logo

trugen jacn

خىتاي ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان تۆت ئۇيغۇر ھەققىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلدى

25954624

 جۈمە

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان تۆت ئۇيغۇر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ دەۋاسىنى قىلدى

چارشەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي باياناتچى خوڭ لېي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى چۈشىنىشكە چاقىردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن

ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «سۈرىيە، شام ئىسلام دۆلىتىگە» چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈندىكى باياناتىدا ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى تۇتقۇن قىلىنغان تۆت ئۇيغۇر مەسىلىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىككە چاقىرغان.

ئىلگىرى كامبودژا ۋە مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردە قولغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ، بۇ ئەللەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindoneziye-xitay-09172014165622.html

Share
1729 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.