logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە ئورگانلاردا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم بولدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى، يېقىندا «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. يەنى چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئۇيغۇرلار ئۈندىدار سۇپىسىدىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا گەرچە، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ مەنبەسى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ بىر ئۈندىدار گۇرۇپپىسىدا 19-ئاپرېل تارقىتىلغانلىقى مەلۇم.

«دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىشنى تەلتۆكۈس ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرايلى» دېگەن تېما ئاستىدىكى بۇ ئۇچۇردا، دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپلەردە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىشلەتمىگەنلەرنى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا خىتايچىنى ئىشلەتمەيدىغانلار بايقالسا، «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارىدا ئىسمىنىڭ مائارىپ تارماقلىرىغا يوللىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا خىتاي تىلىنى قوللانمىغانلار بايقالسىمۇ ئوخشاش جازالىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر بىرىنى نازارەت قىلىپ، مەسئۇل بولۇش ئارقىلىق، سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىر تەرەپ قىلىنىشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاقسۇدىكى مائارىپ ئورۇنلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، مەلۇم ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرگە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ۋەزىپە قىلغاندىن سىرت، يېقىندا يەنە ئاقسۇ دائىرىلىرىنىڭ، بۇ يىل بېشىدا ئىدارە ئورگانلارغا مەخسۇس بىر تۇتاش ھۆججەت چۈشۈرۈپ خىزمەتچىلەرگە پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەش تەلىپىنى قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولۇشقا كۆزى يەتمەي يېقىندا، بالدۇر پېنسىيەگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە ئېرىنىڭ ئىشلەۋاتقان ئىدارىسىدىنمۇ يېقىندا خىزمەتچىلەرگە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىش تەلىپى قويۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئاقسۇ دائىرىلىرى بىلەن ئالقىلاشتۇق، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى، مائارىپ تارماقلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاقسۇ شەھەرلىك مىللىي ۋە دىن ئىشلار ئىشخانىسىدىن بىر خىتاي خادىم سوئاللىرىمىزغا قىسقىلا جاۋاب بەردى. ئۇ «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىشنى تەلتۆكۈس ئومۇمنلاشتۇرۇپ، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرايلى»، دېگەن ئۇنداق بىر ھۆججەت تارقىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ: «بىز ئۇنداق بىر ھۆججەت تارقاتمايمىز،» دېدى. ئەمما بىز ئىدارە ئورگانلاردا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىگىنىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ ئالدىراپ «ئىشلىتىۋاتمامدۇ، ئىزچىل ئىشلىتىۋاتىدىغۇ، ئەگەر ئورۇنلار ئۇنداق بىر تەدبىر ئالغان بولسىمۇ ئۇ، رادىكاللىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن» دەپلا باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كېڭەيتكەن ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن «تۇغقان» بولۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان شۇنداقلا ھەر ساھەلەر بويىچە داۋام قىلىۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرۇش» دولقۇنىدا ئۇيغۇرلار ھەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جازالىنىۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك جىددىي بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ باشقا جاي ۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردىئىكى چەكلىنىش ئەھۋالىنىمۇ ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە مەمۇرىي كادىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئايال، ئىدرە -ئورگانلاردا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى. «ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشقا بولمايدۇ دەپ شەرت قويدى» دېگەن بۇ ئايال، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورگاندىمۇ 3-ئايدا چۈشكەن مەخسۇس ھۆججەت بويىچە پەقەتلا «خەنزۇچە ئىشلىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى» نى، بۇنىڭ بىلەن خىمزەتلىرىگە قۇلايسىزلىق ۋە بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ چەكلىمە سەۋەبلىك ئۇچرىغان قىيىنچىلىقىنى لۇغەتلەردىن پايدىلىنىپ يۈرۈپ ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ زور بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە يېتىپ-قوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى تارقاتقان يېقىنقى خەۋەر ۋە ئىنكاسلاردىن، ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كادىرلارنىڭ ئۆزى ھۆددىگە ئالغان ئائىلە ئەزالىرىغا خىتايچە ئۆگىتىشنى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلغانلىقى مەلۇم ئىدى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىن مەلۇم كەنتكە ئېرى بىلەن تەڭ خىزمەتكە چۈشكەن بىر ئايال كادىر، نۆۋەتتە كادىرلارنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشقان، زىيارەت قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ خىتايچە سەۋىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ جەدۋەل تۇرغۇزۇپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە «دۆلەت ئورتاق تىلى» نى ئومۇملاشتۇرۇش مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر «خەنزۇ تىلىنى ئوئۇمۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارغا رادىكال ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى» ئىكەن. شۇڭا نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش تەدبىرىنى كەنتتىكى دېھقانلارغىمۇ كېڭەيتكەن ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، بىردەك خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بەلگىلىمىدە ئۇلارنىڭ بىردەك «دۆلەت تىلى» دا سۆزلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئىلگىرىكى دەلىللەشلىرىمىزدىن ھەتتا يەسلىلەردىكى بۇ چەكلىمىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىي، ئۇيغۇر كلاسسىك شەخسلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھاياتى ياكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم، ھۆسنى خەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ، تام گېزىتى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق كۆرۈنۈش چەكلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «دۆلەت تىلى» دېگەن نامدا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلى مائارىپىنى دەسسىتىشى ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى» دەپ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئىدارە-ئورگانلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى بولسا، دۇنيا مەتبۇئاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن كۈچلۈك تەنىقدلەر مەيدانغا كەلگەن بىر پەيتتە ئاشكارىلاندى.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلى بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرىي ھەم مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنى ئۆزلىرى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىشماقتا

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ikki-yuzlime-05222018165634.html

Share
1560 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.