logo

trugen jacn

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن مۇھاكىمە باشلىدى

f6024f62-ec86-40a4-aef4-da3a1aca23b6

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باش ساھىبخانىلىقى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، ئەركىنلىك ئۆيى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا، «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» 27-ئاپرېل ئامېرىكا بەدېستا شەھىرىگە جايلاشقان ياشلار كۇلۇبىدا ئېچىلىشقا باشلىدى. مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمىگە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن، خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى ھەمدە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتىگە ۋەكىل بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسىدىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشتى. مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە 4 كۈن داۋاملىشىدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، يىغىن تەشكىللىگۈچى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى، يىغىن مەقسىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق كۈچلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، دىن، مىللەت چېگرا ھالقىغان بىر ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش ۋە ئورتاق ئىتتىپاقداش ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق خىتايغا دېموكراتىيىنى ئېلىپ كىرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى. 30-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ خەلقئارالىق مۇھاكىمىگە، ھەمكارلاشقان 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر، ئىسلام، بۇددا، خرىستىئان، فالۇنگۇڭ قاتارلىق ئوخشىمىغان دىنىدىكىلەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ماكاۋلىقلار، ئوخشىمىغان ئاشكارا ۋە مەخپىي ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، مۇستەقىل گۇرۇھلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىدىن دولقۇن،ئەيسا، دىلشات رىشىت، ئىلشات ھەسەن، زۇبەيرە شەمسىدىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى 2000-يىلىدىن بۇيان بۇ خىل دىن، مىللەت، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇھاكىمىسىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك يىغىنلار بوستون، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، تەيۋەن، كالىفورنىيە، قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىزچىل بۇ خىل مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تېمىدىكى مۇھاكىمىنىڭ 2000-يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى «بىز دېموكراتىك ھەرىكەت رەھبەرلىرى بۇ يەردە، مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان ھالدا تارىختا تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولدۇق. بىز تۇنجى قېتىم ئەندىشىسىز، ئۆزىمىز خالاپ ئادالەت، ئازادلىق ۋە سۆيگۈمىز ئۈچۈن ئۇيۇشتۇق، ئورنىمىزدىن تەڭ تۇردۇق» دېگەن ئىدى.

بۈگۈن ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياڭ جيەنلى ئەپەندى، 15 يىل ئاۋۋال بۇ خىل ئىدىيە بىلەن باشلانغان مەزكۇر مۇھاكىمىنىڭ بۈگۈنكى 10-نۆۋەتلىك يىغىلىشىنى ئېچىشقىچە بولغان مۇساپىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۇتۇقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ۋە دىن، مىللەت ھەمدە چېگرا ھالقىغان بۇنداق بىر ھەمكارلىقنىڭ خىتايغا دېموكراتىيىنىڭ تەسىرىنى ئېلىپ كىرىشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنستلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر قانداق مىللەت، خەلق ۋە ياكى ئېتنىك گۇرۇپپىلار، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رىجىملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش، ئادالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە دىن، مىللەت ۋە چېگرا ھالقىغان بىر يۈكسەك ھەمكارلىققا موھتاج، يەنى ئىنتايىن كەڭ مەنىگە ئىگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان، ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىشقان بىر ئورتاقلىققا موھتاج. ئەلۋەتتە بۇنداق بىر ئىدىيىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىر يەرگە توپلىنىشىمىزنىڭ ئۆزى باشلىنىش، بىر غەلىبە. توغرا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بىر، ئۇ بولسىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ھەممىمىز ئوخشاش بىر سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، ئوخشاش بىر كۈچنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بولساقمۇ، ھەتتا خىتاي ئىچىدە ئەمەس، چەتئەلدە ئەركىن ئەللەردە بولساقمۇ دەسلەپ بىرنىڭ بىر يەرگە كېلىشىمىز ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچە ئاسان بولمىدى، بىز دەسلەپ ئۆز-ئارا مۇنازىلەشتۇق، ھەتتا پىكىر ئىختىلاپلىرى تۆپەيلى چېچىلدۇق، ئەمما مۇشۇ بىر يەرگە توپلىنىش بىلەن بۇ جەرياندا ئاستا-ئاستا بىر-بىرىمىزنى، ئارزۇلىرىمىزنى،دەردىمىزنى چۈشىنىشتۇق، ئەمدى قارىساق، ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنى، بىر-بىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئورتاق بىر كۈچكە ئايلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ خەلقئارادا ۋە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىمىز، كەلگۈسى پىلانلىرىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈملۈك ئىسىتراتېگىيەنى تېپىش ئۈچۈن ئورتاق باش قاتۇرىدىغان سەۋىيىگە كەلدۇق. بىز مۇشۇنداق بىر مۇھاكىمە مەيدانى ئارقىلىق ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىق، نەپرەت، چۈشەنمەسلىكلەرنى يېڭىمىز، بىز ئۇيۇشقاندىلا ئۆز-ئارا ياردەم قىلالايمىز، كۈچلىنەلەيمىز، غەلىبە قىلالايمىز، ئارزۇلىرىمىزغا يېتەلەيمىز. بۇ قېتىمقى مەقسىتىمىزمۇ ئەلۋەتتە خىتايغا دېموكراتىيىنى ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئەڭ تېز ئەڭ ئۈنۈملۈك يولنى ھەمكارلىشىپ تېپىش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھاكىمىدىن باشلاپ ئىشتىراك قىلىپ ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئۆز-ئارا چۈشىنىش جەريانىدا شۇنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇدۇمكى، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن تىنچلىقپەرۋەر خەلق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى رادىكال يوللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقسىز كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر، ھەتتا خىتاي مىللىتىنىڭ ئىچىگىمۇ ئىتتىپاقسىزلىق، ئۆز-ئارا زىددىيەت سالماقتا. ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز ئىنسانلار، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خىتاي بولسۇن، ئۇيغۇر بولسۇن، موڭغۇل ياكى تىبەت دوستلار بولسۇن ھەممىمىز ناھايىتى نورمال ئىنسانىي مۇناسىۋەتتە، ھەمكارلىشالايمىز، ئىختىلاپسىز بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز. خىتاي بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزدىن قورقىدۇ، ھەمكارلىقىمىز ئۇنى ئەندىشىگە سالىدۇ، چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىگە نارازى بولۇۋاتقانلارنىڭ ئۆزىگە قارشى ئۇيۇشۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ كۈچىنىڭ، ئادالەتنىڭ كۈچىنىڭ غايەت زورلۇقىنى بىلىدۇ. خىتاي ئىچىدە ئۇلار ئىختىيارلىقى بىلەن بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ، ئەمما بىز دېموكراتىك ئەللەردە خىتاينىڭ رىجىمىدىن، دەخلىسىدىن، ئەرزىيەت يەتكۈزۈشىدىن قورقماي ئىختىيارىمىز بىلەن بىر يەرگە كېلەلەيمىز، بىز ھەمكارلىقىمىزنى خىتاي ئىچىدە ياشاۋاتقانلارغىمۇ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىگە، بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىغا تۈرتكە بۆلىشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدا مەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دوستلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.

مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمىگە تىبەتلەرگە شۇنداقلا تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاماغا ۋاكالىتەن دارامسالادىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى پارلامېنت ئەزاسى Tenpa Yarphel، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارادا ھەر جەھەتتىن تەسىر كۈچى كۈچىيىۋاتقان، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل دىندىكىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ تىنچلىق يولىدا خەلقئارادا داۋايىمىزنى ئاقتۇرۇش ۋە دۇنيانى خىتايغا قارشى خىتايدىكى مەسىلىلەرگە قارشى بىر ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئۇيۇشۇشىمىز تەخىرسىز بىر تاللاش. بىزنىڭ كۈچىمىز ھەققانىيەتنىڭ كۈچى، ھامان غەلىبە قىلىدىغانغا ئىشىنىمىز. بىز ھەممىمىز تىنچلىققا، بەختكە موھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاقلىشىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىلغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشالمىز. سىلەرگە دالاي لامانىڭ سالىمىنى بىرگە ئېلىپ كەلدىم.» دېدى.

مۇھاكىمىگە قاتناشقا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قايسى تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن قاتناشمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۇھاكىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئاراغا يەنىمۇ ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش يولىدىكى يەنە بىر ياخشى پۇرسەت دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 4 كۈن داۋاملىشىدۇ. يىغىن جەريانىدا ئىشتىراكچىلار گۇرۇپپىلىق مۇھاكىمە مەيدانلىرىدا، خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت، قانۇن، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت،ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئوخشىمىغان تېمىلاردا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارىدۇ، مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» نى تېما قىلغان يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمىلىرى ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇ ھەقتە كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا يىغىن مەيدانىدىن داۋاملىق مەلۇمات يەتكۈزىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/demokratik-kuchler-04272015154550.html

Share
1534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.