logo

trugen jacn

خىتاي ھاكىمىيىتى پات يىقىندا يىقىلىدۇ.قانداق؟ ۋە ئۇيغۇرلار

2301327-hayalet-suvari

  مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مۇتلاق كۆپ قىسمى خىتاي كومىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى ئارزۇ قىلسىمۇ،ئاغدۇررىلىشىغا بەك ئىشىنەلمەيدۇ.چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى بەك كۈچلۈك،ئۇنى ئاغدۇرىۋىتەلەيدىغان كۈچ يوق.بۇ توغرا قاراش.ئامما،ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ كۆرۈنگەن يۈزۈنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنمىگەن يۈزى بار

پىزىكا قانۇنىدا ھەر بىر ماددا پارچىلىنىدۇ،پارچىلىنىش ماددىنىڭ ئىچىدىن باشلىنىدۇ.ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق جانلىق ئورگانىزىمىنىڭ بۇزۇلىشى ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن باشلىنىدۇ

بۇگۈن خىتاي ھاكىمىتى پارتىيە ئىچىدە “چرىكلىشىشكە،پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش” قىلىۋاتىدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ ئىچىدە 35-40 يىل ئاكتىپ رول ئالغان،پارتىيەنىڭ ئۇزۇن يىللق سىياسىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن بوشىلەي،جۇيۇڭكاڭ،لىڭجىخۇا،ھەربىي قۇماندان شۈيسەيخۇ….لار ۋە بۇلارغا چىتىلغان 10 مىڭلىغان خىتاي كومىنىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرى “پارىخورلۇق،چىرىكلىك” بىلەن ئىيىپلىنىپ تۇرمىلارغا تاشلاندى،خىزمىتىدىن ئىلىپ تاشلاندى،مال-مۈلۈكى تارتىۋىلىندى… بۇ،ئەسلىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى ھۇقۇق تالىشىش كۈرىشى.ئامما،كىمنى تارتىپ چىقارسا “ئەخلاقى جەھەتتىن پاھىشىۋزلىق،سىياسى جەھەتتىن ھۇقۇقنى پۇلغا ساتقان،،ختىسادى جەھەتتىن دۆلەت ئىختىسادىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان.” دەيدىغان ئوخشاش جىنايەتلەر

كىرنى كىر بىلەن تازىلاش مۇمكىن ئەمەس.كىرنى پەقەتلا سۇپۇن بىلەن تازىلاش مۇمكىن.چىرىگەن مىليۇنلىغان كومىنىست ئەمەلدارنى يىتىشتۈرگەن،ھۇقۇق بەرگەن،ھۇقۇقنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگەتكەن كومۇنىستىك تۈزۈمدۇر.چىرىگەن تۈزۈمنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىپ ھاكىمىيەتنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئارزۇسى،ئەيدىز بالا تۇغقان  ئەيدىز كىسىلى بىر ئانىنىڭ،ئۆز سۈتىنى ئەمدۈرۈپ بالىسىنى ياشىتىشقا ئۇرۇنىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس

بوشىلەي چۇڭچىڭدا يۈزمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسىنى “شەرق قىزاردى،كۈن چىقتى.جۇڭگودىن چىقتى ماۋزىدوڭ” دەپ ناخشا ئوقۇتىۋاتقاندا،ئايالى ئەنگىلىيەدە 3 چوڭ داچا سىتىۋالغان بولسا، ئوتتورا ۋە ئالىي مەكتەپنى ئەنگىلىيەدە پۈتتۈرگەن ئوغلى،ماستىرلىق ئۈچۈن ئامىركىغا كەلگەن ئىدى.قۇلىدا ئۆمۈر بۆيىچە ئەنگىلىيە،ئامىرىكىدا ياشاش بەلگىسى بولغان يىشىل كارتلار بار ئىدى.بوشىلەي تۇتۇلغاندىن كىيىن بۇ مەلۇماتلارنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاشكارىلىدى. بوشىلەي خىتاي ھاكىمىيىتىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۈرۈۋاتقان بىر قىزىل ئەمەلدار بولىشىغا قارىماي،ئائىلىسىنىڭ كىلەچەگىنى غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئىزدىدى . خىتاينىڭ ساقچى ۋە قانۇن ھۇقۇقىنى قولىدا تۇتقان جۇيڭكاڭنىڭ باشقا خوتۇنلارنى دەپ ئۆز ئايالىنى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى،خىتاينىڭ نىفىت-گاز شىركەتلىرىنى مۇنۇپول قىلىۋالغانلىقى،خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى،ھەربىي قۇماندان شۈيسەيخۇنىڭ ئۆيىدىن بىر توننىدىن ئارتۇق نەخ پۇل ۋە ئالتۇن-كۈمۈش چىققانلىقى… ھىچقنداق ھەيران قالارلىق ۋەقە ئەمەس.تۇتۇلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھىچ بىرسى جىنايى دىلو ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن تۇتۇلغان ئەمەس،بەلكى تۇتۇلغاندىن كىيىن جىنايى دىلو تۇرغۇزۇلغان،ئەگەر،جۇيۇڭكاڭ،بوشىلەي گۇروھى بۇرۇنراق ھەركەت قىلىپ،شىجىڭپىڭنى تۇتىۋالغان بولسا ئىدى،يەنە ئەينى جىنايەتنى شىنىڭ ئۈستىگە ئارتقان بولاتتى.خىتايدا ھىچقاندا بىر ئادەمنىڭ ھاياتى،مال-مۈلكى قانۇننىڭ كاپالىتىدە ئەمەس

چىرىكلەشكەن تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى ھۇقۇق بىر مەركەزگە مەركەزلەشكەن تۈزۈملەردۇر.چىرىگەن تۈزۈم ئاغدۇرۇلماستىن خىتاينىڭ پارىخورلۇق،چىرىكلىكتىن قۇتۇلىشى مۇمكىن ئەمەس

خىتايدا چىرىگەن سىياسى تۈزۈمنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىنى خىتاي خەلقىمۇ،دۇنيامۇ،خىتاي ھاكىمىيىتىڭ بىشىدا تۇرىۋاتقان گۇرۇھمۇ بىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.تارىختىكى ھىچبىر دىكتاتۇر تۈزۈم ھاكىمىيەتتىن ئۆزلىگىدىن ئايرىلغان ئەمەس. خىتاي ھاكىمىيىتى،ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن،مائارىپ،ئىنتەرنەت ساھەسىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىدى

خىتاينىڭ بىر مۇنچە زىيالىلىرى،گۇڭئچەنداڭنىڭ ئۆمرۈ ئاخىرلاشتى،قانۇنى سالاھىيىتىنى يۇقۇتۇپ قويدى.بىراق،ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىغا كىلىدىغان نامىزات كۇچ يوق.بۇنداق شارايىتتا ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ كەتسە،خىتاي خەلقىنىڭ بىشىغا بالايى-ئاپەت كىلىشى مۇمكىن، دىيىشىپ خىتاي خەلقىنىڭ تەپەككۇرىنى قالايمىقانلاشتۇرماقتا. بورىس يەتسىن 1991.يىلى 8.ئاينىڭ 19.كۈنى قىزىل مەيداندا تانكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ روس خەلقىگە ئەركىنلىك چاقىرقىدا بولۇنغاندا،گىگانىت سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدىغان ھىچقانداق كۇچ يوق ئىدى.روس خەلقىنىڭ قوللىشىدىن باشقا ھىچبىر ھەربىي،تەشكىلى كۈچكە ئىگە بولمىغان بورىس يەلتسىن 1991.يىلى 12.ئاينىڭ 8.كۈنى سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى،سەۋىت كومىنىست پارتىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى مەنئى قىلىنغانلىقىنى ۋە پارتىيەگە ئائىت بارلىق مال-مۈلۈك دۆلەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئىلان قىلغاندىمۇ،سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئونىنى تولدۇرىدىغان كۇچ يوق ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە سەۋىت كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر گۇرۇپ ئادەم قىزىل مەيدانغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا پىتىنالمىدى.خىتايدا 80 مىليوندىن ئارتۇق كومىنىست پارتىيە ئازاسى بار.ھاكىمىيەت يىقىلسا،ئۇلار توزغاقتەك تۈزۈپ كىتىدۇ.پۇللىرىنى ئىلىپ چەتئەلگە قاچىدۇ.چۈنكى،كومىنىزىم غايىسىگە ئىشىنىدىغان بىرمۇ خىتاي كومىنىست قالمىدى

بۈگۈنكى روسسىيەگە قارايدىغان بولساق، يەنىلا ئىختىسادى،ھەربىي كۇچ جەھەتتىن خىتايدىن كۈچلۈك.بۇگۈن روسسىيەدە سايلامغا قاتنىشىش ھۇقۇقىغا ئىرىشەلەيدىغان 50 دىن ئارتۇق سىياسى پارتىيە بار.كومىنىتىك پارتىيىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە

روسيە 1993-94.يىللىرى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن تەڭ ھۇقۇقلىق سۆزلەشمىسى ئىمازالىدى. (چىچەنىستان بىلەن ئۇ زامان ئىمزالىنالمىغان،كىيىن ئىمزالاندى) ئاز سانلىقلار دۆلەت مۇداپىيە،تاشقى ئىشلاردىن باشقا ھەممە ھۇقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتۇشقا موسكۇۋا قانۇنى كاپالەت بەرگەن.

خىتاي كومىنىستىك پارتىيسىنىڭ ئۆمرى ناھىيىتى ئاز قالدى.خىتاينىڭ سىياسى،ئىختىسادى،ھەربىي،ئىجتىمائى كىرزىسى ھەر ۋاقىت بىر يەردىن تۇيۇقسىز پارتلىشى ۋە پۈتۈن خىتاينى قاپلىشى مۇمكىن.خىتايغا بىردىنلا دىمۇكراتىيە كىلىشى مۇمكىن. ئامما بۇ ئۆزگۈرۈشتىن ئۇيغۇرلار نىمە مەنپەتكە ئىرىشىشى مۇمكىن؟

ئۇيغۇرلار شۇنى بىلىشى لازىمكى،شەرقى تۈركىستاندىن كومىنىستىك تۈزۈم كەتسىمۇ،كۆچمەن خىتاي نۇپۇسى كەتمەيدۇ.ۋەتىنىمىزدە 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن ئۇزۇقلىنىپ كۈنۈپ قالغان بىر قانچە ئەۋلات پارازىت خىتاي ھۇقۇقدار قاتلىمى بار.ئۇلار ئۇزۇقلىنىش مەنبەسىدىن ھارقانداق شارايىتتا ۋاز كەچمەيدۇ

خىتايلار ئۆزلىرىگە سادىق بولغان ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەت ئالماشقان دەۋىرلەردە قەدىرلەپ ئىشلىتىدۇ.گۇڭسەنداڭ،گومىنداڭچى ئۇيغۇرلارنى دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەتىۋالاپ ئىشلەتكەنلىگىگە ئوخشاش.خائىن ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ بۇ مىتودىنى ياخشى بىلىدۇ.خۇددى 1949.يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىدىكى شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمەت،ئارمىيە باشلىقلىرى،تىكەسكە چىقىمەن،نىلقىغا بارىمەن،ئالماتاغا داۋالانغىلى كىتىۋاتىمەن….” دەپ بىر-بىرى بىلەن خوشلۇشۇپ،ئۈرۈمچىدە ۋاڭجىننىڭ ئالدىدا ئۇچۇرىشىپ قالغاندەك ئىشلار يەنە تەكرارلىنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.ئەگەر خىتايغا دىموكراتىيە كەلسە،ھازىر چەتئەلدە بەيجىڭغا،ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشقا كۈن ساناپ تۇرىۋاتقان “داھىلار”، “مىللىي يولباشچىلار”، “ئۇيغۇر ۋەكىلى”لەر بار.ۋەتەندە زەربە يەپ تۇرمىدا ھايات قالغان،چەتكە قىقىلغان ئۇيغۇر زىيالىلار،دىنيى يولباشچىلارمۇ تۇرمىدىن چىقىدۇ.چەتئەلدىن كەلگەن “يولباشچى”لار بىلەن ۋەتەندە زۇلۇم كۆرگەن “يولباشچىلار”نى تالاشتۇرۇپ ئوينايدىغان تەجىربىلىك “خوجايىن”لار يەنە بار

ئۇيغۇر خەلقى تارىخ ياراتقان،ئامما تارىخ يىزىشنى بەك ئۈگەنمىگەن خەلق.ئارىمىزدا بىر كۈن بايرام بولسا،بىر يىللىق مۇسىبەتنى ئۇنۇتۇپ كىتىدىغان ئادەملەر كۆپ.سىياسى ھاۋا ئازىراق يۇمشىدىمۇ،دىنىمىزنى بەردى،مئاارىپىمىزنى بەردى،پاسپورتلىرىمىزنى بەردى،ئۆرپە-ئادەتلىرمىزنى چەكلىمىدى…” دىيىشىپ يەنە بىخۇتلۇق ئىچىدە مىللىي كىلەچىگىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كىچىدىغان “ئەقىللىقلار” ئاز ئەمەس. كومىنىست خىتايلار يىڭى كەلگەندىمۇ،دىنىمىزنى،مەدىنىيىتىمىزنى،تلىمىزنى،ئۆرپە-ئادتىتىمىزنى چەكلىمىگەن.مىللى مائارىپىمىزنى رىۋاجىلاندۇرش ئۈچۈن مەبلەخ سالغان.ئۇيغۇر كادىرلارنى تۈركۈملەپ ئۆستۈرگەن.جەنۇپتىكى يىزىلاردىن ئۈرۈمچى،مايتاغ،قاراماي…لارغا ئىشچى ئالغان.بۇگۈنچۇ؟ دۆلەتتىن مائاش ئىلىۋاتقان ئۇيغۇردىن،دۆلەتنىڭ تۇرمىلىرىدا يىتىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى كۆپ.80% ئۇيغۇر ئۆز ۋەتىنىدە ئىشسىز.چۇيداڭۋىنىڭ 15 نەپەر دايىمى ئازاسى ئارسىدا ئاران 4 نەپەر ئۇيغۇر بار.ساتقىنلىق قىلىشتا دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان خائىنلارغىمۇ ھاكىمىيەتتە ئورۇن يوق.بەزىلىرى دەرۋازا ئالدىدىكى ئىشىتتەك قوساق كۆپۈگۈدىن بەزىدە غىڭشىپ قويىدۇ،خالاس

قىسقىسى،باھار كەلگەندە دىھقاننىڭ تەييارلىقى بولمىسا،يەر ئاق قالىدۇ. كەلكۈن كەلگەندە سۇنى باشلايدىغان ئىرىق-ئۆستەڭ،سۇ ئامبىرى بولمىسا سەل يۈرتنى باسىدۇ،سۇ ئاپىتى بولىدۇ.خىتايغا كىلىدىغان دىموكراتىيە،ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتكۈنچى بىر مۇددەتلىك قىسمەن ھۇزۇر ئەلىپ كىلىشى مۇمكىن.بۇ دىموكراتىيەدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا ۋەتەن مىقياسىدا سىستىمىلىق تەشكىللىنىش شەرت

دىموكراتىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يىتەرلىك ئەمەس.تۈركىيە 1946.يىلى كۆپ پارتىيەلىك دىموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتكەن ئىدى.دىموكراتىك تۈركىيەدە كۈرت خەلقىنىڭ ئانا تىل،مىللىي مەدىنىيەت مەسىلىسى ھەل بولمىدى.30 يىللىق قۇراللىق كۈرەشتىن كىيىن بۇگۈن ۋەزىيەت ھەل بولىشقا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.ئىسپانىيە دىموكىراتىك ياۋرۇپا دۆلىتى.باسىكلار 100 يىلدىن ئارتۇق سىياسى ۋە قۇراللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1978.يىلى ئاپتونومىيە ھۇقۇقىغا ئىرىشتى. مىللىي مەسىلىنى،مللەتنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنى دىموكراتىيە ھەل قىلىدۇ،دەپ قاراش بالىلارچە خىيالدىن باشقا   نەرسە ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايغا كىلىدىغان دىموكىراتىيە،پۈتكۈل تارىخىدا دىموكىراتىيەنى كۆرۈپ باقمىغان خىتاي خەلقىگە كىلىدۇ.قارغۇ ئادەم ئۈچۈن كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوقتۇر

ئۇيغۇر مىللىتى تارىخنىڭ ھىچبىر دەۋرىدە بۇگۈنكى كۈندىكىدەك ئويغاق ۋە ئۆز كىلەچەگى توغرۇلۇق پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ئەمەس.ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار مىسلىسىز قەھرىمان ۋە ئىنتايىن ئاكتىپ.ئۇلار،تەييار داستىخانغا ئۈلگۈرۈپ بارغۇچىلارغا بەك كۈلۈمسىرەپ قارىماسلىقى مۇمكىن

ئۇنداقتا ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ۋەتەندىكىلەرگە ئاپىرىدىغان سوغىسى نىمە بولىدۇ؟ ھەركىم بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشى كىرەك.پىكىر بىرلىگى بولغانلار بىر يەرگە جەم بولسا كىلەچەك ئۈچۈن بەزى يوللار ئىچىلىشى مۇمكىن

 

يىل.2015. 2 .ئاينىڭ 17.كۈنى

Share
4381 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.