڭ 1944-يىلدا قورۇلغان مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك ئىرقىي قۇتۇلۇپ چىقىشىدا بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ بولماسلىقتەك مەجبۇرىيىتى بار.

2019-  يىلى ئاپرېل

 

Share
1206 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.