logo

trugen jacn
13 دېكابىر 2014

خىتاي پائالىيەتچى سوتتا ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي نەپرەتكە قۇتراتقانلىقىنى رەت قىلدى

17501632654347245040

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭ چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىككە ۋە خەنزۇلارغا قارشى مىللىي نەپرەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. بىراق ئۇ سوتتا ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى رەت قىلغان.

پۇ جىچياڭ بۇ يىل 6-ئايدا «پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش، باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. بىراق تەپتىش ئورگىنى ئۇنىڭ «كۈنمىڭ ۋەقەسى» دە تورغا يازغان پىكرىنى باھانە دەلىل قىلىپ، يۇقىرىقى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «كۈنمىڭ ۋەقەسى» نى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە باغلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ نۇرغۇن گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان.
پۇ جىچياڭ 2013‏- يىلى 1‏-مارت «كۈنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن توردا پىكىر بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ئارتقانلىقىغا قايىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، «چىقىم ئىنتايىن ئېغىر، ئاقىۋىتى ئىنتايىن قەبىھ بۇ ۋەقەدە-پارتىيە شۇنىڭغا جاۋاب بەرسۇن، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنىڭ بۇ رەھىمسىزلىكىدە مېنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىم يوق دېيىش مېنى قەتئىي قايىل قىلالمىدى» دېگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-sot-12122014164655.html

Share
1485 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.